ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دەپسەندىچىلىكىگە قارشى «كوللېكتىپ ھەرىكەت» قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 5-فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى «كوللېكتىپ ھەرىكەت» قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇنىڭ خوڭكوڭنىڭ سايلام سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى نېد پرايىس جۈمە كۈندىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ۋاشىنگتوننىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارغا قاراتقان زىيانكەشلىكلىرى ۋە خوڭكوڭدا ئېلىپ بارغان باستۇرۇشنى ئورتاق رەۋىشتە ئەيىبلەش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

نېد پرايىس مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە ھېچكىم خەلقئارانىڭ شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا قايتۇرغان ئىنكاسىدىن رازى ئەمەس. مانا بۇ دەل بىزنىڭ شىنجاڭ ۋە باشقا جايلاردىكى كىشىلىك بۇزغۇنچىلىقىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن تەرەپلەردە دۇنيانى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، كوللېكتىپ ھەرىكەت قوزغايدىغانلىقىمىزدىكى سەۋەب.»

بايدېن ھۆكۈمىتى سابىق ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق قارارى» نى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى جۈمە كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا خوڭكوڭنىڭ شەھەر رەھبىرىنى تاللايدىغان سايلام كومىتېتىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ خوڭكوڭغا بولغان كونتروللۇقىنى كۈچەيتكەن.

نېد پرايىس بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ «خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك ئورگانلارغا قاراتقان ئۈزلۈكسىز ھۇجۇملىرىنى» ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە «ئەگەر بۇ تەدبىرلەر يولغا قويۇلسا، خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىك تۈزۈلمىسىگە زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ» دېدى.