مۇخبىر: باياناتچى ئورتاگۇس خانىم، سىزنىڭ بۈگۈنكى زىيارىتىمىزگە ۋاقىت ئاجراتقىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت!
ئورتاگۇس خانىم: ئەرزىمەيدۇ.
مۇخبىر: مېنىڭ ئالدى بىلەن سورىماقچى بولغىنىم، دۈشەنبە كۈنى دوكتور ئادرىئان زېنز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتا تۇغۇت چەكلەش ۋە مەجبۇرىي ھامىلە چۈشۈرۈش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋاتقانلىقى توغرىلىق كۈچلۈك بىر دوكلات ئېلان قىلدى. شۇندىن كېيىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇ دوكلاتتىكى مەزمۇنلار «ئىنساننى چۆچۈتىدۇ» دېدى. ئۇ يەنە باشقا دۆلەتلەرنىمۇ ئامېرىكاغا قوشۇلۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زىيانكەشلىكلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرىمۇ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ۋەھشىي قىلمىشلىرىنى توختىتىشقا چاقىردى. سىز ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئەللىرى بۇ مەسىلىدە ئورتاق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زوراۋان قىلمىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى زۆرۈر دەپ قارامسىز؟
ئورتاگۇس خانىم: مېنى بۈگۈن زىيارەت قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت! بۇ بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئىنساننى ئەڭ چۈچۈتىدىغان ۋەقەلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۆتكەنكى بىر قانچە يىل ئىچىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈنلەر شەخسەن ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى. مېنىڭ ئېرىمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر يەھۇدىي. ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكاغا كېلىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ پولشا، ۋېنگىرىيە ۋە باشقا جايلاردىكى بىر قىسىم قېرىنداشلىرى يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئەمدى سىز ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە نەزەر سالسىڭىز، ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان زىيانكەشلىكلەر يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن كېيىنكى ئەڭ ئېغىر جىنايەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا تارىخىي نەزەر بىلەن قارىسىڭىز، بۇ ئىنساننى قاتتىق چۆچۈتىدۇ. ئىككىنچىدىن، مەن بىر ئايال بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىز تىلغا ئالغان مۇناسىۋەتلىك دوكلاتتىكى ئىرقىي ۋە دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىكلا مەجبۇرىي ھالدا ئاياللارنىڭ بالىسىنى چۈشۈرۈۋېتىش ياكى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش قىلمىشلىرىنى ھېچ ئەقلىمگە سىغدۇرالمايمەن. شۇنداقلا بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بىر رەزىل قىلمىشنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن. تىۋىتتېردا ماڭا ئەگىشىدىغانلار مېنىڭ تۇنجى بالامغا ئېغىر ئاياق بولغانلىقىمنى بىلىدۇ. زېنز ئەپەندىنىڭ بۇ دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مەن بىر تۇغۇت ئالدىدىكى ئېغىرئاياغ ئايال بولۇش سۈپىتىم بىلەن قەلبىم ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۈچۈن ئاھ ئۇردى. مەن ئۈچۈن دۇنيادىكى كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ بۇ رەزىل قىلمىش توغرىلىق گەپ قىلماسلىقى ماڭا نىسبەتەن ئىنسان قوبۇل قىلالايدىغان بىر ئىش ئەمەس. بۇ مەسىلە ئۈستىدە سۆز ئېچىش ئىنتايىن مۇھىم. ئەمما بىزگە ھەقىقەتەن كېرەكلىك بولغىنى ئەمەلىي ھەرىكەت. مانا كۆرۈپ تۇرۇپسىز، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن سودا مىنىستىرلىقى شۇنداقلا ترامپ ھۆكۈمىتى بىر يۈرۈش ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ باردى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو ئۇيغۇرلارنىڭ قاباھەتلىك ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز تىلغا ئېلىپ كەلدى. ئۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان ئۆتكەن ئىككى يىلدىن بېرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۆزىنىڭ نۇتۇقلىرىدىكى ئاساسلىق دىققەت مەركىزىگە ئايلاندۇردى. بىز بۇ مەسىلىدە سۆز ئېچىشتىن باشقا يەنە شىنجاڭدىكى دەپسەندىچىلىكلەردە رول ئوينىغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويدۇق. مانا بۈگۈن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو، سودا مىنىستىرلىقى ۋە ئامېرىكا ئانا ۋەتەننى قوغداش مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ كۆپ شىركەتلەرنى چەكلەش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. سودا مىنىستېرلىقىمۇ شىنجاڭدا ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقان شىركەتلەرنى ئۆزىنىڭ مۇئەسسەسە تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. شۇڭا بىز داۋاملىق ئۇيغۇرلارغا قانداق قىلساق تېخىمۇ كۆپ ياردەم قىلالايمىز دېگەنلەرنى ئويلاپ ۋە باھالاپ تۇرۇۋاتىمىز. مېنىڭچە، قىلىشقا تېگىشلىك ئىككىنچى باسقۇچتىكى يەنە بىر مۇھىم ئىش، بىزنىڭ ياۋروپادىكى دوستلىرىمىز، ئىتتىپاقداشلىرىمىز، مۇسۇلمان نوپۇسى كۆپ دۆلەتلەر ۋە دىنىي ئەركىنلىككە ھەم كىشىلىك ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلىدىغان كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئېغىز ئېچىشىنى قارشى ئالىمىز. ئەمدى ھازىر ھەرىكەتكە ئۆتىدىغان ۋاقىت كەلدى. يەنى ئۇلارنىڭ ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭدىكى زۇلۇمغا شېرىك بولغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە بۇ رايوندا سودا ئېلىپ بارغان شىركەتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى.
مۇخبىر: سىزنىڭچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرى ۋە مۇسۇلمان دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئالدىمىزدىكى ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىگە، ھەتتا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئېلىپ چىقىشى مۇمكىنمۇ؟
ئورتاگۇس خانىم: مەن بۇنى مۇمكىن دەپ قارايمەن. پرېزىدېنت ترامپ ئۆتكەن يىلىدىكى ئومۇمىي كېڭەشتە تۇنجى قېتىملىق دۆلەت رەھبەرلىرى دەرىجىلىك دىنىي ئەركىنلىك مىنىستېرلار يىغىنىغا ساھىبخانىلىق قىلدى. بىز بۇ يىغىندا دىنىي ئەركىنلىككە ئالاھىدە ئېتىبار بەردۇق. بىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن نۇرغۇن ئىشلارنى ئېلىپ باردۇق. مەن بىر ئۇيغۇر ئايالنى زىيارەت قىلدىم. شۇڭا بىز يۇقىرى دەرىجىلىكلەردىن باشلاپ بۇ مەسىلىگە داۋاملىق كۆڭۈل بېرىمىز. سىز بىلگەندەك، پرېزىدېنت «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» غا ئىمزا قويدى. بۇنىڭغا بىزنىڭ دۆلەت مەجلىسىمىز يېقىندىن ھەمدەمدە بولدى. مەن بىزنىڭ ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ، مۇسۇلمان نوپۇسى كۆپ بولغان دۆلەتلەرنىڭ، شۇنداقلا دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ ئامېرىكاغا قوشۇلۇپ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىنىڭ قانچىلىق مۇھىملىقىنى تەكىتلىمىسەم بولمايدۇ. شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتمەكچىمەنكى، ئامېرىكا ھازىرغىچە خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارشى ئەمەلىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان بىردىن-بىر دۆلەت.
مۇخبىر: ئامېرىكا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئۆزىنىڭ ئاۋازىنى ئەڭ جاراڭلىق شەكىلدە ئىپادىلىگەن دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ياۋروپا دۆلەتلىرىمۇ ئوخشاش شەكىلدە ئاۋازىنى چىقىرىۋاتىدۇ. ئەمما مۇسۇلمان دۆلەتلەر تامامەن سۈكۈتتە تۇرماقتا. ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداۋاتقان، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان (بۇنى مەيلى «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى»، «نوپۇس قىرغىنچىلىقى» ياكى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دېيىشىمىزدىن قەتئىينەزەر) باستۇرۇش سىياسىتى ۋە زىيانكەشلىكلىرىنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلغان بىردىن-بىر دۆلەت بولۇپ قالدى؟
ئورتاگۇس خانىم: مەن بىلمەيمەن. ئەمما سىزنىڭ دېگىنىڭىز ئورۇنلۇق. توغرا ئىش قىلىشنىڭ ۋاقتى ھېچزامان ئۆتۈپ كەتمەيدۇ. شۇڭا بىز باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىش، ئەيىبلەش ۋە نۇتۇق سۆزلەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى يەنە ئامېرىكاغا قوشۇلۇپ ھەرىكەتكە ئۆتىشىنى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ قاباھەتلىك ۋەزىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
مۇخبىر: تۈنۈگۈن ئەنگلىيەنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتى ۋە ب د ت دا تۇرۇشلۇق جەنۋەدىكى باش ئەلچىسى 20 نەچچە دۆلەتكە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا بېرىپ زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇشىنى چاقىرىق قىلدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ چاقىرىقنى قوللامدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە خىتاينى بۇنى بەجا كەلتۈرۈشكە چاقىرىق قىلامدۇ؟ ئەگەر شۇنداق قىلسا، قانداق شارائىت ئاستىدا بولىدۇ؟
ئورتاگۇس خانىم: سىز بىلگەندەك، بىز ئومۇمەن شىنجاڭغا ۋە ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنى ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قامىغان لاگېرلارغا ھەقىقىي تۈردە كىرىش يولىنى ئېچىپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەر قانداق تەلەپنى قوللايمىز. مەن داۋاملىق كىشىلەرگە، بولۇپمۇ ئامېرىكالىقلارغا نېمىلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقىنىنى چۈشەندۈرمەكچى بولغىنىمدا، رايوندا ئاز دېگەندە بىر مىليون مۇسۇلماننىڭ لاگېرلارغا سولانغانلىقىنى ئېيتىمەن. بىز بىلىدىغان سان ھازىرچە مۇشۇ. ئەمما ئەمەلىي سان بەلكىم بۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر بىر مىليون خرىستىئان ياكى بىر مىليون يەھۇدىي لاگېرلاردا سولانغان بولسا، بۇنىڭغا دۇنيا قانداق ئىنكاس قايتۇرغان بولاتتى؟ بىزنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز لاگېرلارغا تاشلانغاندا بىزدە چوقۇم ئوخشاش ئىنكاس بولۇشى كېرەك. شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئىنسانلارغا بىلدۈرگىلى بولىدىغان ئوچۇق-ئاشكارا بىر پۇرسەت بولسا، بىز قارشى ئالىمىز. بىزگە كېرەك بولغىنى خىتاينىڭ ئويۇن كۆرسىتىشى ئەمەستۇر. بىز تەسىرى بار ئىنسانلارنىڭ تەكشۈرۈپ كۆرۈشىنى، يەنى ئىناۋىتى بار ئىنسانلارنىڭ تەكشۈرۈپ ئەمەلىي ئەھۋالنى بىلىشىنى خالايمىز.
مۇخبىر: سىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر خوڭكوڭدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىگە قاراپ، خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلارنى تاقىشى، ئۇنىڭغا قامالغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت تۇتقۇنلىرىنى قويۇپ بېرىشى مۇمكىن دەپ ئويلامسىز؟
ئورتاگۇس خانىم: ھازىر ئۇلار يەنىلا شىنجاڭ مەسىلىسىنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش دېگەن تېمىلار بىلەن چۈشەندۈرۈۋاتىدۇ. ئەمما بۇنداق قاراش ئەلۋەتتە توغرا ئەمەس. بىزنىڭ تېررورىزمغا قارشى ئەلچىمىز نەيتېن سېيلز بۇنداق قاراشنى تامامەن رەت قىلىپ، ئۇنىڭ تېررورىزمغا قارشى مۇنازىرىلەرنىڭ ھېچقانداق بىر قىسمىغا تەۋە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بۇ لاگېرلاردا يۈز بېرىۋاتقان دەپسەندىچىلىكلەر، يەنى دىنىي ئېتىقادنى دەپسەندە قىلىدىغان ئېتىقادىدىن مەجبۇرىي ۋاز كەچتۈرۈش ۋە چوشقا گۆشى يېگۈزۈش قاتارلىق قىلمىشلار توغرىسىدا نۇرغۇن دوكلاتلار ئېلان قىلىندى. بىز ھازىر ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن شەكىللەنگەن دۇنيا تەرتىپىدە ياشىماقتىمىز. پرېزىدېنت ترامپنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەسى ئىچىدە ئېيتىلغان ئامېرىكا، خىتاي ۋە رۇسىيەدىن ئىبارەت بۈيۈك كۈچلەر ئارىسىدىكى رىقابەتگە نەزەر تاشلىغان ۋاقتىمىزدا، دۇنيادىكى ئەللەر بۇ لاگېرلارغا قاراپ ئۆزىدىن بۇ سوئاللارنى سورىشى كېرەك، دەپ ئويلايمىز. يەنى خىتاي ھۆكۈم سۈرگەن دۇنيا مۇشۇنداق بولامدۇ؟ خىتاي بىزدىن LV سومكىسى بىلەن ب م ۋ ماركىلىق ماشىنىلارنى ئالسىلا، بىز نەزەرىمىزنى باشقا يەرگە بۇراپ، لاگېرلارغا قارىماسلىقىمىز كېرەكمۇ؟ بۇنداق قىلساق ئەرزىمدۇ؟
مۇخبىر: بەزى پائالىيەتچىلەر ۋە ئىلگىرىكى ھۆكۈمەت خادىملىرى ھازىرقى ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارغا دېگەندەك كۆپ ئىش قىلىپ بەرمىدى دېيىشىدۇ. سىز بۇ قاراشلارغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىسىز؟
ئورتاگۇس خانىم: بۇ بىر كۈلكىلىك گەپ. بىز (ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە) بىردىن-بىر ھەرىكەت ئېلىپ بارغان ۋە ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەت. شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار بەكمۇ قەبىھ. بىز دۇنيانى بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە مەجبۇرلاۋاتىمىز. مەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئۈچۈن خىزمەت قىلغىنىمدىن، بولۇپمۇ مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە ئىشلىگىنىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن. ئەگەر ئۇ بۇ مەسىلىنى داۋاملىق تەكىتلەپ تۇرمىغان بولسا، بۇ مەسىلىنىڭ بۇنداق بىر يۇقىرى پەللىگە چىقىشى مۇمكىن بولمىغان بولاتتى. ئۇ مەن قاتناشقان ھەممە سورۇندا ئۇيغۇرلارنىڭ گېپىنى قىلىدۇ. ئۇنىڭ (ئۇيغۇرلار توغرىلىق) گەپنى قىلمىغان سورۇنى يوق. ئۇيغۇر خەلقى مايك پومپېيونىڭ قوللىغۇچىسى، دوستى ۋە ئىتتىپاقدىشىدۇر.
0:00 / 0:00