ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2023-يىللىق دوكلاتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئالاھىدە ئورۇن ئالدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2023.03.21
قەشقەر تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ ئاز دېگەندە 8 نەپەر ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى جازا لاگېرىدىكى تۇتقۇنلار ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا تېلېۋىزوردا سۆزلەۋاتقان ئىلى ئوبلاست باشلىقى نۇرلان ئابدۇمالىننىڭ سۆزىنى ئاڭلىماقتا. 2022-يىل 24-ماي.
AFP

كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىدە ھەرقاچان مەركىزىي تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھال ئۇلارنىڭ ھەر يىللىق دوكلاتىدا ئىزچىل ئۆز ئەكسىنى تېپىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 198 دۆلەت ۋە رايون ھەققىدىكى 2022-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ھەققىدىكى دوكلاتى 20-مارت كۈنى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خىتاينىڭ بۇ ساھەدىكى ئەھۋالىدا دەپسەندىچىلىك قىلمىشىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقى جانلىق نامايان بولدى.

بۇ يىللىق دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىممۇتلەقلىق ۋە دىكتاتورلۇق تەبىئىتىنىڭ بىر كۈچلۈك دەلىلى سۈپىتىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بولۇپمۇ بۇ قىلمىشلارنىڭ ھازىرمۇ ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقانلىقى، شۇ قاتاردا مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ خالىغانچە قولغا ئېلىنىشى ۋە قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش، مەجبۇرىي ھامىلە چۈشۈرۈش، جىنسىي خورلۇق، كۆلەملەشكەن مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىقلارغا ماس ھالدا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، سۆز ۋە يۆتكىلىش ئەركىنلىكى قاتارلىقلارنىڭمۇ تارتىۋېلىنغانلىقى تەپسىلىي مىساللار ۋە پاكىتلار بويىچە شەرھىلەندى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بىر نۇقتا نۆۋەتتە تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولۇۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىكى شەخسلەرنىڭ خالىغانچە قولغا ئېلىنىشى، خالىغانچە غايىب قىلىۋېتىلىشى، روھىي ۋە جىسمانىي قىيناققا ئۇچرىشى، جۈملىدىن 2017-يىلىدىن بۇيان ئاز دېگەندىمۇ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تۈرمىلەرگە ۋە «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى لاگېرلارغا قامىلىشىنىڭ بىردەك خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىر قوللۇق پىلانلىغان ۋە ئىجرا قىلغان قىلمىشلار ئىكەنلىكى، بۇنىڭ قانداقتۇر يەرلىكنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوتتۇرىغا چىقارغان ئىشلار ئەمەسلىكى ئېنىق بايان قىلىندى.

دوكلاتتا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى دەلىللىگەن بىر قاتار پاكىتلار، شۇنىڭدەك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ دوكلاتلىرىدىكى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» نىڭ بىرى نەق ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ قاماقتىكى ۋاقتىدا ئۆلۈپ كېتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇ قاتاردا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن جەسىتى قايتۇرۇپ بېرىلگەن كىشىلەردىن ياقۇپ ھەسەن، زەينەپخان مەمتىمىن، ئابدۇرەشىد ئوبۇل قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئىسمى مىسال ئېلىنسا، يەنە نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ لاگېردىن «قويۇپ بېرىلگەن» دىن كېيىن بىرنەچچە كۈن ياكى بىرنەچچە ھەپتە ئىچىدە جان ئۈزگەنلىكى ئەسكەرتىلىدۇ.

دوكلاتتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى روھىي ۋە جىسمانىي قىيناقلارنىڭ ئىجراچىسى دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى» سېپىدىكى خادىملار ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ لاگېر تۇتقۇنلىرىغا قارىتا توك كالتىكىگە بېسىش، سۇغا تۇنجۇقتۇرۇش، كوللېكتىپ باسقۇنچىلىق قىلىش، نامەلۇم تېببىي دورىلارنى يېيىشكە مەجبۇرلاش قاتارلىق قىلمىشلارنى ئىجرا قىلىدىغانلىقى ئورۇن ئالدى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتىۋالغان لاگېرلارنىڭ ماددىي شارائىتى، جۈملىدىن كامېرلارغا پۇت قويغۇدەك يەر قالمىغۇچە ئادەم قاماش، ھايۋانغىمۇ بەرمەيدىغان يېمەكلىكنى يېيىشكە مەجبۇرلاش، كارىۋات يېتىشمىگەنلىكتىن داق يەردە يانچە ئۇخلاش، ساپ ھاۋا ياكى سۇ دېگەننىڭ بولماسلىقى، خالىغانچە ھاجەتكە چىقالماسلىق، ئەڭ ئەقەللىي تېببىي شارائىت دېگەننىڭمۇ يوقلۇقى قاتارلىق سەۋەبلەر ئارقىسىدا لاگېرغا قامالغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىلا ئۇزۇن ئۆتمەي يېرىم جان ئىنسانلارغا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقى، بۇ ھالنىڭ «سىياسىي» دەپ قارالغان مەھبۇسلارغا تېخىمۇ شۇنداق بولىدىغانلىقى مەخسۇس بايان قىلىندى. شۇ قاتاردا ئىلھام توختى، راھىلە داۋۇت، خۇشتار ئىسا (دولقۇن ئەيسانىڭ ئىنىسى)، گۈلشەن ئابباس، ئەكبەر ئەسئەت قاتارلىقلار بۇ خىل «سىياسىي مەھبۇسلار» نىڭ مىسالى قاتارىدا تىلغا ئېلىندى.

خىتاي ھۆكۈمىتى «تېررورلۇق» ۋە «دىنىي ئاشقۇنلۇق» دېگەندەك بەتنام بىلەن لاگېرلارغا قامىۋالغان مىليونلارچە ئىنساننىڭ قانداق كىشىلەر ئىكەنلىكى ھەققىدىمۇ دوكلاتتا ئالاھىدە چۈشەنچە بېرىلگەن. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتقۇن قىلىشتىكى سەۋەبلىرىدىن «بەش ۋاق ناماز ئوقۇغان»، «قۇرئان» ئوقۇشنى ئۆگەنگەن كىشىلەر، ساقال-بۇرۇت قويغانلار، ھېجاپلانغانلار، دىنىي ئىسىم قويغانلار دېگەندەك تۈرلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «جىنايەت» بويىچە ئەمەس، ئەكسىچە مىللىي ۋە دىنىي كىملىكنى يوقىتىش نىشانى بويىچە زور تۇتقۇننى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ كىشىلەرنىڭ ئەڭ كىچىكى 15 ياش، چوڭلىرىنىڭ 73 ياش ئىكەنلىكى، بۇ تۇتقۇنلارنىڭ قاچان قويۇپ بېرىلىشى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى خالىغان ۋاقىتتا ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى دېگەنلەر مۇشۇنىڭ ئۆزىدىنلا ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدا ھېچقانداق قانۇنىي تەرتىپنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ۋاسىتىلىك ھالدا ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.

لاگېر تېشىدىكى ئ‍ۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىمۇ دوكلاتتا ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلەيدۇ. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تورلاشقان نازارەت سىستېمىسى، مىڭلىغان يۇغۇرى ئېنىقلىقتىكى كامېرالارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ھەممىلا كىشىنى 24 سائەت كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى 23 مىليون نوپۇسنىڭ چىرايى، ماشىنا نومۇر تاختىسى دېگەندەك ئۇچۇرلىرىنى تولۇق نازارەت قىلىپ چىققانلىقى ھەمدە «قولغا ئېلىشقا تېگىشلىك كىشىلەر» گە بەلگە ئۇرۇپ چىققانلىقى، كېيىنچە بۇمۇ يېتىشمەي مىليونلارچە خىتاي كادىرنى «تۇغقان بولۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگىچە ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ «تېررورلۇق» ئۆلچەملىرىدىكى ئىبادەت قىلىش، دىنىي كىتابلارنى ئوقۇش، ھاراق-تاماكىدىن يىراق بولۇش دېگەندەك ئىشلارنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشى دېگەنلەرمۇ بايان قىلىنغان. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇرلارنى يەكلەش ۋە كەمسىتىش ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرۇش قىلمىشىنىڭ كەڭ ئومۇملاشقانلىقىمۇ ئورۇن ئالغان.

بۇ يىللىق دوكلاتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۆز ۋە نەشرىيات ئەركىنلىكى، تور ئەركىنلىكى، ئىلمىي تەتقىقات ئەركىنلىكى، ئاياللار ھوقۇقى، نامايىش ئەركىنلىكى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، يۆتكىلىش ئەركىنلىكى، ئەركىن سايلام ئەركىنلىكى دېگەندەك ھەقلەردىن ھېچقايسىسىنى ئىجرا قىلمىغانلىقى، بۇ ئەھۋالنىڭ ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە باشقا خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە تېخىمۇ شۇنداق بولغانلىقى بايان قىلىندى.

بۇ يىللىق دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن 20-مارت كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىردى. يىغىندا ئۇ ئېنىق قىلىپ بۇ يىللىق دوكلاتنىڭ ئىلگىرىكى دوكلاتلارغا ئوخشاشلا ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دۇنياۋى ئىشلارغا مەنسۇپ بولۇپ، بىرەر دۆلەت، دىن ياكى پەلسەپەنىڭ ئۇنىڭغا ئۆز ئالدىغا تەبىر بېرەلمەيدىغانلىقىنى، ئەكسىچە بۇنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى دۆلەتلەرگە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ «بۇ يىللىق دوكلاتنىڭ مەقسىتى بىرەر دۆلەتكە تەربىيە بېرىش ياكى ئۇنى خىجىل قىلىش ئەمەس. ئەكسىچە دۇنيانىڭ بۇ جەھەتتە قانداق مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىش» دېدى. ئۇ شۇ قاتاردا بۇ جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى ۋەكىللىك يوسۇندا بايان قىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى ھازىرمۇ داۋام قىلدۇرۇۋاتىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

بۇ يىللىق دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن دۇنيا مىقياسىدا زور تەسىر قوزغىغان بولۇپ، ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بەس-بەستە بۇ ھەقتە خەۋەر بەردى. نۆۋەتتە بۇ ھەقتىكى تۈرلۈك مۇلاھىزە ۋە مۇھاكىمىلەر ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.