ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىگە جايلاشقان روچېستىر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى «جۇمھۇرىيەتچى ئىستۇدېنتلار گۇرۇپپىسى» كۆپ قېتىم ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تۈرلۈك يىغىنلارنى، نامايىشلارنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىۋېرسىتېت مىقياسىدا ۋە شۇنداقلا ئۇنىۋېرسىتېت ئەتراپىدىكى جامائەت ئارىسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تونۇلۇشى ئۈچۈن زور كۈچ چىقىرىپ كەلگەن.
ئۇلار تېخى يېقىندا لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇن ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندىلەرنى تەكلىپ قىلىپ، دوكلات بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان.
29-فېۋرال كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «كىشەنلەنگەن ئۇيغۇرلار: لاگېر شاھىتىنىڭ ھېكايىسى» دەپ نام بېرىلگەن بۇ يىغىنغا نىسبەتەن قىزىقىش كۈچلۈك بولغان. ھالبۇكى، بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇش جەريانىدا بىر قىسىم ئوخشىمىغان پىكىرلەرمۇ ئوتتۇرىغا چىققان. ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى پائالىيەتلەرنى تەشكىللەشتە ئىزچىل باشلامچىلىق رولى ئويناپ كەلگەن سىھۇن كىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ گەرچە ئىلگىرىكى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشتا «خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» نىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ نارازىلىقلىرى كارغا كەلمىگەندىن كېيىن ئۇلار بۇ مەسىلىلەرگە ئارىلاشمايدىغان بولغان. ئەمما ئۇ بۇ نۆۋەت روچېستىر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە ئەرەب ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن پەرقلىق كۆز قاراشلىرى بارلىقىنى بايقىغان.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغاندا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار دەرھال بىزدىن ‹مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى› بىلەن ئالاقىلەشتىڭلارمۇ، دەپ سورايدۇ. چۈنكى ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئېسىگە دەرھال بۇ ئۇيۇشما كېلىدىكەن. بىراق ئەمەلىيەتتە بولسا بىزنىڭ يىغىنىمىزغا بىر قىسىم مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئالدىغا كېلىپ قاتناشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيۇشما نامىدىن بىز كۆپ قوللاشقا ئېرىشەلمىدۇق. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچى رەھبەرلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ مەسىلە گەرچە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭ سىياسىي تەرىپىمۇ بار ئىمىش. ھەتتا بۇ مەسىلىنى ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا ئۇرۇشىدا كۆتۈرۈپ چىققان بىر ئويۇنى، دەپ قارىغۇچىلارمۇ نۇرغۇن ئىكەن. بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پايدىسى يوقلۇقىنى دېگۈچىلەرمۇ بولدى. ئاندىن بىز يەنە شۇ كۈنى مەكتەپتىكى ئەرەب ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىغىنغا قاتنىشىش ئورنىغا مەكتەپتىكى باشقا ئويۇن-تاماشا يىغىلىشلىرىغا بارغانلىقىنىمۇ كۆردۇق.
قىسقىسى، بىز ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئامېرىكادا تۇرۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ئەمەلىيەتتە بۇ مەسىلىنى ئۆز دۆلىتىنىڭ مەيدانى بىلەن ئوخشاش يوسۇندا ئويلايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىدىكى پىكرىنىڭ بىز بىلەن ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇق.
سىھۇن كىمنىڭ بىزگە ئېيتىشىچە، بۇ پائالىيەتنى روچېستىر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن باشقا روچېستىر تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىدىكى تۈرك ئوقۇغۇچىلار يېتەكچىلىك قىلىدىغان «مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار بىرلىكى» ۋە شۇنداقلا روچېستىر ئەتراپىدىكى تۈرك جامائىتى قىزغىن قوللىغان ئىكەن. روچېستىردا ياشايدىغان تۈركلەر ئۆزلۈكىدىن كېلىپ يىغىنغا قاتناشقان.
بۇندىن سىرت، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە مەكتەپتىكى يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيۇشمىلىرىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشى سىھۇن كىمنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان.
ئۇ بىزگە مۇنداق دەيدۇ: «مەكتەپتىكى ئىسرائىلىيەلىك ئوقۇغۇچىلار بۇ پائالىيىتىمىزنى كۈچلۈك قوللىدى. ئۇلار بىز بۇنداق بىر ۋەقەنى باشتىن كەچۈرگەن كىشىلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك. گەرچە ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان بولسىمۇ، بۇنداق زۇلۇم ھەرقانداق بىر كىشىگە يۈز بەرمەسلىكى كېرەك، دېدى. شۇڭا مەن راست گەپنى قىلسام، ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن بۇ مەسىلىگە مۇسۇلمانلار بەكرەك كۆڭۈل بۆلەمدىكىن، دېگەن كۆز قارىشىمنى ئۆزگەرتتىم. ئەسلىدە مەيلى بىز قانداق ئارقا كۆرۈنۈشتىن كېلىشىمىزدىن قەتئىينەزەر بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەككەن ۋە شۇ نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى تونۇتۇشىمىز كېرەككەن، دەپ ئويلاپ قالدىم.»
سىھۇن كىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار كۆرۈۋاتقان زۇلۇم ھەققىدىكى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك بىر قىسىم خاتا كۆز قاراشلارنى تۈزەش ۋە بۇ زۇلۇمنىڭ ھەقىقەتەن يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى تونۇتۇش ئۈچۈن ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسىنىڭ داۋاملىق كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
0:00 / 0:00