ئوتتۇرا-شەرق ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يىغىننىڭ مۇلاھىزىلىرى
2019.03.27

ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور كۆلەملىك سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتى خەلقئارانىڭ زور دىققىتىدە بولۇۋاتقان شۇنىڭدەك ئىسلام دۇنياسى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرگە قارىتا سۈكۈت قىلىۋاتقان پەيتتە ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ ئاقىللار مەركىزىنىڭ بىرى بولغان «ئوتتۇرا-شەرق ئىنستىتۇتى» دا «شىنجاڭدىكى كرىزىس ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىنكاسى» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
26-مارت كۈنى ئېچىلغان بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەمدە ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا تۈركىي تىللىق جۇمھۇرىيەتلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى ئىنكاسى توغرىلىق مۇناسىۋەتلىك ئالىملار ۋە مۇتەخەسسىسلەر كەڭ-كۇشادە پىكىر بايان قىلدى.
بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا ئامېرىكادىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ساھەسىدە بەلگىلىك شۆھرەتكە ئىگە ئالىم، جون خوپكىنىس ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى «ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكاز ئىنستىتۇتى» نىڭ قۇرغۇچىسى پروفېسسور فرېدرېك ستار ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى.
ئۇ ئالدى بىلەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن سۆزنىڭ ئۆزىدىلا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئاساسىي مەسىلىلەرنىڭ ئەكس ئېتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىكى «شىنجاڭ» دېگەن سۆزنىڭ «يېڭى چېگرا» دېگەن مەنىسىلا بۇ جاينىڭ يېڭىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغان ماكان ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، «ئۇيغۇر» دېگەن سۆزنىڭ بولسا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ قەدىمىي مەدەنىيەت ئىگىسى بولغان بىر خەلقنىڭ نامى ئىكەنلىكىنى، «ئاپتونومىيە» دېگەننىڭ بولسا ئۇيغۇرلارغا ۋەدە قىلىنغان، ئەمما ئىجرا بولمىغان بىر ھادىسە ئىكەنلىكىنى بىر-بىرلەپ سۆزلەپ كېلىپ مەھمۇد قەشقەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىبتەك مەدەنىيەت ئۇستازلىرىنى يېتىشتۈرگەن بىر خەلق نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىقنىڭ كىشىنى تولىمۇ ئېچىندۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. شۇنىڭدەك ئەينى ۋاقىتتا رۇسىيەدىكى تۈرلۈك سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي سەۋەبلەردىن ئۇيغۇر دىيارىغا قېچىپ كېلىپ ماكانلىشىپ قالغان قازاق ۋە قىرغىزلارنىڭ كېيىنچە بۇ جايدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغانلىقىنى، نۆۋەتتە ئۇلارنىڭمۇ خىتاينىڭ باستۇرۇش ئوبېكتى بولۇپ قالغانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ مۇشۇ ئەھۋالغا قارىتا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا قانداق ئىنكاسلار بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە سۆز قىلىشنى يىغىننىڭ ئەزىز مېھمانلىرىغا ھاۋالە قىلدى.
ئالدى بىلەن جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتس سۆز ئالدى. ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدا نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى پىكىرلەرنى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن بۈگۈنكى يىغىننىڭ ئەزىز مېھمانلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ئېلشات ھەسەن ۋە ئالىم سېيتوۋلارنىڭ سۆزلىشىگە ھاۋالە قىلىپ، بۇ ئەھۋاللارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە بولغان تەسىرى ھەققىدە توختالدى.
ئۇ سۆزىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇزۇندىن بۇيان «خىتاي ۋەھىمىسى» ۋە خىتايغا قارشى چۈشەنچىلەرنىڭ داۋام قىلىپ كەلگەنلىكىنى، بۇ ھالنىڭ سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋىتى بۇزۇلغان 1960-يىللاردىن كېيىن يەنە بىر بالداق يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقىنى، ئەمما «سوغۇق ئۇرۇش» نىڭ ئالدى-كەينىدە شۇ جايدىكى خەلقلەرنىڭ ئامېرىكا ۋەھىمىسىدىن كۆرە خىتاي ۋەھىمىسىدىن بەكرەك ئەندىشىگە چۈشكەنلىكىگە ئۆزىنىڭ شەخسەن شاھىت بولغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. ئۇ شۇ ۋاقىتلاردىن كېيىن خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى يېڭى ئىقتىسادىي پۇرسەت ماكانى قىلىۋالغانلىقىنى ھەمدە خىتاينىڭ «ئىقتىسادىي تون» غا ئورانغان «يۇمشاق كۈچ» ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيادا ئاساسلىق نوپۇز ئىگىلىرىدىن بولۇپ قالغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن «خىتاي ۋەھىمىسى» ۋە «خىتاي دوستلۇقى» نىڭ مۇشۇ شەكىلدە تەڭپۇڭ يوسۇندا ئوتتۇرا ئاسىيادا مەۋجۇت بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر دىيارىدا ئەۋج ئېلىۋاتقان زور تۇتقۇننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئاشۇ خىل روھىيەت دۇنياسىغا كۆرسەتكەن تەسىرىگە قاراپ چىقىشتا تۆت تەرەپلىمە ئەھۋالنى دىققەتتىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئۇنىڭ پىكرىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا بىر مەھەل زور قوللاشقا ئىگە بولغان «پانتۈركىزم» چە ئىدىيەلەر نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرگە تەدبىقلىنىشتىن يىراق قالماقتا ئىكەن. يەنە كېلىپ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆتكەن ئون-يىگىرمە يىلدا بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان ئىسلام ئەقىدىسىگە ئەگىشىش خاھىشىمۇ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كرىزىسلارغا ئېرەڭسىزلىك قىلماقتا ئىكەن. ئۇ بۇنىڭغا ئۇلاپلا پەقەت قىسمەن ساندىكى قازاق ۋە قىرغىزلارنىڭ لاگېرلارغا سولىنىشىدىن كېيىن مىللەتچىلىك خاھىشىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئاساسلىق تەسىر كۈچىگە ئىگە ئامىل بولۇپ قالغانلىقىنى، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ ئىزچىل تۈردە خىتاينى «ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئىستىقبالىمىز» دەپ قاراپ كەلگەن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە «ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا چۈشكەن كۈن خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ بىزگىمۇ كېلەرمۇ» دېگەن ئەندىشىنىڭ ئەۋج ئېلىشى بۇنىڭغا قوشۇمچە بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
بۇ قېتىمقى يىغىندا سۆز قىلغان يەنە بىر ئەزىز مېھمان ئامېرىكا تاشقى سىياسەت كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، 2002-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن ياردەمچى مىنىستىرى بولغان جېيمىس كلاد ئەپەندى ئىدى. ئۇ سۆزىدە نۇقتىلىق قىلىپ ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى بىرلىكسەپ» ئېھتىياجى ئۈچۈن «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نى تېررورلۇق تەشكىلاتى، دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقىنى، ئەمما ھازىرقى كۈندە بولسا ئامېرىكانىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى بۇ ئىشلارنى قايتا سادىر قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا سولىنىشى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك كرىزىسقا مۇپتىلا بولۇشىنى كەسكىنلىك بىلەن تەنقىدلەۋاتقانلىقىنى، بۇ ھالنىڭ ھازىرقى كۈندە مۇھىم تېمىلاردىن بولۇۋاتقان ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە تېگىشلىك ئورۇن ئېلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
مېھمانلار قاتارىدا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئالىم سېيتوف نۇقتىلىق قىلىپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ تەدرىجىي ئۆزگىرىش ئەھۋالىنىڭ ئومۇمىي مەنزىرىسىنى جانلىق مىساللار بىلەن تەسۋىرلەپ بەردى. ئالىم سېيتوف نۇقتىلىق قىلىپ چېن چۇەنگو ئۇيغۇر دىيارىغا يۆتكىلىپ كېلىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. بولۇپمۇ چېن چۇەنگو يېڭى ئىجرا قىلغان «ئاسماندا تور، يەردە قاپقان» شەكلىدىكى تورلاشقان كونتروللۇق، ساقچى پونكىتلىرى ۋە ساقچىلار قوشۇنىنى زورايتىش، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى چەكلەش قىلمىشلىرىنى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ «ۋاقتىنچە يولغا قويۇلغان تەدبىرلەر» دەپ قارىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ كېيىنچە بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنى ئومۇمىي نىشان قىلغان سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ «مۇقەددىمە» سى بولۇپ چىققانلىقىنى، بۇ ھالنىڭ كېيىنچە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىشقا كېڭەيگەنلىكىنى، ئۇيغۇر دىيارىدا بولسا ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ زور ساندا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل بۇلارنى «تېررورلۇققا ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» نىڭ بىر قىسمى، دەۋالغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئېلشات ھەسەن بولسا نۇقتىلىق قىلىپ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نى مەركەز قىلغان ھالدا ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ چۈشەندۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. ئۇ خىتاي ھەربىي سىستېمىسىدىكى گېنېرال دەي شۈنىڭ بىر قېتىملىق ئاممىۋى يىغىندا «ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولسا بەش-ئون مىڭ ئۇيغۇر تېررورچى بىر كېچىدىلا ئامېرىكا ئۈچۈن جان پىدالىق قىلىشقا تەييار بولىدۇ» دەپ سۆزلىگەنلىكىنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇرلارنى «دۆلەتنىڭ دۈشمىنى» قاتارىدا كۆرۈپ كەلگەنلىكىنى، «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن ئىلگىرى بۇ «دۈشمەن» گە تاقابىل تۇرۇشتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئەقىلدارلىرى» دىن خۇ ئەنگاڭ، ما روڭ، خۇ ليەنخې قاتارلىقلارنىڭ تىل، مىللىي تېررىتورىيە، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەر ئۈچۈن قانداق تەدبىرلەرنى كۆرسەتكەنلىكىنى، بۇ تەدبىرلەرنىڭ «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن قانداق ئىجرا بولغانلىقىنى، نۆۋەتتە بولسا پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنى «ئۆزگەرتىشكە بولىدىغانلار» ۋە «ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغانلار» دەپ ئىككى كاتېگورىيەگە ئايرىغان ھالدا خىتايلاشتۇرۇشنىڭ ئەۋجىگە چىقىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن ھەممىگە مەلۇملۇق لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ ئەنە شۇ تەدبىرلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئاخىرىدا يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قارىتا ئىسلام دۇنياسىنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىق ساھەلەر بويىچە بەس-بەستە سوئاللار سورىدى.
يىغىن ئاخىرىدا پروفېسسور شان روبېرتىس ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. بىز ئۇنىڭدىن «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەردىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى قانداق ساۋاقلارنى ئېلىشى مۇمكىن» دەپ سورىغىنىمىزدا ئۇ خىتاي ئىقتىسادىي ۋاستىلاردىن پايدىلىنىپ ئوتتۇرا ئاسىيانى كونترول قىلىۋاتقان ئەھۋالدا ئۇ جايدا كۆپ خىل ئەھۋاللار ئارىلىشىپ كەتكەن بىر ئومۇمىي مۇھىتنىڭ شەكىللىنىۋاتقانلىقىنى، بۇنداق ئەھۋالدا كۆپلىگەن ئەھۋاللارغا ئالدىراپ ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
«مېنىڭچە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھېچقايسىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى پەقەتلا تىلغا ئېلىشنى خالىمايدۇ. چۈنكى بۇ غايەت زور مىقدار ۋە كۆلەمدىكى ئىقتىسادىي مۇئامىلىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى خەلقلەرنىڭ دۆلەت سىياسىتىگە تەسىر كۆرسەتكۈدەك قۇدرىتى بار. قارايدىغان بولساق، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى كىشىلەر ئۇيغۇرلار رايونىدا بولۇۋاتقان ئىشلارنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىدۇ. شۇنداقلا خىتاينىڭ كۈچى بۇ دۆلەتلەردە زورىيىپ كەتسە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىشلار بىزگىمۇ كېلىپ قالارمۇ، دەپ ئەنسىرەۋاتىدۇ. شۇڭا بەزى ئىشلارنىڭ قانداق نەتىجە ئېلىپ كېلىشىگە ھازىر بىرنەرسە دېگىلى بولمايدۇ: يېقىندا قازاقىستان پرېزىدېنتى ئىستېپا بەردى. شەخسەن مەن مۇشۇ ئىش كېيىنكى نۆۋەتلىك پرېزىدېنتنى سايلايدىغان ۋاقىتتا چوڭ بىر غەۋغاغا سەۋەب بولۇپ قالارمۇ، دەپ ئويلاۋاتىمەن.»
جېيمىس كلاد ئەپەندىمۇ ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بىز ئۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشقا چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشقا دائىر تەدبىرلەر توغرىسىدا نېمە ئۈچۈن ئاخىرقى قارار ئېلىنمايۋاتقانلىقى توغرىسىدا سۆزلەشتۇق. ئۇ بۇنىڭ كۆپ ساھەگە چېتىلىدىغان بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈچۈنمۇ بىر مۇھىم قارار ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇنىڭ سوزۇلۇپ كېتىشىدە كۆپ تەرەپلىمە ئامىللارنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى.
«روشەنكى، بۇ خىل كېچىكىشتىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىككىلىنىش. چۈنكى بۇ خىتايلار ئۈچۈن بەكمۇ چوڭ بىر مەسىلە. بىز ئۈچۈن بولسا ئاشۇ خىل زۇلۇملارغا سەۋەبكار بولغۇچى شەخسلەرنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئۇلارنى بىۋاسىتە، كونكرېت ئەيىبلەش بىر زور مەسىلە. چۈنكى بۇ خۇاۋېي گۇرۇھىدىكى ھېلىقى ئايالنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدىنمۇ نەچچە يۈز ھەسسە مۇھىم بولغان بىر مەسىلە. شۇڭا بۇ خىل ئىككىلىنىشنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. بەلكىم سىز بۇنداق دەپلا بۇنى ئاقلىغىلى بولمايدۇ، دېيىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما مېنىڭچە، بۇ توغرا چۈشىنىشكە بولىدىغان مەسىلىدۇر. ئىككىنچى مەسىلە بولسا خىتاينىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە قانداق قىلىپ تەسىر كۆرسىتىشنىڭ يوللىرىدۇر. بۇمۇ ئەستايىدىل ئويلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلاردۇر. لېكىن بىزنىڭچە، بۇ (خىل جازالاش) تامامەن مۇمكىن. يەنە بىر ياقتىن جازا تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىش سىمۋوللۇق نۇقتىسىدىن ئالغاندىمۇ بەك چوڭ بىر قەدەم. ئەمما بۇ بىرەر شەخسكە قارىتا بىۋاسىتە تەسىر پەيدا قىلىدىغان نەرسە ئەمەس. جازالاش مەسىلىسى بەكمۇ زور بىر مەسىلە بولغاچقا بىز ئۇنى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى راۋۇرۇس بۇزۇلۇپ بىر يەرگە بارغاندا ئاندىن ئوتتۇرىغا تاشلايمىز. ئەمما بېرما ۋە باشقا جايلاردا بۇ خىل جازالاش تەدبىرلىرىنىڭ چوڭ رولى بولۇۋاتىدۇ.»
يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان بۇ خىلدىكى مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئېچىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ بىر تەرەپتىن كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشىنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتسە، يەنە بىر ياقتىن بۇ خىلدىكى يىغىنلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئۇقۇشلۇق ۋە سىستېمىلىق شەكىلدە ئاڭلىتىلماقتا.