ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يىللىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى كۈچلۈك تەكىتلەندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2023.05.15
blinken-sozde.jpg «2022-يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى» نى ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن(Antony J. Blinken) ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا سۆزلىمەكتە. 2023-يىلى 15-ماي، ۋاشىنگتون.
state.gov

بۈگۈن، يەنى 15-ماي كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۇنيانىڭ ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى باھالاپ چىقىلغان «2022-يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى» نى ئېلان قىلغان. 200 گە يېقىن دۆلەت ۋە رايوننىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىگە ئەتراپلىق باھا بېرىلگەن بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزگەن. ئۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يىللىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىنىڭ مەقسىتىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا دىن ياكى ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى باستۇرۇۋاتقان رايونلارنى گەۋدىلەندۈرۈش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئاخىرىدا ھەممە كىشى دىن ياكى ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان بىر دۇنياغا قاراپ ئىلگىرىلەش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن سۆزىدە يەنە، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىدە ياخشىلىنىش بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ ئەمما يەنە نۇرغۇن جايلاردا باستۇرۇشنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن:

«بەختكە قارشى، دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى ھۆكۈمەتلەر قىيىن-قىستاق، زوراۋانلىق، قانۇنسىز نازارەت قىلىش ۋە ئاتالمىش قايتا تەربىيەلەش لاگېرى قاتارلىق بىر قاتار ئۇسۇللارنى ئىشلىتىپ دىنىي ئاز سانلىقلارنى تەقىبلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇلار يەنە دىنىي ئاز سانلىقلارنى بەزى كەسىپلەردىن چىقىرىۋېتىش ياكى ئۇلارنى مۇھىم دىنىي كۈنلەردە ئىشلەشكە مەجبۇرلاشتەك قىلمىشلار ئارقىلىقمۇ كەمسىتىش بىلەن شۇغۇللانغان».

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى باشلىقى ئەلفىدار ئىلتەبىر(ئوتتۇرىدا) «2022-يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى» نى ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن(Antony J. Blinken) ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا. 2023-يىلى 15-ماي، ۋاشىنگتون.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى باشلىقى ئەلفىدار ئىلتەبىر(ئوتتۇرىدا) «2022-يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى» نى ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن(Antony J. Blinken) ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا. 2023-يىلى 15-ماي، ۋاشىنگتون.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ يىل دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى زۇلۇمنى پاش قىلىشتا مۇھىم رول ئويناۋاتقان شەخسلەر ۋە مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئالاھىدە ئورۇن بەرگەن بولۇپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېنمۇ نۇتقىدا بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن. ئۇ بۇنىڭدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ھەمدە بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ھۆججەتلەشتۈرۈپ دۇنياغا ئاشكارىلاشتا رول ئويناۋاتقان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنى تىلغا ئالغان. ئانتونىي بىلىنكېن مۇنداق دېگەن:

«دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، پۇقرالار ۋە پۇقرالار تەشكىلاتلىرى ئۆزىگە كېلىدىغان خەۋپكە قارىماي بۇ خىل ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرۇۋاتىدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇرلار ھەرىكىتى تەشكىلاتى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىغا ئوخشاش ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ھۆججەتلەشتۈرمەكتە».

ئانتونىي بىلىنكېن سۆزىدە يەنە ئەسكەرتىپ: «ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان بۇ باتۇر پائالىيەتچىلەرنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بىز ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان ئالاقىمىزدا چوقۇم ئاشكارا ۋە بىۋاسىتە ھالدا دىنىي ئەركىنلىكنى تەشەببۇس قىلىمىز، دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمىز» دېگەن.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مۇدىرى روشەن ئابباس خانىم بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتە قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆزلىرىنىڭ خىزمىتىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەنلىكىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى رەئىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ھەيئىتى رەئىسى نۇرىي تۈركەلمۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دوكلاتلىرىنىڭ رولىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەنلىكىنى قارشى ئالدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يىللىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن قىلغان ئاخبارات يىغىنىدا يەنە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەلچىسى راشىد ھۈسەيىن (Rashad Hussain) مۇ سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە دوكلاتتىكى مۇھىم نۇقتىلارنى چۈشەندۈرۈپ ؛ بۇ يىللىق دوكلاتتا ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەت قاتلىمىدىكى دىنىي كەمسىتىش ۋە ئۆچمەنلىككە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم بايقاشلارنىڭ ئورۇن ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، دىنىي ئېتىقاد ۋەزىيىتى ئالاھىدە دىققەت قوزغاشقا تېگىشلىك دۆلەتلەرنى تىلغا ئالغاندا رۇسىيە، خىتاي، ھىندىستان، ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ئۈستىدە توختالغان. ئۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارنى قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا تۇتتى، تۈرمىگە تاشلىدى. ئۇلارنى سۈرگۈن قىلدى» دېگەن.

راشىد ھۈسەيىن ھۆكۈمەتلەرنىڭ پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى جۈملىدىن دىنغا ئىشىنىش ياكى ئىشەنمەسلىك، دىنىنى ئۆزگەرتىش، دىنىي ئىبادىتىنى قىلىش قاتارلىق ئەركىنلىكىگە ئارىلىشىۋالىدىغان، كەمسىتىدىغان قىلمىشلار كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ چوقۇم دۇنيانىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.

مەزكۇر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا ئامېرىكادىكى بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى باشلىقى ئەلفىدار ئىلتەبىرمۇ شۇلارنىڭ قاتارىدا ئىكەن. ئۇنىڭ رادىيومىزغا دېيىشىچە، يىغىن ئاخىرىدا ئۇ ھەم بىلىنكىن ئەپەندى ھەم ھۈسەيىن راشىد ئەپەندىلەر بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگىمۇ ئىگە بولغان. ئۇ ئۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا ۋە ئاخبارات يىغىنىدا تەكرار-تەكرار ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا دىپلوماتىيەسىدىكى مۇھىم مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن دوكلات مۇناسىۋىتى بىلەن تارقاتقان رەسمىي مەلۇماتنامىسىدە: «ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، دەپ بېكىتكەن. بىز بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مالىيە جازاسى، ۋىزا چەكلىمىسى ۋە شۇنىڭدەك ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› قاتارلىقلارنى يولغا قويدۇق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان تاۋارلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىدۇق» دېيىلگەن. مەلۇماتنامىدە يەنە ئامېرىكانىڭ بۇندىن كېيىن «ب د ت بىلەن بۇ مەسىلىدە يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇرلارغا ئائىت دوكلاتلارنىڭ داۋاملىق چىقىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقى ھەمدە يەنە ئامېرىكانىڭ شېرىك دۆلەتلىرى ۋە ھەتتا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ خىتايغا قارىتا تەدبىر ئېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدىغانلىقى، ئامېرىكانىڭ بۇ زۇلۇمنى توختىتىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقى» بايان قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.