ئۇيغۇر دىيارىدىكى رېئاللىققا قارىتا ئامېرىكا نېمىلەرنى قىلالايدۇ؟

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىدا 2017-يىلىدىن بۇيان يۇقۇرى پەللىگە چىقىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇش ھەركىتى دۇنيا مىقياسىدا زور دىققەت قوزغاش بىلەن بىرگە ئاخىرقى يوسۇندا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلىرى بۇنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى يېڭىۋاشتىن خىتاينىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىدىكى مۇھىم نۇقتىلاردىن بولۇپ قالدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ خىتاينى جازالاشقا مەنسۇپ بىر قاتار تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. ئەمما «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ھەققىدىكى ھۆكۈمنى ئەڭ دەسلەپ ئوتتۇرىغا قويغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە قانداق ئىشلارنى روياپقا چىقىرىش ئىمكانىغا ئىگە ئىكەنلىكى ئىزچىل قىزىق پاراڭ تېمىلىرىدىن بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۆتكەن ھەپتە نيو-يورك شەھرىدىكى ئاقىللار مەركەزلىرىدىن «ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى مىللىي كومىتېتى» بۇ ھەقتىكى مۇناسىۋەتلىك سوئاللارنى جورج تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس مىلۋاردا سۇندى.

پروفېسسور جېيمىس مىلۋارد ئالدى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قانداق بولۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغانلىقى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى. بولۇپمۇ 18-ئەسىردىكى چىڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ غەربكە كېڭەيمىچىلىك قىلىشى بىلەن دەسلەپكە قەدەمدە بويسۇندۇرۇلغان بۇ رايوننىڭ 1949-يىلى خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغىچە بولغان ئارىلىقتا كۆپ قېتىملاپ خىتاينىڭ كونتروللۇقىدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل ھاكىمىيەت بەرپا قىلغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايونغا بولغان مۇتلەق كونتروللۇقىنىڭ 1955-يىلى تولۇق ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. پروفېسسور جېيمىس مىلۋاردنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 1950-يىللاردىن باشلاپ بۇ مۇستەملىكە رايونىنى قانداق قىلغاندا خىتاينىڭ ئاجرالماس بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇۋېتىشكە كۈچ سەرپ قىلىۋاتقان بولۇپ، 21-ئەسىرنىڭ قوڭغۇراقلىرى چېلىنغاندا بۇ ئىنتىلىشمۇ يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەن. ئەمما ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىللىي، دىنىي ۋە باشقا سىياسەتلىرى ئىزچىل ھالدا ئاشۇ چوڭ نىشاننى چۆرىدىگەن ھالدا داۋام قىلغان. نۆۋەتتە دۇنيا شاھىد بولۇۋاتقان ھەمدە بىر قىسىم ھۆكۈمەتلەر «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلغان زور كۆلەملىك ئىجتىمائىي پاجىئە ئۆتكەن ئاتمىش يىلدىن بۇيان ئىزچىل چىڭىغا چىقىۋاتقان ئەنە شۇ خىل تەدبىرلەرنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسى بولۇپ قالغان.

پروفېسسور جېيمىس مىلۋاردنىڭ پىكرىچە، 2001-يىلىدىكى «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن بۇيانقى يىگىرمە يىلغا نەزەر سالغاندا ئۇيغۇر دىيارىدا بىر قاتار تىپىك زورلۇق كۈچ شەكلىنى ئالغان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئ‍ۇيغۇرلارنىڭ «تېرورچى» ئىكەنلىكىگە ئىسپات قىلغان ھادىسىلەر بارلىققا كەلگەن. ئەمما بۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە نەزەر سالغاندا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى 2000-يىللاردىن كېيىن ئاشكارا ئىجرا قىلىشقا كىرىشكەن ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ۋە ئىسلام دىنىغا دائىر بارلىق پائالىيەتلەرنى بىر-بىرلەپ چەكلەش تەدبىرلىرىگە قارشى ئىنكاس شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىققان ھادىسىلەر ئىكەن. ئەمدىلىكتە بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىكى زورلۇق كۈچ ھادىسىلىرىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈپ، بۇنىڭغا سەۋەب بولغان دىنىي ۋە مىللىي چەكلىمىلەر ھەققىدىكى تەدبىرلەرنى ئېغىزغا ئالماس بولۇۋالغان.

نۆۋەتتە كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي پاجىئەلەرنى تېخىمۇ كۆپ ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىشى ھەمدە بۇ چۇقانغا ئاۋاز قوشۇشى بولۇپ قالماقتا ئىكەن. ئەمما پروفېسسور جېيمىس مىلۋاردنىڭ قارىشىچە، بۇ مەسىلە ئانچە مۇھىم ئەمەس ئىكەن. چۈنكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىرقىى قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى تەبىرلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇر دىيارىدا مەۋجۇت بولۇپ، بۇ ھادىسىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتاش ياكى ئاتىماسلىق نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي پاجىئەگە قارشى تەدبىر ئېلىشقا باھانە بولۇپ قالماسلىقى لازىم ئىكەن. يەنە بىر ياقتىن نۆۋەتتە مەلۇم بولۇۋاتقان تۈرلۈك يازما ئىسپاتلار، شاھىدلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرى دېگەنلەر ئاللىقاچان ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەنىڭ ئادەتتىكى ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشى ئەمەسلىكىنى شۇنچە ئاشكارا نامايەن قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ھازىرنىڭ ئۆزىدە بۇ رېئاللىققا قارىتا تەدبىر ئېلىشقا ئاتلىنىش زۆرۈر ئىكەن.

ھازىرقى رېئاللىقتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى بىر سىستېمىلىق تەدبىر ئېلىشتىن ئىلگىرى بىر قىسىم چارىلارنى ئانچە زورۇقمايلا ئىجرا قىلىپ كېتەلەيدىكەن. جېيمىس مىلۋارد بۇنىڭغا مىسال قاتارىدا ترامپ ھۆكۈمىتى دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىققان بىر قىسىم تەدبىرلەرنى داۋاملىق ئىجرا قىلىشنىڭ بەلگىلىك ئۈنۈمى بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. بولۇپمۇ ئامېرىكاغا كېلىدىغان خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ۋىزا سانىغا چەك قويۇش، ئامېرىكادا پاسپورتىنىڭ ۋاقتى ئ‍ۆتۈپ كەتكەن ھەمدە ئۇنى يەڭگۈشلەشكە ئامالسىز قالغان، شۇنىڭدەك سىياسىي پاناھلىققا ئىلتىماس قىلىپ يىل-يىللاپ ئىلتىماسىنىڭ نەتىجىسى چىقمايۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سالاھىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بېرىش دېگەنلەر پۈتۈنلەي قىلغىلى بولىدىغان ئىشلار ئىكەن. تېخىمۇ مۇھىمى ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇمغا شېرىك بولۇۋاتقان شەخسلەر ۋە مۇئەسسەلەرگە جازا بېرىشنى تېخىمۇ قاتتىق ئىجرا قىلىش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇملىرىنى چەكلەشكە ھەمدە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى مۇھىم ئورۇنغا قويىدىغان سودا شىركەتلىرىنى بۇنىڭغا شېرىك بولماسلىققا چاقىرىشقا پايدىلىق بولىدىكەن. ئۇ ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويغان يەنە بىر تەكلىپ بولسا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جەزمەن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلىش ھەركىتىنى سىياسىي قورال قىلىپ ئىشلىتىشى ھېساپلىندىكەن. چۈنكى ئامېرىكا كوماندىسى بۇ مۇسابىقىنى پۈتۈنلەي بايقۇت قىلسا ئۇنىڭ ئەگەشمە تەسىرى غايەت زور دەرىجىدە ئۈنۈملۈك بولىدىكەن. بولۇپمۇ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاۋاتقان دۇنياۋى شىركەتلەرگە بۇنىڭ بىۋاستە تەسىرى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدىكەن. يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا ئامېرىكىدىكى ئىستىمالچىلارمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەھسۇلاتلىرى بولغان كىيىم-كېچەكلەرنى ياكى باشقا توۋارلارنى سېتىۋالماسلىقنى ئۆزلىرىنىڭ بىر تۈرلۈك ئىنسانىي مەجبۇرىيىتى، دەپ قارىشى لازىم ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قارشى ئىش بىرلىكى بارغانسېرى مۇستەھكەم تۈس ئېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۈمىد قىلىنماقتا ئىكەن.