800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئاتالمىش «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا قامالغانلىقى خەلقئارا ئاخباراتلاردا قىزىق تېمىغا ئايلانغان مەزگىلدە، ئامېرىكادىكى تۈرلۈك ئاممىۋى، دىنىي ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارمۇ ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىگە كۆپلەپ ئاۋاز قوشماقتا.
ناتسىستلارنىڭ قىرغىنچىلىقىدىن ھايات قالغان يەھۇدىي پائالىيەتچى سامى ستېيگمەن ئەپەندى ۋە ئامېرىكادىكى تەسىرى كۈچلۈك مۇسۇلمان رەھبەرلىرىدىن ئىمام مالىك مۇجاھىد قاتارلىقلار شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئۇلار 6-ئاپرېلدىكى بۈيۈك نامايىش ئەسناسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دۇنيانى تارىختىن ساۋاق ئېلىشقا چاقىردى.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈش دولقۇنى ئىنسان ھەقلىرى كرىزىسى سۈپىتىدە دىندىن ھالقىغان ئورتاق ساداغا ئايلىنىۋاتقان مەزگىلدە، مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ مەزكۇر مەسىلىدە ئاساسەن سۈكۈتنى تاللىشى غەرب دۇنياسىدا كۈچلۈك تەنقىدلەرگە ئۇچرىدى.
كۆزەتكۈچىلەر، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ بېسىم ۋە پۇل سەۋەبىدىن خىتايغا سېتىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ۋە باشقا ئەللەردىكى ئىسلام تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارغا قارشى ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرماقتا. ئۇلار، ئىسلام ئەللىرىنى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى مۇسۇلمان ۋە باشقا دىنىي توپلۇقلارغا قاراتقان زۇلۇملارنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىپ كەلمەكتە.
ئامېرىكادىكى تەسىرى زور مۇسۇلمان تەشكىلاتلاردىن «سادا ۋە نەزەر» تەشكىلاتى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئۇيۇشتۇرغان ئاتالمىش «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نى تاقاش ھەرىكەتلىرىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ كېلىۋاتقان دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ بىرى. مەزكۇر تەشكىلات 6-ئاپرېل ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن «بۈيۈك نامايىش» قىمۇ بىر قىسىم ئەزالىرى بىلەن ئىشتىراك قىلغان ئىدى.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باشلىقى ئىمام مالىك مۇجاھىد زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ دۇنيانى خىتاي تەھدىتىگە قارىشى ئويغىنىشقا چاقىردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە پۈتۈن دۇنيا كوممۇنىزمىنىڭ تەھدىتىنى تونۇپ يېتىشى زۆرۈر. سوۋېتلار ئىتتىپاقى ئافغانىستاننى بېسىۋالغاندا ھەددىدىن ئاشقان، خىتاي 2 مىليونچە ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، ھەددىدىن ئاشتى. دۇنيا ئويغىنىشى كېرەك. دۇنيا، ئامېرىكا، بولۇپمۇ ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆكرەك كىرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشى كېرەك.»
مەيلى ئۇيغۇرلار ۋە مەيلى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان ئىنسانپەرۋەر تەشكىلات ياكى شەخسلەر بولسۇن، ئۇلار بىردەك خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى پەقەت ئاغزاكى تەنقىدلەپ قويۇشنىڭ يېتەرلىك بولمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىش لازىملىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.
بۇ ھەقتە توختالغان ئىمام مالىك كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە دۇنيا جامائەتچىلىكى يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قەدەر ئېغىر ۋەزىيىتىگە دەرگۇمان تۇرماقتا. ئۇلار بۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىش كېرەك. بىز بۇلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقان بۇ مەسىلىنىڭ جىددىيلىكىنى تونۇپ يېتىشىگە ياردەم قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى 6 ئاي ئىلگىرى بىر قىز ماڭا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار شۇ قەدەر كەڭ كۆلەملىك زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئېيتقىنىدا، مەن ئۇنىڭغا دېگەنلىرىڭىزگە ئىشەنمەيمەن دېيىشنىڭ ئورنىغا، بۇ مەسىلىنىڭ تېگىگە يېتىشى ئۈچۈن ئىزدەنگەندىن كېيىن چۈشەندىم ۋە بۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا تەسىر كۆرسەتتى.»
ئىمام مالىك ئەپەندى يەنە بۇ ھەقتىكى پائالىيەتلەرنىڭ تېخىمۇ سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بۇ تراگېدىيەنى توختىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ تەشكىللىك ھالدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى كېرەك. ‹ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش تورى› غا چىقىپ ئاۋاز توپلاش، پىدائىي بولۇپ ياردەم بېرىش، ھەر ھەپتىدە دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىغا خەت يېزىش، بۇنداق نامايىشلار بولغاندا بىر ئادەم 10 ئادەمنى بىرگە ئېلىپ كېلىشكە ئوخشاش كۆپ ئىشلارنى قىلمىش مۇمكىن.»
ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنس خىتاينىڭ مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقىلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارنى تىلى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىشىنى ئاشكارا تەنقىد قىلغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار.
ئۇ، 30-مارت كۈنى فلورىدا شتاتىدىكى «ئاۋى مارىيا ئۇنىۋېرسىتېتى» دا سۆزلىگەن نۇتقىدا دىنىي باستۇرۇشنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ نوپۇسلۇق دۆلەت-خىتايدا بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان «يىرگىنچلىك» باستۇرۇشىنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۆتكەن ھەپتە ئىسرائىلىيەدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەرنىڭ بىرى بولغان «ئىسرائىلىيە ۋاقتى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە بارلىق يەھۇدىيلار ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا چاقىرىلغان.
«يەھۇدىيلار خىتايدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئورنىدىن دەس تۇرۇشى كېرەك» ماۋزۇلۇق مەزكۇر ماقالىدە «يەھۇدىيلارغا ئېتنىك قىرغىنچىلىقنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەندۈرۈش ھاجەتسىز. بىز ئۇنىڭ بىر كېچىدىلا يۈز بەرمەيدىغانلىقىنى بىلىمىز. بىز ئۇنىڭ ئالدى بىلەن بىر مەدەنىيەتنى قارىلاش بىلەن باشلىنىدىغانلىقىنى، ئۆچمەنلىك ۋە بېسىمنىڭ نورمىغا ئايلاندۇرۇلىدىغانلىقىنى، ئارقىدىن، ئىنسانلارنىڭ بىر-بىرلەپ غايىب بولۇشقا باشلايدىغانلىقىنى بىلىمىز. مانا بۇ بۈگۈن خىتايدا يۈز بەرمەكتە،» دېيىلگەن ۋە يەھۇدىيلارنىڭ تارىختا لاگېر تۈزۈمىنى باشتىن كەچۈرگەن بىر خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن بۈگۈن ئۇيغۇر خەلقىگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇمغا قارشى سادا چىقىرىشتا ئالاھىدە مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى، ھەربىر يەھۇدىينىڭ پۇرسەت تاپسىلا بۇ مەسىلىنى كۆتۈرۈپ چىقىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.
دەرۋەقە ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ۋە ھەسسىدارلىق بىلدۈرۈۋاتقانلار ئارىسىدا گىتلېر گېرمانىيەسىنىڭ قىرغىنچىلىقىدىن قۇتۇلۇپ قالغان يەھۇدىيلار جۈملىدىن ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىمۇ بارغانچە كۆپەيمەكتە.
ئۇلار ئۇيغۇرلار دۇنيا قىياسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلەرگە قىزغىن ئاۋاز قوشۇپلا قالماي، ھەر تۈرلۈك مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ خىتاي ئۇيغۇرلار يۈرگۈزۈۋاتقان بېرىۋاتقان باستۇرۇشلارنى ئەيىبلەش بىلەن بىز يەھۇدىيلار ئۇچرىغان تارىخىي قىرغىنچىلىقنىڭ تەكرارلىنىشىغا يول قويماسلىق كېرەك دەپ، كەسكىن ئىنكاس قايتۇرماقتا.
ناتسىست گېرمانىيەسى قىرغىنچىلىقىنىڭ تېرىك شاھىتى 80 نەچچە ياشلىق يەھۇدىي پائالىيەتچى سامى ستېيگمەن ئەپەندى شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بۇ باستۇرۇشلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى ئويلىغانلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «دۇنيادا ھازىر يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشلارغا ئۆچمەنلىكنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئىنسانلار ئۆز ئىختىلاپلىرىنى مەدەنىي يول بىلەن ھەل قىلىشىنى ئۇنتۇپ قېلىشتى. زامانىمىزدىمۇ چوڭ قىرغىنچىلىقتا يەھۇدىيلارنىڭ نېمىلەرگە ئۇچرىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ زۇلمەتلىك دەۋردىن يېتەرلىك ساۋاق ئالالمىدۇق. بىر شەخس ياكى بىر توپلۇقنىڭ كەمسىتىلىش، جازالىنىش، تەھدىتلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىشىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتى، ئەنئەنىسى ۋە ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىشىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ.»
ئۇ بايانى داۋامىدا ئۇيغۇرلارنى نېمە ئۈچۈن قوللاش قارارىغا كەلگەنلىكىنى ھەققىدە توختالدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشىمدىكى سەۋەب، چوڭ قىرغىنچىلىقتىن ئامان قالغۇچى بولۇشۇم سۈپىتىم بىلەن مەن ئازاب چەككەن، بىز خورلانغان ئىدۇق. بۇنداق قىسمەتلەرگە يولۇققاندا ھېچقانداق خەلق بۇلارغا ئوز يالغۇز تاقابىل تۇرالمايدۇ. ئەينى زاماندا يەھۇدىيلار قىرغىن قىلىنغاندا دۇنيانىڭ سۈكۈتتە قاراپ تۇرغان، ھېچكىم بىزگە ياردەم قولىنى سۇنمىغان، مانا بۇ ئەڭ چوڭ سەۋەنلىكلەرنىڭ بىرى ئىدى. مەن پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانلارنى بىر-بىرىگە ياردەم بېرىشكە موھتاج ئىكەنلىكىگە ئىشەنگۈچى. چۈنكى ھەممىمىز پەقەت بىرلا ئىنسانىيەت ئىرقىغا مەنسۇپ. كۆز قاراش، ئىدىيە ۋە مەدەنىيەتلىرىمىز بىلەنلا پەرقلىنىمىز خالاس. ئوخشاش ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز بىر-بىرىمىزنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگىنىشكە موھتاجمىز.»
تۈرلۈك مەلۇماتلاردا خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرغان لاگېرلار ۋە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىنسانىي پاجىئە ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ يەھۇدىيلارنى باستۇرۇش ئۇسۇللىرىغا سېلىشتۇرۇلماقتا.
ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ۋىلسون مەركىزىنىڭ خادىمى، تارىخشۇناس چارلېس كرائۇس 9-ئاپرېل كۈنى «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە بۇ ھەقتە توختىلىپ، 1930-يىللاردىكى ئاشۇ تارىخىي ۋەقەلەرگە ئوخشاپ كېتىدىغان يېڭى بىر پاجىئەنىڭ 2019-يىلىدا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا ئەمدى قانداق مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر چوڭ سىناققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئىدى.
سامى ئەپەندىمۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا تارىختىن ساۋاق ئېلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغاندا دۇنيا ئەھلىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا بىر قېتىم سەل قارالغانلىقىنى، ئەمما نۆۋەتتە خىتاينىڭ لاگېرلار قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى لاگېرغا قامىغاندا دۇنيا جامائەتچىلىكنىڭ ئوخشاش خاتالىقنى قايتا سادىر قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
0:00 / 0:00