ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور كۆلەملىك سىياسىي باستۇرۇش ھەققىدە دۇنيادىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتلار كۆپ قېتىملاپ پىكىر بايان قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلارغا قامىلىشى تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولغاندىن كېيىن لاگېرلاردىكى روھىي ۋە جىسمانىي خورلاش قىلمىشلىرىغا دائىر كۆپلىگەن ئۇچۇرلار ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھازىرچە لاگېرلارغا قامىلىشتىن ئامان قالغان ئۇيغۇرلار ھەمدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكتىن ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەھرۇم بولۇۋاتقانلىقىمۇ تېگىشلىك دەرىجىدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىدى.
27-ئىيۇن كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ ئاقىللار مەركىزىنىڭ بىرى بولغان «ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزى» (CSIS) دە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۆزگىچە تۈرمە: شىنجاڭدىكى زور كۆلەملىك نازارەت ۋە ئۇنىڭ دۇنياۋى تەسىرى» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى دەل مۇشۇ مەسىلىلەرگە بېغىشلاندى.
بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ رىياسەتچىسى ئەمىي لېر ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ، يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان ئالاھىدە مېھمانلارنىڭ بىرى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، ئامېرىكا قوراللىق قىسىملار دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى مايك گەللېگېرنىڭ كۈتۈلمىگەن خىزمەت ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن بۈگۈنكى يىغىنغا بىۋاسىتە قاتنىشىش ئىمكانى بولمىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭ سكايپى ئارقىلىق يىغىننىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئۆز پىكرىنى بايان قىلماقچى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
پالاتا ئەزاسى مايك گەللېگېر سۆزىدە نۇقتىلىق قىلىپ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆتكەن ئون نەچچە يىللىق تەرەققىياتىنى ئەسلەپ ئۆتۈش بىلەن بىلەن بىرگە بۇندىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسىتىنى بېكىتىشتە قانداق ئۆلچەملەرنى ئىجرا قىلىش توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىنى بىزنىڭ دوستلىرىمىز بىلەن ئالاقە باغلىشىمىزدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك زېمىن، دېيىشكە بولىدۇ. بۇ دەل خىتاي ھۆكۈمىتى ئەڭ قورقىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. قارايدىغان بولساق خىتاي ئەمەلدارلىرى تەكەببۇرلارچە سۆز قىلىپ نۆۋەتتىكى 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا خوڭكوڭدىكى مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنمايدىغانلىقىنى داۋراڭ قىلىۋاتىدۇ. نېمىشقا دېگەندە ئۇلار مۇشۇنداق بىر چوڭ خەلقئارا مۇنبەردە تىلى تۇتۇلۇپ قېلىشتىن قورقۇۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بىز نېمىلەرنى قىلالىشىمىز مۇمكىن؟ مېنىڭچە، دۆلەت مەجلىسى بۇ جەھەتتە بەزى ئىشلارنى قىلالايدۇ، دەپ قارايمەن. بىرىنچىدىن، بىزنىڭ تاشقى سىياسىتىمىزدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈچىنچى ئورۇندىكى غوللۇق پرىنسىپ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈشى لازىم. ئىككىنچىدىن بىز بۇ قېتىمقى 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ خوڭكوڭدىكى، شىنجاڭدىكى ۋە خىتاي تەۋەسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسىنى كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە سۇنۇشىمىز لازىم. ئۈچىنچىسى، خىتاي ھازىر 2020-يىلىدىكى قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىغا ئالدىراۋاتىدۇ. ساھىبخانا دۆلەت بولغان خىتاي كۆپ قېتىم ئۆزلىرىنىڭ خەلقئارا مىزانلارغا ۋە ئولىمپىكنىڭ نىزامنامىسىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ‹دىنىي ئېتىقاد ۋە مىللەت تۈركۈمىنى نىشان قىلغان چەكلىمە ۋە كەمسىتىشكە قەتئىي قارشى تۇرىمىز› دېگەن. ئەمدى قارايدىغان بولساق خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلارغا قىلچىمۇ رىئايە قىلغىنى يوق. شۇڭا ھازىرقى ئەھۋالدا بىز خىتاي كومپارتىيەسىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئېتنىك تازىلاش سىياسىتىنى توختىتىشقا قىستىشىمىز، تۇتقۇن قىلىنغان دىنىي مەھبۇسلارنىڭ تىزىملىكىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا تاشلاپ ئۇلارنى قويۇۋېتىشكە، شىنجاڭدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغانلارنى ئۆيلىرىگە قايتۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشىمىز لازىم.»
ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىشىغا قارىتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار قاتارىدا بىر قىسىم ئەمەلىي مىساللارنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى:
«ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى پەن-تېخنىكىنى ئاساس قىلغان ھاكىممۇتلەقلىققە ياردەم بېرىش قىلمىشىغا ئۈزۈل-كېسىل خاتىمە بېرىشىمىز لازىم. بىر قىسىم خىزمەتداشلىرىم ھازىر مۇزاكىرە قىلىۋاتقان ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھىسى› دىمۇ دەل مۇشۇ خىلدىكى قىلمىشنى چەكلەش، بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى خالىغانچە ئادەم تۇتۇش قىلمىشلىرىغا بىلىپ-بىلمەي ھەمدەمدە بولۇپ قالماسلىققا ئۈندەش، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا بىۋاسىتە جاۋابكار بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ‹يەر شارى ماگنېتىسكى قانۇنى› بويىچە جازا بېرىش مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۈچىنچى نۇقتا مېنىڭچە ھەممىدىن مۇھىم: بىز جەزمەن خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن خىتاي خەلقىنى پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىشىمىز لازىم. دەرۋەقە بۇنى قانداق ئىپادىلەش ھازىر ئۇنداق ئاسان ئەمەس. بىزدە ‹خىتاي مەسىلىسى› مەۋجۇت ئەمەس. مەۋجۇت بولۇۋاتقىنى ‹خىتاي كومپارتىيەسى› مەسىلىسى. خىتاي خەلقى، بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ھازىر بۇ ھاكىمىيەتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق قۇربانلىق مېلى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. مېنىڭچە بىز دادىللىق بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ھەرقاچان ئۇلار بىلەن بىللە ئىكەنلىكىمىزنى، ئۇلارغا زۇلۇم سېلىۋاتقان كۈچلەرگە قارشى ئىكەنلىكىمىزنى، شۇنداقلا ئۆزىمىزنىڭ ئامېرىكىدىكى تېگىشلىك ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئۆز مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ئۇلارغا بىلدۈرۈپ تۇرۇشىمىز لازىم.»
شۇنىڭدىن كېيىن ئەمىي لېر سۆز ئېلىپ يىغىن ئەھلىگە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زور كۆلەملىك نازارەت سىستېمىسى، زور كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە يېقىندىن بۇيان ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى سۈرەتلەرنى سۇندى. بولۇپمۇ 2013-يىلى باشلانغان «قايتا تەربىيەلەش» ھەرىكىتىنىڭ 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا تولىمۇ قاباھەتلىك دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئەڭ جانلىق ئىسپاتى گۇگۇل خەرىتىسى ئارقىلىق نامايەن بولغان پاكىتلار ئىكەنلىكىنى، بۇ خەرىتىلەردىن بۇ لاگېرلارنىڭ تۈرمىلەرگە ئوخشاش كۆلەمگە ۋە خاراكتېرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش قىيىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«ئىلگىرى بىز شىنجاڭدىكى مەدەنىيەت ۋە دىنىي زۇلۇملار ھەققىدە كۆپلىگەن مەلۇماتلارنى توپلىغان ئىدۇق. شۇڭا بۇلار بىز ئۈچۈن يېڭىلىق ئەمەس، دېسەكمۇ بولىدۇ. ئەمما ھازىر مۇھىم بولۇۋاتقىنى مۇشۇ مەسىلىلەرگە قارىتا بىزنىڭ سىياسەت ساھەسىدىكى كاتتىلىرىمىزنىڭ يەڭ شىمايلاپ قىلغانلىرى يوقنىڭ ئورنىدا بولدى دېسەكمۇ بولىدۇ. شۇڭا بىز بۈگۈنكى مۇھاكىمە يىغىنى مۇشۇ ئىشلارغا ئازراق بولسىمۇ تۈرتكە بولۇپ قالسىكەن، دېگەن ئۈمىدتىمىز. چۈنكى بولۇۋاتقان ئىشلارنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن بۇنىڭغا قارىتا ئەمىلى رەۋىشتە ئوتتۇرىغا چىققان ئىشلار ئوتتۇرىسىدا پەرق بەكمۇ چوڭ. مانا مۇشۇ خەرىتىلەرگە قارايدىغان بولساق بۇ خەرىتىلەردىكى قىزىل نۇقتا قويۇلغان 95 ئورۇن دەل ھازىر ئۈچ مىليونغىچە ئادەم قامالغان، دەپ تەخمىن قىلىنىۋاتقان لاگېرلارنىڭ ئورنىدۇر. بۇ جايلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئون پىرسەنتى قامالغان. ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ لاگېر سىرتىدا تۇرۇۋاتقانلىرى قانداق ئەھۋالدا؟ شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئۇلارنىڭ لاگېرغا قامالماي قالغىنى ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. ئۇلار باشقىچە نامدىكى ياكى خاراكتېردىكى تۈرمە مۇھىتىدا ياشاۋاتىدۇ. بىرىنچىدىن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز ئۆيلىرىدە نازارەتتە. ئىككىنچىدىن، ئۆيدىن چىققان ھامان ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھەر بىر كوچىدىن ئۆتكەندە بىر قېتىم تەكشۈرۈش نۇقتىسىدىن ئۆتىدۇ. بۇ جايلاردا ئۇلارنى جىسمانىي جەھەتتىن تەكشۈرىدۇ. شۇنداقلا پەن-تېخنىكا ئارقىلىق نازارەت قىلىنىدۇ. شۇڭا تېخنىكا ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر مۇشۇ ساھەلەر بويىچە ئۆز پىكىرلىرىنى قويۇپ ئۆتسە كۆپچىلىككە بۇ ئەھۋال تېخىمۇ بەكرەك ئايدىڭ بولۇپ كېتىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»
ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا لاگېرلارنىڭ كېڭىيىش ئەھۋالىنى گۇگۇل خەرىتىسىدىن كۆرسىتىش ئارقىلىق بىر قىسىم لاگېرلارنىڭ قۇرۇلما جەھەتتىن باشقا ئەسلىھەلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ بۇ ئورۇنلاردىكى بىخەتەرلىككە چېتىشلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ كۆپلەپ مەۋجۇتلۇقىدىن بۇنىڭ قانداقتۇر مەجبۇرلاش تەدبىرلىرى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«خوتەندىكى بۇ ئەسلىھەلەرگە قارايدىغان بولساق ‹تەربىيەلەش مەركىزى› دېيىلىۋاتقان بۇ ئورۇنلارنىڭ بەزىلىرى ئىلگىرىكى مەكتەپلەردىن ئۆزگەرتىلگەن. بەزىلىرى بولسا تۈرمىلەردۇر. ئەمما بۇ جايلاردىن چىققان چىققان كىشىلەر يوقنىڭ ئورنىدا بولغاچقا ئۇ جايلارنىڭ ئىچكى ئەھۋالىدىن بىز خەۋەرسىز. ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئورتاق بولغان بىر ئالاھىدىلىك شۇكى، ئۇلارغا ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى سەپلەنگەن. ئەمما بۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتى ‹مەكتەپ› دەۋاتىدۇ. چۆلنىڭ ئوتتۇرىسىغا بەرپا قىلىنغان بۇ جاي 2012-يىلىدىكى گۇگۇل خەرىتىسىدە كۆزگە چېلىقمايدۇ. ئەمما 2019-يىلىدىكى خەرىتىدە 88 پۇتبول مەيدانى چوڭلۇقىدىكى بىرلەشمە قۇرۇلۇش ئەسلىھەسى ۋۇجۇدقا كەلگەن. بۇنداق بىر چوڭ قۇرۇلۇش نېمە ئۈچۈن چۆلنىڭ ئوتتۇرىسىغا بەرپا قىلىنىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بۇ ئەسلىھەلەرنىڭ چۆرىسىگە بۇنچە مۇستەھكەم ۋە 16 فۇت ئېگىزلىكتىكى (تەخمىنەن بەش مېتىر) رىشاتكىلىق توسۇق ئورنىتىلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئۆگزىلىرىگە يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئانتېننالىرى ئورنىتىلىدۇ؟ ئەگەر بۇلار نورمال مەكتەپ ياكى زاۋۇت بولغان بولسا بۇلارنىڭ ھاجىتى بولمايتتى. روشەنكى ئۇلار بۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ قېچىپ كېتىشىنى تولۇق كونتروللۇق ئاستىغا ئالغان. چۈنكى بۇ جايدىكى كىشىلەر خۇشاللىق بىلەن بۇ جايلاردا تۇرغان بولسىدى بۇنىڭ زۆرۈرىيىتى قالمايتتى. دېمەك بۇ كىشىلەر ھەر قاچان بۇ جايدىن كېتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. غۇلجا رايونىدىكى بۇ قۇرۇلۇشلار بولسا تىپىك زاۋۇت شەكلىنى ئالغان. بۇ زاۋۇتلارنىڭ قۇرۇلۇش ئالاھىدىلىكىمۇ خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارنىڭ قۇرۇلمىسىدىن ئېگىز رىشاتكىلىرى، كۆزىتىش نۇقتىلىرى دېگەنلەر بىلەن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ. مانا مۇشۇ خىلدىكى زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە بارلىققا كېلىۋاتقان كۆپلىگەن مەھسۇلاتلار خەلقئاراغا سېتىلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ پەمىدۇر پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى شىنجاڭدا. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ توقۇمىچىلىق زاۋۇتىمۇ مۇشۇ جايدا. زىبۇزىننەت بۇيۇملىرى، چاي ئورامچىلىقى، يانفون قۇراشتۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇ جايلاردا تاماملىنىدۇ. ئەمما دەل بىز ئىستېمال قىلىۋاتقان بۇيۇملارنىڭ قانچىلىكى مانا مۇشۇنداق مەجبۇرىي ئەمگەكلەردىن كەلگەنلىكىنى بىز ھازىرغىچە تېخى ھېس قىلالماي يۈرۈۋاتىمىز.»
بۇ پروگراممىمىزنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى پروگراممىمىزدا بولسۇن.
0:00 / 0:00