پېرو توزى: «كىچىككىنە قۇربان بېرەلىسەك، مىڭلىغان ئۇيغۇرلار ئامان قېلىشى مۇمكىن!»

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ تاشقى دۇنياغا كۆپلەپ بىلىنىشىگە ئەگىشىپ يېڭىدىن مەلۇم بولۇۋاتقان بىر ھادىسە لاگېر ۋە تۈرمىلەردىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ خىتايدا كەڭ يامراۋاتقان ئىچكى ئەزا ئوغرىلىقى ۋە ئىچكى ئەزا ئەتكەسچىلىكىنىڭ يېڭى نىشانلىرىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقى بولدى. بۇ خىل يۈزلىنىش بىر ياقتىن ئىنسانىيەت تارىخىدىكى يېڭى بىر قاباھەت سۈپىتىدە كېڭىيىۋاتقان بولسا، يەنە بىر ياقتىن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلارنى كۆپۈككە ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ جەھەتتىكى مەسىلىلەر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە چاقىرىلغان گۇۋاھلىق يىغىنى ۋە مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن قاراپ چىقىلغان بولۇپ، بۇ ساھە بىلەن ياخشى تونۇشلۇقى بولغان زاتلار بۇنى بىردەك «ئىنسانىيەت ئۈچۈن يېڭى خەتەردىن بېشارەت» دەپ قارايدۇ. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى» نىڭ خىزمەتچىلەر دىرېكتورى پېرو توزى (Piero Tozzi) ئەپەندى ئەنە شۇ خىل سىياسىيونلاردىن بىرى.

26-مارت كۈنى كەچقۇرۇن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا بۇ تېما ھەققىدە مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلغاندىن كېيىن، پېرو توزى ئەپەندى رادىيومىزنىڭ ئالاھىدە زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. شۇنىڭدەك ھازىرقىدەك رامىزان مەزگىلىدە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىچكى ئەزالار ئوغرىلىقى ساھەسىدىكى مەسىلىلەرنى تېخىمۇ كەڭ ساھەگە ئاڭلىتىشنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم خىزمەتلەردىن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى:

«ھازىر بىزنى ھەممىدىنمۇ بەكرەك شۈركەندۈرىۋاتقان ئىشلارنىڭ بىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ‹ھالال› ئىچكى ئەزالارنى بازارغا سېلىشى بولماقتا. بۇنى بىر توغرا تەسۋىر، دېگىلىمۇ بولمايدۇ. ئەمما بۇ ھازىر كۆپلەپ سېتىلىۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان بولغانلىقى، چوشقا گۆشى يېمەيدىغانلىقى ۋە ھاراق ئىچمەيدىغانلىقى ئۈچۈن مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى ئىچكى ئەزا ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرماقچى بولغانلار مەخسۇس مۇشۇ خىل ‹ھالال› ئىچكى ئەزالارنى ئىزدەپ يۈرىدۇ. بۇ بىز جەزمەن كىشىلەرنىڭ تونۇشىنى ئۆستۈرۈشمىز كېرەك بولغان بىر نۇقتا. يەنە بىرى، ئىسلام دۇنياسى ھە دېسە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چاپىنىنى كۆتۈرۈپ ھارمايۋاتىدۇ. ‹ئىسلام ھەمكارلىقى تەشكىلاتى› مۇ ئاشكارا ھالدا خىتاينى قوللاۋاتىدۇ. گەرچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلىت چېغىدا ‹شنجاڭدا بولۇۋاتقان ئىشلار ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر› دېگەن بولسمۇ بۇ گەپلەر ھازىر بىر يەردە قالدى. ئۇ ئەسلىدە ‹قىرغىنچىلىق بولۇۋاتىدۇ› دېيىشى كېرەك ئىدى. ئەمما ئۇنداق دېمىدى. ھازىر ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە مۇسۇلمانلار دۇنياسى ئومۇمىيۈزلۈك ھالدا خىتاينى قوللاپ ئاۋاز بېرىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنى قوللاپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى سۆز قىلىۋاتقان بىردىن-بىر ئىسلام دۆلىتى سومالى بولۇپ قالدى. شۇڭا ھازىرقىدەك رامىزان مەزگىلىدە ئىسلام دۇنياسىغا بۇ خىل قىلمىشلارنى بىلدۈرۈش، بۇ خىل قاباھەتلەرنى كۆرمەسكە سېلىۋېلىشنىڭ ئىماننىڭ جۈملىسىدىن ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش ناھايىتى مۇھىم. شۇڭا بىز ئالدىنقى ھەپتە بۇ توغرىسىدا گۇۋاھلىق يىغىنى چاقىردۇق. بۈگۈنمۇ مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇردۇق. ئەمدى بىزگە بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئۆزىمىزنى ئاقلىشىمىزغا ھېچقانداق باھانە قالمىدى.»

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا چاقىرىلغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىچكى ئەزا ئەتكەسچىلىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ خادىملار دىرېكتورى پېرۇ توزى (Piero Tozzi) سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 26-مارت، ۋاشىنگتون.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا چاقىرىلغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىچكى ئەزا ئەتكەسچىلىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ خادىملار دىرېكتورى پېرۇ توزى (Piero Tozzi) سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 26-مارت، ۋاشىنگتون. (RFA/Shehrizat)

بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆز بولغاندا «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» خىتاي ئىشلىرى پىروگراممىسىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى ئابراخام ئارمستروڭ (Abraham Armstrong) مۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇ خىل قاراشقا مايىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. بولۇپمۇ ئىچكى ئەزالار ئوغرىلىقى داۋام قىلىۋاتقانلىقىغا يېرىم ئەسىردىن ئاشقان خىتايدا ھازىر بۇنىڭ نىشانلىرىنىڭ فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىدىن ئۇيغۇرلارغا يۆتكىلىۋاتقانلىقى ھازىر ھەممىدىنمۇ بەك ئەندىشە قوزغاۋاتقان مەسىلىلەردىن بىرى بولۇپ قالماقتا.

«بىز توپلىغان كۆپلىگەن سانلىق مەلۇماتلار ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئەزا ئوغرىلىقىغا قۇربانلىقى قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. بۇ ھەقتىكى شاھىدلارنىڭ گۇۋاھلىق بايانلىرىنى ئېتان گۇتمان (Ethan Gutmann) يېتەرلىك دەرىجىدە توپلىغان. ئۇنىڭ تەكشۈرۈشىچە، سالامەتلىك تەكشۈرتكەن، قان ئەۋرىشكىسى ئېلىنغان ۋە مەلۇم ياش گۇرۇپپىسىغا مەنسۇپ بولغان ئۇيغۇرلار ئوخشىمىغان نىسبەتتە غايىپ بولۇپ كەتكەن. ئاشۇ ياش گۇرۇپپىسى بولسا دەل ساغلام ئىچكى ئەزالار بىلەن تەمىن ئېتەلەيدىغان كىشىلەر مەنسۇپ بولغان دائىرىگە توغرا كېلىدۇ.»

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا ئېچىلغان گۇۋاھلىق يىغىندا، ئامېرىكالىق ھۆرمەتكە سازاۋەر يازغۇچى ۋە «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئېتان گۇتمەن گۇۋاھلىق بېرىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 20-مارت، ۋاشىنگتون
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا ئېچىلغان گۇۋاھلىق يىغىندا، ئامېرىكالىق ھۆرمەتكە سازاۋەر يازغۇچى ۋە «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئېتان گۇتمەن گۇۋاھلىق بېرىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 20-مارت، ۋاشىنگتون (RFA/Shehrizad)

ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ خىتايدىكى ئىچكى ئەزا ئوغرىلىقىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ قېلىشىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئارقا تىرەك بولۇش رولىنى ‍ئوينىغان بولسا، بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا غەرپ دۇنياسىدىكى بىر قىسىم يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركەتلىرى ۋاسىتىچىلىك رولىنى ئويناۋاتقانلىقى مەلۇم. پېرى توزى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل كۆپ تەرەپلىمە «شېرىكلىك» مۇناسىۋىتىنى بۇزۇپ تاشلاشتا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى جەزمەن چەكلەش خاراكتېرىدىكى بەزى تەدبىرلەرنى ئالماي تۇرۇپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.

«ئىچكى ئەزا ئوغرىلىقى ۋە ئىچكى ئەزا ئەتكەسچىلىكىدە بازار ئامىلى ۋە ئىسلام دۇنياسى بىر مۇھىم ئامىل بولسا، يەنە بىر مۇھىم ئامىل غەرپ دۇنياسىدىكى شىركەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە شېرىك بولۇپ قېلىشى بولماقتا. مەن بۇ مەسىلىگە شېرىك بولۇپ كېلىۋاتقان بىرنەچچە شىركەتنى ساناپ ئۆتتۈم. شۇلاردىن بىرى بولغان ‹تېرمو فىشېر› (Thermo Fisher) پەن-تېخنىكا شىركىتى بۇ ئىشلار چۇۋۇلۇپ چىققاندىن كېيىن تېزدىن گېن ئەۋرىشكىسى توپلايدىغان ئۈسكۈنىلەرنى تىبەت رايونىغا ۋە ‍ئۇيغۇر رايونىغا سېتىشنى توختاتتى. چۈنكى ئىچكى ئەزا ئوغرىلىقىدا كىمنىڭ ئىچكى ئەزاسى كىمگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بېكىتىشتە گېن ئەۋرىشكىسى ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ. ئەمما ھازىر يەنىلا بىر قىسىم ئامېرىكا ۋە ياۋروپا شىركەتلىرى مۇشۇ خىلدىكى تېخنىكىلارنى خىتايغا سېتىشنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۇ تېخنىكىلار بولسا ئىچكى ئەزا ئوغرىلىقىغا بىۋاسىتە ياردەم بېرىۋاتىدۇ. شۇڭا ھازىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بۇ خىلدىكى زۇلۇمغا ياردەم بېرىدىغان شىركەتلەرنى چەكلەشتە ئەمىلىي بولغان تەدبىرلەرنى ئېلىشى لازىم.»

خىتاي ھۆكۈمىتى دەرۋەقە ئىچكى ئەزا ئوغرىلىقىنى داۋام قىلدۇرۇش بىلەن بىرلىكتە بۇ ھەقتىكى جامائەت پىكرىنى ئىنكار قىلىشقىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ «شىنجاڭ ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ياخشى ئېيتىش» تېمىسىدىكى تەشۋىقات ۋە ئۇچۇر ئۇرۇشىدا بۇ ھەقتە دۇنياغا يوللىغان كۆپلىگەن ساختا ئۇچۇرلىرى غەرپ دۇنياسىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنى گاڭگىرىتىپ قويۇشقا، ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بايانلىرىغا ئەگىشىشكە يۈزلەندۈرگەنلىكى مەلۇم. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئابراخام ئارمستروڭ بۇ خىل ھيلە-مىكىرنىڭ بازىرى ئۇزۇنغا بارمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ:

«بۇنىڭدا دەلىل-ئىسپاتلارغا قاراش كېرەك. 2017-يىلىدىن باشلاپ مەلۇم بولۇشقا باشلىغان ئىسپاتلار قاراۋۇلخانا ۋە كۆزىتىش مۇنارلىرى ئورنىتىلغان زور كۆلەمدىكى لاگېرلارنى نامايان قىلدى. ‹شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى› تېمىسىدىكى ھۆججەتلەرنى گۇگۇلدىن ئېچىپ باقساقلا ئەڭ ئالدى بىلەن كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ. ئەمما بۇ مەركەزلەر ئەمەلىيەتتە تۈرمىلەرگە ئوخشاش جايلاردۇر. تۇتقۇنلارنىڭ پۇت-قوللىرىنىڭ كىشەنلىنىشى، بېشىغا كىيدۈرۈلگەن قارا خالتىلار، يولۋاس ئورۇندۇق دېگەنلەر بۇ جاينىڭ قىيناق ئورنى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ شادىمانلىق ماكانى ئەمەس. بۇ ھال خىتاينىڭ ئۆزلىرى ئېلان قىلغان مەلۇماتلار ۋە ھۆججەتلەردىنمۇ مەلۇم بولغان ئىدى.»

نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئەزا ئوغرىلىقى ساھەسىدىكى قۇربانلىق قىلىنىش ئەھۋالى تەدرىجى كۆپلىگەن ساھەلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بولۇپ، پېرو توزى ئەپەندى بۇ ساھەدىكى بىر مۇھىم قەدەمنىڭ بۇ تېمىدىكى قانۇن لايىھەسىنىڭ قانۇنغا ئايلىنىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە «ئىچكى ئەزا ئوغرىلىقىنى توختىتىش 2023» ماۋزۇلۇق قانۇن لايىھەسى ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللىنىپ كېڭەش پالاتاسىغا يوللاپ بېرىلگەن بولسىمۇ بىر يىلدىن بۇيان تېخىچە مۇزاكىرە باسقۇچىدا توختاپ قالغان. ناۋادا بۇ قانۇن لايىھەسى رەسمىي قانۇنغا ئايلانسا، بۇ ساھەدىكى كۆپلىگەن ئامىللارنى ئۈنۈملۈك ھالدا چەكلىگىلى بولىدىكەن. پېرو توزى بۇ ھەقتە توختىلىپ، «مۇشۇ ئىش رېئاللىققا ئايلانسا، ئامېرىكا ئۈچۈن كىچىككىنە قۇربان بېرىش بەدىلىگە ئازاپ چېكىۋاتقان مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ دەردىگە دەرمان بولغىلى بولىدۇ» دەيدۇ.