8-مارت ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ تەد دوچ، جەننىفىر ۋېكىستون، مارىيو دىياز ۋە كىرستوفېر سىمىت قاتارلىق تۆت نەپەر ئەزاسى ئۇيغۇرلارنى ئالاھىدە مۇساپىرلىق ئىمتىيازى بىلەن ئامېرىكىغا قوبۇل قىلىدىغان بىر قانۇن لايىھەسىنى تونۇشتۇرغان.
تەد دۇچ «يېرۇسالېم پوچتىسى گېزىتى» كە قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «يەھۇدىي ۋە ئامېرىكىلىق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتۈشتە ئەخلاقىي مەسئۇلىيىتىمىز بار. مەن ئېلىمىزنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىلەرگە پاناھلىق بەرگەن تارىخىدىن پەخىرلىنىمەن، ئەمما مەن بىر يەھۇدىي بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىلگىرىكى مۇساپىرلارنى ۋاقتىدا قۇتۇلدۇرالمىغانلىقىمىزنىمۇ ئوبدان بىلىمەن.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى پويىزغا يۈكلەپ لاگېرلارغا يوللىغىنىدا، ئەمەلدارلار ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ساقاللىرىنى مەجبۇرىي كېسىۋەتكىنىدە، قىيناش ۋە مەدەنىيەت باستۇرۇشلىرى ئۇيغۇرلارنى ئۆز كىملىكىدىن ئايرىشقا ئىشلىتىلگىنىدە بىز قول قوشتۇرۇپ تۇرالمايمىز. تارىخىمىز ۋە قىممەت قارىشىمىز بىزنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە قىستايدۇ.»
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تور بېتىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى دۆلەت مەجلىسىدە تونۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن، قانۇن كومىتېتى ۋە تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىغا ھاۋالە قىلىنغان. مەزكۇر قانۇننى قاچان ئاۋازغا قويۇش قارارىنى ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىم چىقىرىدىكەن.
ئەگەر بۇ قانۇن لايىھەسى ماقۇللانسا، زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن مۇئەييەن كىشىلەر توپىغا بېرىلىدىغان «P-2» يەنى «ئەڭ ئاۋۋال بىر تەرەپ قىلىنىدىغان مۇساپىرلار» كاتېگورىيەسى بويىچە ئامېرىكىغا يەرلەشتۈرۈلۈش ئىمكانىغا ئېرىشىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئىلگىرى سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى ۋە كۇبا ۋە ۋىيېتناملىق مۇساپىرلار مۇشۇ كاتېگورىيە بويىچە ئامېرىكاغا يەرلەشتۈرۈلگەن ئىكەن.