ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئەھمەدىيە مەزھىپىنىڭ 2019-يىللىق مەجلىسى ئۇيغۇرلارغا بېغىشلاندى

0:00 / 0:00

ئامېرىكانىڭ كۆپ خىل مەدەنىيەت، كۆپ خىل دىنلار باراۋەر مەۋجۇت بولۇشتەك ئىجتىمائىي مۇھىتى ئىچىدە بىرقەدەر نامى بار گۇرۇھلارنىڭ بىرى مۇئەييەن ساندىكى ئەگەشكۈچىلىرى بولغان ئەھمەدىيە مەزھىپى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىسلامى مەزھەپتىن بولغان ئەھمەدىيلەرنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە 2014-يىلىدىن بۇيان يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان «ئەھمەدىيە مۇسۇلمانلىرى مەجلىسى» نىڭ بۇ يىلقى يىغىنى 1-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ رايبۇرن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. ھەر يىلقىدەك بۇ يىلقى يىغىنمۇ ئالدى بىلەن ئىمام ئۆمەر نايىرنىڭ «قۇرئان كەرىم» دىن قىسقا قىرائەت قىلىشى بىلەن باشلاندى.

ئەھمەدىيە مەزھىپىنىڭ ئامېرىكادىكى ئاممىۋى ئىشلارغا مەسئۇل خادىمى ئامجاد مەھمۇد خان ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ، بۇ يىلقى يىغىن ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى. ئۇ سۆزىدە ئەھمەدىيە مەزھىپىنىڭ بۇ يىلقى يىغىنىنى دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئۇيغۇرلارغا بېغىشلانغانلىقىنى، چۈنكى ھازىر نەچچە مىليون ئۇيغۇر لاگېرلارغا قامىلىپ، تارىختا كۆرۈلمىگەن دىنىي زىيانكەشلىككە ئۇچراشتەك پاجىئەگە مىسال بولۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئالاھىدە مېھمانلىرىدىن مۇھەممەد ئەھمەد چائۇدرىي ئالدى بىلەن يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا ئەھمەدىيە مەزھىپى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى. شۇنداقلا بۇ مەزھەپنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى يىللىق مەجلىسىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن فرانك ۋولف، جەكىي سپېير، پېتېر كىڭ قاتارلىقلارنىڭ زور تۆھپىسى بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ مەزھەپنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى دىنىي زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان خەلقنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇشنى ئۆزلىرىگە بىر مۇھىم ۋەزىپە قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا روھېڭگا مۇسۇلمانلىرى دۇچ كەلگەن قىرغىنچىلىق ۋە باشقا جايلاردىكى دىنىي زىيانكەشلىكلەرگە قارشى ئۈنۈملۈك پائالىيەتلەرنى قىلغانلىقىنى، شۇ قاتاردا نۆۋەتتە ئون نەچچە مىليون ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان دىنىي زۇلۇم سەۋەبىدىن بۇ يىلقى مەجلىسنى ئۇيغۇرلارغا ئاتاش قارار قىلىنغانلىقىنى بايان قىلدى.

شۇنىڭدىن كېيىن بۇ قېتىمقى يىللىق مەجلىسنىڭ ئەزىز مېھمانلىرىدىن بولغان دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى جەكىي سپېير، پېتېر كىڭ، راجا كىرىشنا مورى، جېيمىي راسكىن قاتارلىقلار سۆز ئېلىپ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ھەقلەردىن ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭغا دەخلى-تەرۇز قىلىشقا ھېچقانداق ھۆكۈمەت ياكى شەخسنىڭ ھەققى يوقلۇقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى. شۇلار قاتارىدا سۆز قىلغان ئامېرىكانىڭ خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى باش ئەلچىسى سام بروۋنبەك ئۆزىنىڭ يېقىندا تەيۋەن ۋە خوڭكوڭلاردىكى مۇناسىۋەتلىك يىغىنلاردا روشەن ئابباس بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد سەۋەبىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئەھۋالىنى مۇھاكىمە قىلغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى قىلمىشىنىڭ ھەرقانداق قانۇنلارغا خىلاپ ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئېتىقادقا جەڭ ئېلان قىلىۋاتىدۇ. ئىشىنىمىزكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جەڭدە غەلىبە قىلالمايدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان پائالىيەتچى روشەن ئابباس سۆزىدە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان دىنىي زىيانكەشلىكنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتىۋاتقان «ئەسەبىيلىك» ھەققىدە ئىزاھات بېرىپ نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى «نورمال ئىنسانلارغا ئايلاندۇرۇش» شوئارى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي مەزمۇنلار بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن بارلىق تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئەسەبىيلىككە باغلاۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر بىر ئىنسان سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇش ۋە ھايات كەچۈرۈش ھەقلىرىنىڭمۇ قالمىغانلىقىنى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە ئوكيان ئاتلاپ ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، جۈملىدىن ئۆزىنىڭ ھەق ئۈچۈن سۆزلىشىنى توسۇش مەقسىتىدە قانداق رەزىللىكلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. شۇنىڭدەك ئۇيغۇر زىيالىيسى يالقۇن روزىنىڭ قولغا ئېلىنىش ئەھۋالىنى تىپىك مىسال قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ قانداق قىسمەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، مۇشۇنىڭ ئۆزىدىن ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەنىڭ ھازىر قايسى باسقۇچقا بېرىپ يەتكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كېلىپ: «مەيلى مېنىڭ ھەدەم بولسۇن، ياكى باشقا ئۇيغۇر سەرخىللىرى بولسۇن ۋە ياكى مىليونلىغان لاگېر مەھبۇسلىرى بولسۇن ئۇلارنىڭ بىردىن-بىر ‹جىنايىتى› دەل ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمان بولغانلىقى» دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكادىكى ئەھمەدىيلەر مەزھىپىنىڭ ئىمامى ئەزھەر ھەنىفمۇ سۆز قىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ تارىخىغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئىمكانى بار ئىنساننىڭ باشقىلارغا ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە دىنىي ئېتىقادنىڭ چېگراسى بولمايدىغانلىقىنى، ئىسلام دىنىدىكى بىر مۇھىم ئەقىدە بولغان ئادالەت مەۋجۇت بولمىغانلىكى يەردە دىنىي ئېتىقادنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى، ئىسلام دىنىنىڭ تۇنجى پەيغەمبىرى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ئۆمۈر ئادالەتنىڭ بەرپا بولۇشى ئۈچۈن كۈرەشكەنلىكىنى، شۇ ۋەجىدىن بۈگۈنكى كۈندە ئۆزلىرىنى مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئەگەشكۈچىسى، دەپ قارىغان ھەرقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ باشقا بىر ئىنسان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا ئادالەت ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى، نۆۋەتتە «ھەقنىڭ ئېگىلىشى» كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكادىكى ئىنسانلارنىڭ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇشى لازىملىقىنى شەرھلىدى.

يىغىن ئاخىرىدا بىز باش ئەلچى سام براۋنبەك ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنى مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ كۆرمەسكە سېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە تولىمۇ زور پاجىئەگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

«ھازىرغا قەدەر ئۇلارنىڭ ئىنكاسى يېتەرلىك بولمايۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭغا قارىتا تېخىمۇ ئۆتكۈر بولغان ئىنكاسلار ئوتتۇرىغا چىقىشى لازىم ئىدى. ئەگەر مۇشۇ خىلدىكى قىلمىشلار داۋاملىق بولۇۋەرسە بۇنىڭغا ئوخشاش ئاقىۋەتنىڭ تېخىمۇ يامىنى ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن.»

ئىمام ئەزھەر ھەنىف يىغىندىن كېيىن ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ بىلەن بولغان سۆھبەت جەريانىدا ئۇ مۇشۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنى مەسچىتتە ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈشنىڭ يەنە بىر مەقسىتى زۇلۇمغا قارشى بىرلىكسەپ بەرپا قىلىش ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن دىنىي جامائەتنىلا ئەمەس، يەنە ھۆكۈمەت ساھەسىدىكىلەرنىمۇ ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش لازىملىقىنى، مۇشۇ شەكىلدە بارچە ئىنسانلارنىڭ ئىنسانىي شەكىلدە بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇشى لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئەھمەدىيە مەزھىپى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ئەنگلىيە ئىشغالىيىتىدىكى ھىندىستاننىڭ پۇنجاب رايونىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، مىرزا غۇلام ئەھمەد ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاساسچىلىرى ئىكەن. ئالاقىدار ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇنىڭ باش شتابى ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە بولۇپ، ھازىر ئەھمەدىيە مەزھىپىنىڭ 20 مىليونچە ئەگەشكۈچىلىرى بار ئىكەن.