ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقىي ئىشلار كومىتېتى ئۇيغۇرلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00

ئاۋام پالاتاسى تاشقىي ئىشلار كومىتېتى (House Foreign Affairs Committee) 6-ماي توردا «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قىلىنغان ۋەھشىيلىك» ناملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. مەزكۇر يىغىندا گۇۋاھلىق بېرىشكە لاگېر شاھىدى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىم، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل ئەپەندى، جورجى تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس مىلۋارد قاتارلىقلار قاتناشقان.

ئاۋام پالاتاسى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى گىرىگورى مېكس ئەپەندى بۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيتىنى يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەھشىيلىكلىرى ئۈچۈن جاۋاپكارلىققا تارتىشى كېرەك. شۇنداقلا ئىسپاتلانغان بۇ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ جاۋاپكارلىرىنى جازالىشى كېرەك. بايدېن ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق بولغان ئەمەلدارلارنى جازالىدى. بىز ئۇيغۇر رايونىدا يۈر بېرىۋاتقان باستۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىشىمىز كېرەك. بىز خەلقئارالىق ئورگانلارغا شۇنى ئوچۇق دەيمىزكى، خىتاينىڭ يەرلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بولغان باستۇرۇشىغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇشمىز كېرەك. بىز يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزى ئىمزا قويغان ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى› غا ئەمەل قىلىشقا بېسىم قىلىشىمىز كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، تەتقىقاتچىلار ۋە مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا كېرىپ ئەركىن ھالدا ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىماستىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەھۋاللارنى دوكلات قىلىشقا يول قويۇشى كېرەك.»

گىرىگورى مېكس ئەپەندىنىڭ سۆزىدىن كېيىن تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىم گۇۋاھلىق بەرگەن. تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىم ئامېرىكادا بىخەتەرلىككە ئېرىشكەن ئاز ساندىكى لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان ۋە ئامېرىكادا بىخەتەر ھاياتقا ئېرىشكەن شاھىتلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ھۆكۈمەت ئورگىنىدا تۇنجى قېتىم گۇۋاھلىق بېرىشى ئىكەن. ئۇنىڭ BBC خەۋەر ئاگىنتلىقى ئارقىلىق ئاڭلاتقان لاگېردىكى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن جىسمانىي ۋە روھى قىيناقلار، جىنسىي تاجاۋۇزچىلىق، نامەلۇم ئوكۇللارنى ئۇرۇش، دورىلارنى مەجبۇرىي ئىچكۈزۈش ۋە باشقا ئۇچرىغان خورلۇقلار دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان ئىدى.

تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىم لاگېرنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى قىيىن-قىستاق ۋە يۇقىرى تىخىنكالىق نازارەت قىلىش سىسىتېمىسىنى، شۇنداقلا خىتايدىن باشقا بارلىق مىللەتلەرنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئاڭلاتتى.

جورجى تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس مىلۋارد ئەپەندى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قانداق بولۇپ خىتاينىڭ بىر مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، مەزكۇر گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىرقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسى شۇئارى ۋە خىتاي كومپاتىيەسىنىڭ ئاساسلىق سىياسىي چاقىرىقى ‹جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى شەكىللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش› تۇر. ئەسلىدە ‹جوڭخۇا مىللىتى› دېگەن بۇ ئۇقۇم ھەر خىل مىللەتلەرنىڭ بىللە ياشىشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك ئىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىق قىلىۋاتقان ‹جوڭخۇا ئىدىيەسى› دە بولسا ‹خىتايلاشتۇرۇش› ۋە خىتايدا خىتايدىن باشقا مىللەت بولماسلىقنى بەرپا قىلىشقا كۈچەۋاتىدۇ.»

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل ئەپەندى جېيمىس مىلۋارد ئەپەندىنىڭ سۆزلىرىگە قېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىللە يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ سىياسەتلەرنىڭ ئاخىرىقى نىشانى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، ئەنئەنسىنى، تىلىنى، دىنىنى تامامەن ۋەيران قىلىش. خىتاي ھۆكۈمىتى ‹ئۇيغۇر› بولۇشنىڭ ئۆزىنى ‹جىنايەت› دەپ مۇئامىلە قىلۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى تۆت يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر مەدەنىيتىگە، تىلىغا، ئۆرپ-ئادىتىگە ئائىت ھەممە نەرسىنى يوق قىلىۋاتىدۇ. دىنىي ئالىملار، ئۇنۋېرسىتېت پىروفېسورلىرى، ئوقۇتقۇچىلار، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر يىڭى دەۋرنىڭ سىستېمىلاشقان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولانغان. پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرى تۇتقۇن قىلىنغان نۇرغۇن ئائىلىلەر بار. ئەگەر مۇشۇنداق داۋام قىلسا يۇرتىمىزدىكى بىز ‹ئۇيغۇر› لارغا ئائىت ھەممە نەرسە قۇرۇقدىلىپ قېلىشى مۇمكىن.»

گۇۋاھچىلارنىڭ سۆزلىرىدىن كېيىن، گىرىگورى مېكس ئەپەندى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىمغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «تۇرسۇنئاي خانىم، سىزنىڭ گۇۋاھلىقىڭىز ماڭا بەك تەسىر قىلدى. ھېچقانداق بىر كىشى ھەرگىزمۇ سىز ئۇچرىغان قورقۇنچلۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىماسلىقى كېرەك. مەن سىزنىڭ باتۇرلۇق بىلەن گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن. سىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قىلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى دۇنياغا ئاڭلاتتىڭىز. بۇ ھەقىقەتەن مۇھىم ئىدى، چۈنكى ئاخبارات خادىملىرى ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا بېرىپ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلەش ئىمكانىيتى يوق.»

يىغىنغا قاتناشقان سېناتورلار گۇۋاھچىلاردىن خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ ۋەھشيلىكلەرنى توختىتىش ئۈچۈن ئۆزلىرىدىن نېمىلەرنى قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقنى سورىغاندا، نۇرى تۈركەل مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: «بىز توغرا يولدا كېتىۋاتىمىز، ئەمما بۇ يوللانى كېڭەيتىشمىز كېرەك. مەن پىروفېسسور مىلۋاردنىڭ پىكىرىگە قېتىلىمەن. خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئېچىپ، خىتاينىڭ خەلقئارادىكى يۈزىنى چۈشۈرۈش ئەلۋەتتە مۇھىم. ئەلۋەتتە، بۇ ئىشقا يارايدۇ. خىتاي كومپارتىيەسى ئىككى نەرسىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىرى خەلقئارادىكى ئوبرازى، ئىككىنچىسى ئېكىسپورت ۋە تېخنولوگىيە. شۇڭا بىز مۇشۇ جەھەتتىكى تەدبىرلەرنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.»

ئۇ يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانىلىرنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش گۇۋاھلىق يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانىلىرىمىز يەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن بىرلىشىپ مۇشۇنداق يىغىنلارنى ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ، چۈنكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى قوبۇل قىلغان دۆلەتنىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن قارشى مۇقامدا بولۇپ قېلىشنى خالىمايدۇ. بىزنىڭ ئەلچىخانىلىرىمىز بىۋاستە ئالاقىلىشىش ئارقىلىق مەسىلىنى ئوتتۇرىغا چىقىرالايدۇ. يەنە بىر بېسىشقا تېگىشلىك قەدەم بولسا مەن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكىن ئەپەندىنىڭ بىزنىڭ يۇرتىمىزنى بىۋاستە زىيارەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇنداق ئىش تارىختا يۈز بېرىپ باقمىدى. بۇ ئەلۋەتتە مۇمكىن بولىدىغان ئىش. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتىنڭ يوشۇرىدىغان مەسىلىسى بولمىسا، ئىشىكىنى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكىنغا ئاچسۇن.»

يىغىننىڭ ئاخىرىدا مۇسۇلمان ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئىلخان ئۆمەر نۇرى تۈركەل ۋە تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇنلارغا رەھمەت ئېيتتى ۋە نۇرى تۈركەلدىن خەلقئاردا بەزى كىشلەرنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرۇۋاتقان مۇنۇ سۇئالنى سورىدى: «سىزنىڭچە شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان باستۇرۇشىنى ‹توغرا سىياسەت› قىلىپ كۆرسىتىشى بىلەن دۇنيادىكى ‹ئىسلام ئۆچمەنلىكى› نىڭ مۇناسىۋىتى قانداق؟»

نۇرى تۈركەل مۇنداق جاۋاپ بەردى: «ھېچقانداق بىر دۆلەت مۇسۇلمانلارغا خىتاي ئۇيغۇرلارغا قىلغاندەك مۇئامىلە قىلمدى. ئىسلام ئۆچمەنلىكى خىتايلارنىڭ سىياسەت ئالاھىدىلىكى. شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كىرەككى، 2002-2003-يىللىرى ئامېرىكانىڭ تېخى ئېنىقلانمىغان ئاتالمىش بىر ئىسلام پارتىيەسىنى «تېرورىست تەشكىلات» دەپ ئېلان قىلىشى، خىتاينڭ ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە «تىرورچى» ئېلان قىلىشىغا يول ئېچىپ بەردى. تاشقىي ئىشلار منىستىرلىقى ئۆتكەن يىلى ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى› تەشكىلاتىنى ‹تېرورىست تەشكىلات› تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتكەن بولسىمۇ، بولغۇلۇق بولۇپ بولدى. ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ سۆزلۈكىدە ‹تېرورىست› دېگەن سۆز يوق، ئۇيغۇلار دۇنيادىكى ئەڭ پاكىز مۇسۇلمان. شۇنداق بولسىمۇ دۇنيادىكى ‹ئىسلام ئۆچمەنلىكى› نى خىتاي پۇرسەت بىلىپ، ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتلىرىدا ئىشلەتتى. ئەپسۇسلىنارلىقى، ئۇ تەشۋىقاتلار ئۈنۈمىنى كۆرسەتتى.»

ئىلخان ئۆمەر تۇرسۇنئاي خانىمدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى يالغانغا چىقىرىشقا ئۇرۇنۇشلىرىغا ئىشەنگەن دۆلەتلەرگە نېمە دەيدىغانلىقىنى سوررىغاندا، تۇرسۇنئاي خانىم مۇنداق دېدى: «ۋىجدانى بىلەن قارىغان ھەر قانداق كىشى خىتاينىڭ قىلىۋاتقانلىرىنى كۆرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ بېىشىغا كىلىۋاتقان زۇلۇم كۆزىنى يۇمالمايدىغان دەرىجىدە ئىغىر.»

ئىلخان ئۆمەر ئۆزىنىڭ ئىزچىل ئىسلام ئۆچمەنلىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە مۇنداق دېدى: «بىز كىشىلەرگە بۇ ئىشلارنىڭ رەسمىي يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىمىز. پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا يۈز بىرىۋاتقان بۇ ۋەھشىيلىكلەرنىڭ ‹ئىرقىي قىرغىنچلىق› ئىكەنلىكىنى تونۇتۇشقا تىرىشمىز. شۇڭا بۇ يەردە باتۇرلۇق بىلەن گۇۋاھلىق بەرگەن ھەممەيلەنگە رەھمەت ئېيتىمەن.»