جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زور تۇتقۇن ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.04.16
george-washington-university-uyghur-zor-tutqun-1.jpg جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زور تۇتقۇن ھەققىدە ئېچىلغان مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزگە چىققانلار. 2019-يىلى 15-ئاپرېل، ۋاشىنگتون.
RFA/Eziz

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ تىپىك ئىپادىلىرىدىن بىرى بولغان لاگېرلار مەسىلىسى خەلقئارادىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە قىزىق تېمىلاردىن بولۇش بىلەن بىرگە ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭمۇ زور دىققىتىدە بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. 15-ئاپرېل كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى چوڭ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زور تۇتقۇن مەسىلىسىگە بېغىشلانغان مۇھاكىمە يىغىنىنى ئەنە شۇنىڭ جۈملىسىدىن دېيىشكە بولىدۇ.

مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ قانۇن ئىنستىتۇتىدا ئېچىلغان بۇ يىغىنغا قانۇن پەنلىرى پروفېسسورى رالف ستېينخارد رىياسەتچى بولدى. ئۇ ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەرنى بىرمۇبىر تونۇشتۇرۇپ چىقتى. ئاندىن ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زور تۇتقۇن تېمىسىدىكى بۇ مۇھاكىمە يىغىنىنى نېمە ئۈچۈن ئەمدىلىكتە مۇشۇ مەكتەپتە ئېچىش توغرا كېلىپ قالغانلىقى ھەققىدىكى سوئالنى بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگەن پروفېسسور دونالد كلاركقا سۇندى.

پروفېسسور كلارك سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زور پاجىئەنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىننى تەشكىللەشكە تۈرتكە بولغانلىقىنى، چۈنكى ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. شۇنداقلا «خىتاي ھۆكۈمىتى زور كۆلەمدە تۈركىي مىللەتلەرگە مەنسۇپ بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە مىللىي كىملىكىگە ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ» دېيىشنىڭ ھېچقانچە كۆپتۈرۈۋېتىلمىگەن تەسۋىر بولىدىغانلىقىنى، چۈنكى تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى لاگېرغا سولىۋېلىش، مىليونلىغان گۆدەكلەرنى قارانچۇقسىز قويۇش، پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنى نازارەتكە ئېلىش دېگەندەك تەدبىرلەرنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلار دىيارىنى تولىمۇ قاباھەتلىك بىر ماكانغا ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنى، شۇڭا مۇشۇنداق بىر مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق كۆپچىلىكنى بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەردار قىلىش زۆرۈر بولۇپ قالغانلىقىنى بايان قىلدى. 

شۇنىڭدىن كېيىنكى سۆز تېمىسى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇچۇرلارنى شۇنچە قاتتىق كونترول قىلىۋاتقان ئەھۋالدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنىڭ يەنىلا تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولغانلىقى ھەمدە بۇلارنىڭ قانداق مەلۇم بولغانلىقى ھەققىدە بولدى. ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات، ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى ئىدارە ھەيئىتىنىڭ رەئىسى نۇرىي تۈركەل سۆز ئېلىپ، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنىڭ ئەڭ دەسلەپ لاگېرنى كۆرگەن كىشىلەر ئارقىلىق تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولغانلىقىنى، كېيىنچە لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىس ئادريان زېنزغا ئوخشاش مۇناسىۋەتلىك ئالىملارنىڭ ئىزدىنىشلىرى، شاۋن جاڭغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتلەر ئارقىلىق لاگېرلارنىڭ ئورنى، سانى ۋە كۆلىمىنى ئىسپاتلىشى بىلەن غەرب ئاخباراتىنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋەردار بولغانلىقىنى، ئاخىرىدا ئامېرىكا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋە ب د ت نىڭ نۆۋەتتە لاگېرلارغا قامالغانلارنىڭ سانى ئاللىقاچان بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە سۆز قىلىشقا ئۆتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سوفى رىچاردسون بۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپتە بۇ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغانلىقىنى، كېيىنچە لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بايانلىرى، تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولغان پاكىتلار ۋە باشقا ئامىللارنىڭ بېسىمى بىلەن بۇ ئورۇنلارنى «كەسپىي تەربىيىلەش مەكتەپلىرى» دېيىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. 

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ يەنە بىر مېھمىنى، جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتىس بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنىڭ دەسلەپ تور دۇنياسىدىمۇ تارقالغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۈندىدار سۇپىسى ئارقىلىق كۆپ ئۇچۇرلارنىڭ مەلۇم بولغانلىقىنى، بۇ جەرياندا بىر قىسىم كىشىلەر ئوخشىمىغان جازالارغا مەھكۇم قىلىنغان بولسا، يەنە غايەت زور ساندىكى كىشىلەرنىڭ ھازىرغا قەدەر لاگېرلاردا قاماقتا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، يەنە نەچچە يۈز مىڭ كىشىنىڭ كۈندۈزلۈك «تەربىيىلەش» كە قاتناۋاتقانلىقىنى، ئەمدىلىكتە بولسا لاگېر مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكىرىگە يۆتكىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك ئۇچۇرلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى ئەسلەتتى. 

بۇ قېتىمقى يىغىندا ئالاھىدە مۇھاكىمە قىلىنغان بىر نۇقتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن لاگېرلارنى كېڭەيتىشى بولدى. سوفى رىچاردسون بۇھەقتە سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل شەكىللەردە يول قويۇشى ئارقىلىق يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مىللىي، دىنىي كىملىكىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش خاھىشىنىڭ بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇق» بىلەن باغلىنىشى «بەكلا قويۇق» بولغان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا جامائەت پىكرى تەييارلانغانلىقىنى تەكىتلىدى. نۇرى تۈركەل بولسا بۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىپ، نۆۋەتتىكى سىياسىي باستۇرۇشتا ئۇيغۇرلاردىن باشقا بىر قىسىم قازاق، قىرغىز قاتارلىق باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ بارلىقىنى، ئەمما بۇ مىللەتلەرنىڭ ھېچقاچان خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتقاندەك «تېررورلۇق» بىلەن چېتىلىپ باقمىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ ئۇيغۇرلاردىن چىققان خەيرى-ساخاۋەتچىلەر، تەبىئىي پەن ئالىملىرى، سەنئەتكارلار دېگەندەك سىياسىي بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق كىشىلەرنىڭ يۈزلەپ، مىڭلاپ تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ئەمدىلىكتە بولسا ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىتاي كۆچمەنلىرىگە مەجبۇرىي تويلاشتۇرۇش قىلمىشىنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقانلىقىنى، لاگېرلار ھەققىدە ئاشكارا ھالدا «تەربىيىلەش مەركەزلىرى مەكتەپ شەكلىدە لايىھىلەنگەن، ھەربىي شەكىلدە باشقۇرۇلىدىغان، تۈرمىگە ئوخشاش قوغدىلىدىغان ئورۇن» دېگەن بايانلارنىڭ خىتاي ئاخباراتىدىن يەر ئالغانلىقىنى بايان قىلدى. شۇنداقلا مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ قارىغاندا نۆۋەتتىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ مەقسىتى خۇددى خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى ئېيتقاندەك ئۇيغۇرلارنىڭ «نەسەبىنى ئۈزۈپ تاشلاش، يىلتىزىنى كېسىپ تاشلاش، مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلاش، مەنبەسىنى كېسىپ تاشلاش» ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. 

يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەنە بىر مۇھىم نۇقتا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلارنىڭ قانۇن جەھەتتە قانداق ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكى بولدى. پروفېسسور دونالد كلارك بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ھېچقانداق قانۇن-نىزاملىرىدىن بۇ خىلدىكى لاگېرلار مەسىلىسىنى قانۇنلۇق قىلىپ كۆرسىتەلەيدىغان بىرەر ماددىنى تاپقىلى بولمايدىغانلىقىنى، خىتاي ئىمزا قويغان خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرنىڭمۇ بۇ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشىنى ھىمايە قىلىدىغان مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتەلمەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتتى. 

مۇھاكىمە جەريانىدا لاگېرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭغا قارشى قانداق پائالىيەتلەردە بولۇۋاتقانلىقى، بۇ خىل باستۇرۇشلارغا بىلىپ-بىلمەي ھەمكارلىشىپ قالغان ئامېرىكا شىركەتلىرىنى چەكلەش ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقى، شۇنىڭدەك ئىسلام دۇنياسى ۋە مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈستۈنلۈكنى كوزىر قىلىپ ھەقىقەتنى قانداق ئاياق-ئاستى قىلىۋاتقانلىقى قاتارلىقلارمۇ ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن بايان قىلىندى. 

يىغىننىڭ ئاخىرىدىكى سوئال-جاۋاب بۆلىكىدە يىغىن مەيدانىدىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە ھەر ساھە كىشىلىرى لاگېرلار مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزلىرى قىزىققان نۇقتىلار بويىچە بەس-بەستە سوئاللار سورىدى. ئۇلارنىڭ لاگېرلار مەسىلىسىگە بەكلا قىزىققانلىقى سورالغان سوئاللارنىڭ كۆپلۈكى ۋە كۆپ خىللىقىدىن مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇراتتى. 

يىغىن ئاخىرىدا بىز سوفى رىچاردسون خانىم بىلەن ئايرىم سۆھبەتتە بولدۇق. بىز ئۇنىڭدىن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەنى «ئىنسان ھەقلىرى دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىك» دەۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ بۇ ھەقتە قانداق ئويلايدىغانلىقىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىنسان ھەقلىرى دۇنياسى ھازىر شىنجاڭدا بولۇۋاتقان كرىزىسنى خىتايدا تيەنئەنمىن ۋەقەسىدىن بۇيان ئىنسان ھەقلىرى ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن ئەڭ ئېغىر مەسىلە، دەپ قارايدۇ. لاگېرلاردىكى تۇتقۇننىڭ كۆلىمى ۋە دەرىجىسى ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى شۈركۈندۈرىدۇ. لاگېرلارنىڭ سىرتىدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنىڭ ئاياق-ئاستى قىلىنىشى، شەخسلەرگە قىلىنىۋاتقان پاراكەندىچىلىك قاتارلىقلار قوشۇلۇپ بىز ئۆتكەن 30 يىلدا كۆرۈپ باقمىغان كۆلەمدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى نامايان قىلماقتا. ئەمدى سىز ئېيتقان ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ئاتالغۇسىغا كەلسەك، بۇ ئاتالغۇنىڭ مەخسۇس بېكىتىلگەن قانۇنىي مەناسى بار. ئەمما مېنىڭ قارىشىمچە، بىزنىڭ قولىمىزدا ھازىرچە بۇ ئاتالغۇنى ئىشلىتىشكە يول قويغۇدەك مىقداردا پاكىتلار مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭا بۇ مەسىلە ھەققىدە قانۇن ساھەسى، مەسىلەن، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى ياكى قانۇن ئىنستىتۇتلىرى بىرەر بايانات ئېلان قىلغان بولسا ئۇ ھالدا بۇنىڭ رولى چوڭ بولغان بولاتتى.» 

جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دونالد كلاركمۇ ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. بىز ئۇنىڭ بىلەن لاگېرلارنىڭ قانۇنىي ئاساسى توغرىلىق سۆزلەشكىنىمىزدە ئۇ بۇ مەسىلىنى خىتاي قانۇنلىرى ئارقىلىق ھەرقانچە قىلىپمۇ يوللۇق قىلىپ كۆرسەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

«خۇددى بۈگۈنكى مۇھاكىمىدە ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك، خىتاي ھۆكۈمىتى نۇرغۇن جەھەتلەردە ئۆز قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىپ كەتمەيدۇ. مەسىلەن ئالساق، شىنجاڭدا بولۇۋاتقان زور تۇتقۇننى خىتاي قانۇنلىرىنىڭ ھېچقايسىسى ھەقلىق قىلىپ كۆرسىتەلمەيدۇ. دېمەك خىتاينىڭ قانۇنلىرىمۇ بۇنى يوللۇق، دېيەلمەيدۇ. شۇڭا بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆز قانۇنلىرىغا ئۆزى رىئايە قىلىپ كەتمەيدۇ، دېيىشنىڭ ھېچقانداق خاتاسى يوق.» 

ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل بىلەن ئايرىم سۆھبەتتە بولغىنىمىزدا ئۇ ھازىر ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زۇلۇمغا قارىتا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار قىلىۋاتقان خىزمەتلەرنىڭ مۇئەييەن ئۈنۈمى بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. 

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسلىق ئىشتىراكچىلىرى بولغان قانۇن پەنلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بۇ قېتىمقى لېكسىيەدىن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولدى. مەلۇم بولۇشىچە، جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا بۇ خىلدىكى مۇھاكىمە يىغىنلىرى پات-ئات ئېچىلىپ تۇرىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن بارغانسېرى كۆپ ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇماتلارغا ئىگە بولماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.