ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينى لاگېرلاردىكى مەجبۇرى ئەمگەكنى توختىشىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-06-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئۆتكەن بىر يىللىق دۇنيادىكى ئادەم ئەتكەسچىلىكى ھەققىدىكى دوكلاتتىكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار تىلغا ئېلىنغان بۆلىكى. 2019-يىلى 20-ئىيۇن. ۋاشىنگتون، ئامېرىكا.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئۆتكەن بىر يىللىق دۇنيادىكى ئادەم ئەتكەسچىلىكى ھەققىدىكى دوكلاتتىكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار تىلغا ئېلىنغان بۆلىكى. 2019-يىلى 20-ئىيۇن. ۋاشىنگتون، ئامېرىكا.
state.gov

ئامېرىكا تاشقى ئىشلا مىنىستىرلىقى 20‏-ئىيۇن ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئادەم ئەتكەسچىلىك قىلمىشىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينى بۇ يىل يەنە ئادەم ئەتكەسچىلىك ۋەزىيىتى ئەڭ ناچار 3‏-دەرىجىلىك دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.

دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇشتا ئەڭ ئەقەللىي ئۆلچەملەرگە يەتمىگەنلىكى، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتە ھېچقانداق كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلمايلا قالماي، ئۇنىڭ يەنە ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قامىشى تۇتقۇن ئائىلىلىرىنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىشىغا يول ئاچقانلىقى، شۇنىڭدەك تۇتقۇنلارنى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىشنىڭ كەڭ ئەۋج ئالغانلىقى تەكىتلەنگەن. 

بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ھامىيلىقىدىكى خىتاي كارخانىلىرىدا مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىشىنى ئۆزىنىڭ يىللىق ئادەم ئەتكەسچىلىك دوكلاتىغا كىرگۈزۈشىدۇر.

«نيۇ-يوركتىكى ۋاقتى گېزىتى» «مالىيە ۋاقتى گېزىتى» قاتارلىق نوپۇزلۇق خەلقئارا تاراتقۇلار ئىلگىرى بەزى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قوللىشىدا لاگېر ئەتراپىغا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى قۇرۇپ، ئىپادىسى ياخشى، دەپ قارالغان لاگېردىكى بىر قىسىم تۇتقۇنلارنى بۇ كارخانىلاردا مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ خەۋەر خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغاپ، ئامېرىكىدىكى بەزى چوڭ شىركەتلەر بۇ كارخانىلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. 

20‏-ئىيۇن دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا تاشقى ئىشلا مىنىستىرى مايك پومپېيو سۆز قىلىپ، بەزى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىرىگە يول قويۇۋاتقانلىقى، بەزى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۆزى ئادەم ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي بىلەن شىمالىي كورېيەنى تىلغا ئالدى. ئۇ، خىتاينىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلماننى تۇتقۇن قىلىپ ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. 

مايك پومپېيو مۇنداق دېدى: «3‏-دەرىجىلىك تىزىملىكتىكى دۆلەتلەر مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ ئۇنىڭدىكى دۆلەتلەر ناھايىتى چەكلىك تىزىملىك. بىز خىتاي، ئىران، شىمالى كورېيە، رۇسىيە، سۈرىيە ۋېنېزۇئېلا ۋە باشقا بىر قانچە دۆلەتنى بۇ تىزىملىككە كىرگۈزدۇق. بۇ يىل بۇ تىزىملىككە كۇبا قاتارلىق بىر قانچە دۆلەت قوشۇلدى. بۇ ھۆكۈمەتلەرنىڭ بەزىلىرى ئادەم ئەتكەسچىلىرىگە يول ئېچىپ بېرىۋاتقانلار، بەزىلىرى ئۆزى ئادەم ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار. شىمالىي كورېيەدە ھۆكۈمەت ئۆز پۇقرالىرىنى دۆلەت ئىچى-سىرتىدا مەجبۇرى ئەمگەككە سالماقتا. خىتايدا دائىرىلىرى بىر مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىماقتا. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئىچكى قىسىمدا كىيىم-كېچەك، گىلەم، تازىلىق بۇيۇملىرىنى ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا مەجبۇرى سېلىنماقتا. 11-، 2-، 3-دەرىجىلىك بۇ تىزىملىك ھەرگىز قەغەز يۈزىدىكى نەرسە ئەمەس، ئۇنىڭ بىر بەدىلى بولىدۇ.» 

ئامېرىكا تاشقى ئىشلا مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، «مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنىشى، ئۇلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى ھەمدە ئۇلارنىڭ مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىشىغا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى، ئۆلكىلىك ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلىرىدىكى ئەمەلدارلار شېرىك» بولۇۋاتقان بولۇپ، ئەمما ئۇلار ھېچقانداق جازاغا تارتىلمايدىكەن. 

دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى 2013‏-يىلى «ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش تۈزۈمى» نى بىكار قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تۇتقۇندىكى مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىشى بىلەن خىتايدا دۆلەتنىڭ قوللىشىدىكى مەجبۇرى ئەمگەك كەڭ ئومۇملاشقان.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «دۆلەتنىڭ ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرى ئەمگەك ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە سىياسىي مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى ئاستىدا ئېغىرلاشتى. دائىرىلەر بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق ئېتنىك مىللەتلەرنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئېتنىك ۋە دىنىي كىملىكىنى يوقىتىش مەقسىتىدىكى 1200 دەك ‹كەسپىي تەربىيىلەش مەركەزلىرى› گە ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىدى. ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ گۇۋاھچىلار ۋە تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن دوكلاتلىرىدا، ھۆكۈمەتنىڭ تۇتقۇنلار ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنى لاگېر ئىچىدىكى ياكى ئەتراپىدىكى كارخانىلاردا مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىپ، ئىچكى ۋە خەلقئارا بازار تەمىنلەش ئۈچۈن كىيىم-كېچەك، گىلەم، تازىلىق بۇيۇملار ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىنماقتا.» 

لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئورۇنلارنىڭ لاگېر ئىكەنلىكىنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭ «كەسپىي تېخنىكا تەربىيىلەش مەركەزلىرى» ئىكەنلىكى، ئۇنىڭدا «ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۈنەر-كەسىپ ئۆگىنىدىغانلىقى ۋە رادىكاللىق ئىدىيىلىرىنى تۈگىتىۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن. 

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئورۇنلارنى ئادەم ئەتكەسچىلىك دوكلاتىغا كىرگۈزۈشى خىتايغا بېرىلگەن كۈچلۈك سىگنال ئىكەن. 

ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» تەشكىلاتىنىڭ تاشقى ئىشلار دىرېكتورى لۇئىسا گرېۋ خانىم 20‏-ئىيۇن كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتكۈل ئۇيغۇر رايونىدا ھەممە نەرسىنى مەخپىيەتلىككە ئايلاندۇرۇپ كەلگەن. لېكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي دوكلاتىدا مەجبۇرى ئەمگەكنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملىق دەلىللىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا ئۆلچەم ۋە قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى يوشۇرالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تاشقى ئىشلا مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىنى ئالقىشلايدۇ، شۇنىڭدەك يەنە خىتاينى ‏3-دەرىجىلىك دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ رايوندىكى قورقۇنچلۇق لاگېر سىستېمىسىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، تۇتقۇنلارنى مەجبۇرى يېزا ئىگىلىك ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا سېلىۋاتقانلىقىنىڭ تەپسىلىي ئەھۋاللىرىنى ئاشكارىلىغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ.»

تاشقى ئىشلا مىنىستىرى پومپېيو، بۇ دوكلاتنىڭ قەغەز يۈزدە قالمايدىغانلىقى، ئۇنىڭ بىر بەدىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ قانداق بەدەل ئۆتەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى.

لۇئىسا گرېۋ خانىمنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇلار ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ «خەلقئارا مالىيە فوندى» قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ خىتاينى قەرز پۇل بىلەن تەمىنلىمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. 

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەلۋەتتە بىز پرېزىدېنتنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك خەلقئارا تەرەققىيات ئورگانلىرىنىڭ، ‹خەلقئارا مالىيە فوندى› قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ خىتايدەك ئادەم ئەتكەسچىلىك ئەھۋالى 3‏-دەرىجىلىك بىر دۆلەتنى قەرز پۇل بىلەن تەمىنلىمەسلىكى، ياكى باشقا ئورگانلارنىڭ ئۇنىڭغا پۇل بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز. چۈنكى، خىتاي ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئۆلچەملىرىگە خىلاپلىق قىلىۋاتقان بىر دۆلەتتۇر.» 

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيونىڭ ئاخبارات يىغىنىدا تەكىتلىشىچە، ئەگەر يۇقىرىقى دۆلەتلەر ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرمىسا، ئامېرىكا ئۇلارغا قارشى تەدبىر قوللىنىدىكەن. ئۇ، بۇ يىللىق دوكلاتتا بېرىلگەن سىگنالنىڭ ناھايىتى ئېنىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مايك پومپېيو پەيشەنبە كۈنكى ئاخبارات يىغىنىدا: «ئۆتكەن يىلى، پرېزىدېنت ترامپ بىزنىڭ 2018‏-يىللىق دوكلاتىمىزدا 3‏-دەرىجىلىك دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن 22 دۆلەتكە قارىتا بەزى ياردەم تۈرلىرىنى چەكلىدى. بۇ ھەرىكەت ۋە دوكلاتتا بېرىلگەن سىگنال ناھايىتى ئېنىق، ئەگەر سىز ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرمىسىڭىز، ئامېرىكا سىزگە قارىتا تەدبىر قوللىنىدۇ. پرېزىدېنت ترامپ بۇنى ئىسپاتلىدى. ئۇ بىزنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئادەم ئەتكەسچىلىك قىلمىشىنى ئامېرىكىنىڭ ھەقىقىي رەۋىشتىكى تۈپ ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردى» دەپ كۆرسەتتى. 

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا قەيت قىلىنىشىچە، دائىرىلەر ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ ئەتراپىدا زاۋۇت ئاچقان شىركەتلەرگە ياردەم بېرىش بىلەن بىرگە، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ھەقسىز ياكى ئازراق تەمىنات بىلەن مەجبۇر ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ھەر بىر تۇتقۇن ئۈچۈن قوشۇمچە پۇلغا ئېرىشمەكتە ئىكەن. دوكلاتتا بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، «شىنجاڭدا تۇتقۇن قىلىنغان مىڭلىغان كىشىنىڭ باشقا ئۆلكىلەردە مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىشقا يۆتكەپ كېتىلىۋاتقانلىقى، دائىرىلەرنىڭ بەزى جايلاردا تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلىسىنى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكى» نى بىلدۈرگەن. 

دوكلاتتا يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چوڭلارنى تۇتقۇن قىلىپلا قالماي، تۇتقۇنلارنىڭ ياش پەرزەنتلىرىنى دۆلەت ھىمايىسىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە، يېتىمخانا ۋە «بالىلار پاراۋانلىق يېتەكلەش مەركەزلىرى» گە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا قارىتا مېڭە يۇيۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، ئائىلىسىنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى مەلۇم قىلىشقا قىستاۋاتقانلىقى، يېشى چوڭراق بالىلارنىڭ «كەسپىي تەربىيىلەش مەكتەپلىرى» گە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بەزىدە مەجبۇرى ئەمگەكنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. 

دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2017‏-يىلى ھاشارنى رەسمىي بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن مەزكۇر رايوندا دۆلەت ھىمايىسىدىكى ھاشارغا ئوخشاپ كېتىدىغان مەجبۇرى ئەمگەك داۋاملاشماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت