ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كارولىنا شتاتىدا تۇرۇشلۇق 16 ياشلىق قىز توردا مۇراجىئەتنامە يوللاپ، خەلقنىڭ ئىمزاسى ئارقىلىق ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىنى توسۇش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىشىنى تەلەپ قىلغان. بۇ مۇراجىئەتنامىگە ھازىر 2315 تىن ئارتۇق ئىمزا قويۇلغان.
بىز سىدنېي ئىسىملىك 16 ياشلىق قىزنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇق. ئۇ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىنى توسۇش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاش مۇراجىئەتنامىسى يوللاشتىكى سەۋەبى ۋە نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلىشنى تاللىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ كۆپچىلىككە ئۆزىنىڭ بارلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ تېزدىن ئەركىنلىككە چىقىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۆۋەندە ئاڭلىغۇچىلارغا سىدنېى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنى سۇنىمىز.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: ئۆزىڭىزنى ۋە نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟
سىدنېي: ئىسمىم سىدنېي، 16 ياشقا كىردىم. ھازىر دۆلەت مەجلىسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىنى توسۇش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاشقا قايىل قىلىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىن قىلىنىۋاتقانلىقىنى قاچان بىلگەن ئىدىڭىز؟
سىدنېي: 9-ئايدا ئىنىستىگرامدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى يازمىنى كۆرگىنىمدە يۈرىكىم قاتتىق ئاغرىدى ۋە شۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىش نىيىتىگە كەلدىم. مەن بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىنى توسۇش قانۇنىنى بىلدىم ھەمدە بۇ توغرۇلۇق مۇراجىئەتمە ئېلان قىلدىم.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: مۇراجىئەتنامە قانداقراق كېتىۋاتىدۇ؟
سىدنېي: ھەقىقەتەن ياخشى بولۇۋاتىدۇ. ھازىر ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئىمزا توپلاندى، بۇ مېنى ناھايىتى خۇشال قىلدى.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: سىز دۆلەت مەجلىسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىنى توسۇش قانۇنىنى ماقۇللاشقا چاقىرغان بۇ مۇراجىئەتنامىنى باشلاپسىز. ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى سۆزلەشكە نېمە سەۋەب بولدى؟ نېمە ئۈچۈن بۇ ئىشنى قىلىشنى تاللىدىڭىز؟
سىدنېي: ماڭا نىسبەتەن بۇ ئىشنى قىلىش توغرا تۇيۇلدى، چۈنكى بۇنداق ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىش 21-ئەسىردە يەنى بۇنداق بىر زامانىۋى دۇنيادا يۈز بەرمەسلىكى كېرەك. بىز بۇلارنى مەكتەپتە ئۆگەنگەن، ئەمەلىيەتتە يۈز بەرمەيدۇ دەپ ئويلايتتىم، رېئال تۇرمۇشتا يۈز بەرگەندە نېمە قىلىشنى بىلمەيتتىم. ھازىر بۇ ئىشلار ئەمەلىيەتتە يۈز بېرىۋاتىدۇ، شۇڭا مەن نېمە ئۈچۈن مۇراجىئەتنامە باشلىمايمەن، بەلكىم مۇشۇ ئىشنى قىلىش ئارقىلىق ئاشۇ كىشىلەرگە ياردەم بېرەلىشىم مۇمكىن، دەپ ئويلىدىم.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: كوكاكولا، نايك ۋە ھەر قايسى تىجارەت شىركەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىنى توسۇش قانۇنىنىڭ ماقۇللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
سىدنېي: مېنىڭچە ئۇلار لوبىچىيلىق قىلماسلىقى كېرەك، چۈنكى كىشىلىك ھوقۇق كىشىلەرنىڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچىدىن پايدىلىنىپ پۇل تېپىشىدىن مۇھىمراق. بۇ شىركەتلەرنىڭ بايلىقى ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىنسانىي ئەخلاققا ئۇيغۇن يوللار بىلەن ئىشلەشكە يېتىدۇ. شۇڭا بۇ كىشىلەرنى ئازاد قىلىش ئەرزان ئەمگەك كۈچىدىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ كۆپ پايدا ئېلىشقا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: خىتاي ئامېرىكانىڭ تىجارەتتىكى ئۈچىنچى چوڭ شېرىكى، شۇڭا ئۇلار خىتايدىن نۇرغۇن مال ئىمپورت قىلىدۇ. دۆلەت مەجلىسى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە نېمىلەرنى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىسىز؟
سىدنېي: مەن دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىنى توسۇش قانۇنىنى ماقۇللىشىنى، ئاندىن پرېزىدېنتنىڭ ئىمزا قويۇشىنى ۋە باشقا دۆلەتلەرمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قانۇنلارنى ماقۇللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى بۇ قانۇن ماقۇللانسا، پايدىنى قوغلىشىپ مەجبۇرلانغان ئەمگەكچىلەرنى ئىشلەتكەن شىركەتلەر بىلەن سودا قىلىش قانۇنسىزلىق بولىدۇ. دېمەكچىمەنكى، بۇ ھەقىقەتەن بىر ياخشى ئىش، چۈنكى بۇ قانۇن لايىھەسى ئاشۇ كىشىلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ قان-تەرى بىز ئىشلىتىدىغان مەھسۇلاتلاردا بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ يەنە نۆۋەتتىكى چەكلىمىلەرنى ئىجرا قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىن پاختا ۋە پەمىدۇرلارنى ئىمپورت قىلىشنى داۋاملىق چەكلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بۇ چەكلىمىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىنى توسۇش قانۇنىنى ماقۇللاشقا ئوخشاش بارلىق مەھسۇلاتلارغا كېڭەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: ئاۋام پالاتاسىنىڭ ۋەكىلى يېقىندا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىنى توسۇش قانۇنىنى پارلامېنتنىڭ ئىككىلا پالاتاسىدا قايتا ئوتتۇرىغا قويدى، باشقىلار بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن نېمە قىلالايدۇ؟
سىدنېي: مېنىڭچە ئۇلار ئالدى بىلەن مەن ئوتتۇرىغا قويغان مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويۇشى كېرەك، بۇ ئۇلارنىڭ پارلامېنتقا بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشنىڭ ئاسان بىر يولى. ئەمما ھەممىدىن مۇھىمى، كىشىلەر ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان يەرلەرنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇلارغا بىلدۈرۈش كېرەك. بۇ زىيارەتتىن كېيىن مەن ئۆز رايونۇمدىكى كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ۋە ۋەكىللىرى بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئالاقىلىشىمەن، چۈنكى بىز ھەر بىر ئىشخانىنىڭ ئىشىكىنى چېكىپ كىرىپ دەردىمىزنى ئاڭلاتقاندىلا ئۇلار سۆزلىرىمىزگە قۇلاق سېلىشى ۋە بۇ قانۇنغا دىققىتىنى بېرىشى مۇمكىن.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: 19-يانۋار ئامېرىكا تۇنجى بولۇپ خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ دەپ رەسمىي ئېلان قىلغان دۆلەت بولۇپ قالدى. سىزنىڭچە، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلىشىنى نېمە توسىدۇ؟ دۇنيا رەھبەرلىرى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر كرىزىسىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېيىشنى خالىمايدۇ؟
سىدنېي: مېنىڭچە، دۇنيا رەھبەرلىرى قانداق ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى تازا ئېنىق بىلمىسە كېرەك، شۇڭا بۇ ئىشلارنى بىلىدىغانلار يېتەرلىك بولمىغاچقا بۇنىڭ ئۈچۈن سۆزلەيدىغانلارمۇ يېتەرلىك بولمايۋاتىدۇ. ئەمما پات ئارىدا ئەنگلىيەنىڭ تېلېفون ئارقىلىق بېلەت تاشلايدىغانلىقىنى بىلىمەن، باشقا دۆلەتلەردىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭمۇ خەۋەردار بولۇشىنى ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلىشىنى ۋە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: سىز بۇ پائالىيەتنى قاچان باشلىغان؟ ھەمدە بۇ پائالىيىتىڭىزنىڭ ھازىرچە قانداق نەتىجىسىنى كۆرۈپ باقتىڭىز؟
سىدنېي: مەن بۇلتۇر ئۆكتەبىردە باشلىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن مەن ئۆزۈم تۇرۇشلۇق رايوندىكى كېڭەش پالاتا ئەزاسى بۇرس بىلەن ئۇنىڭ ئىشخانىسىدا كۆرۈشتۈم، يەنە باشقا بىر كېڭەش پالاتا ئەزاسى ۋە تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ باشلىقى بىلەنمۇ مۇشۇ جۈمە كۈنى كۆرۈشمەكچىمەن. مەن بۇ ئىشنى باشلىغاندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بۇ قانۇن لايىھىسىگە ئىمزا قويدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قانۇن لايىھەسى ئاۋام پالاتاسىدا قايتا ئوتتۇرىغا قويۇلدى، مېنىڭ بۇ ئىشتا ئوينىغان ئازراق رولۇم بار دەپ قارايمەن. شۇڭا يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئىشلار مېنى ھەقىقەتەن خۇشال قىلىدۇ.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: سىز ياكى سىزگە ئوخشاش خىتايلارنىڭ بۇ ۋەھشىيلىكىنى توختىتىشنى ئۈمىد قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بۇ قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايسىلەر؟
سىدنېي: ھازىرقى ۋاقىتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىنى توسۇش قانۇنىنى ۋە ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىدىغان باشقا قانۇنلارنىڭ ماقۇللىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش. يەنە باشقىلارنى تەربىيەلەشمۇ ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، مەن ئائىلەمدىكىلەرگە بىلدۈرىمەن ۋە ئائىلەمنى تەربىيەلەيمەن.
بىزگە ئوخشاش ئوقۇغۇچىلار ئائىلىسىدىكىلەرنى ۋە دوستلىرىنى تەربىيەلەيدۇ، شۇنداق قىلىش ئارقىلىق بۇ ۋەھشىيلىكنى پات ئارىدا ئاخىرلاشتۇرالىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەن كۆپچىلىككە ئۆزۈمنىڭ بارلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىمنى بىلدۈرمەكچى، چۈنكى ئۇلارنىڭ تېزدىن ئەركىنلىككە چىقىشىنى ئارزۇ قىلىمەن. مەن بۇ ئارزۇيۇمنىڭ ھامان بىر كۈنى ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، ئەمما شۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشىمىزغا ۋە نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.