دۇنيادا كەمسىتىشكە ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمانلار ھەققىدە ئىسپات ئاڭلاش تور يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.07.05
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
دۇنيادا كەمسىتىشكە ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمانلار ھەققىدە ئىسپات ئاڭلاش تور يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئۆتكۈزۈلگەن ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 30-ئىيۇن.
house.gov

«خىتايدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بېرمادىكى روھىنگا مۇسۇلمانلىرى دۇنيادا ھازىر ئەڭ ئېغىر كەمسىتىشكە ۋە يوقىتىشقا، يەنى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمانلاردۇر». مانا بۇ 30-ئىيۇن كۈنى «دۇنيادا كەمسىتىشكە ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمانلار ئىسپات ئاڭلاش تور يىغىنى» دا ئەڭ كۆپ تەكىتلەنگەن نۇقتا بولغان. بۇ يىغىندا يەنە ھىندىستان، پاكىستان، رۇسىيە، نېگىرىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە كەمسىتىلىش ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى، بۇ خىل كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرىنى قانداق توختىتىش ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مۇسۇلمانلارغا قانداق ياردەم بېرىش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان.

توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى 30-ئىيۇن كۈنى ئۆتكۈزگەن بۇ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى جىم مەكگوۋرېن (Jim Mcgovern)، ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئىلخان ئۆمەر، ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرېس سىمىس (Chris Smith) قاتارلىقلار رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئەلچىسى راشىد ھۈسەيىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىكى خەلقئارا جىنايى ئىشلار ئەدلىيە ئەلچىسى بېس ۋان شاك (Beth Van Schack)، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل قاتارلىقلار گۇۋاھ بەرگۈچىلەر سۈپىتىدە قاتناشقان.

توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئۆتكۈزۈلگەن ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى جىم مەكگوۋرېن (Jim Mcgovern) رىياسەتچىلىك قىلماقتا. 2022-يىلى 30-ئىيۇن.
توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئۆتكۈزۈلگەن ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى جىم مەكگوۋرېن (Jim Mcgovern) رىياسەتچىلىك قىلماقتا. 2022-يىلى 30-ئىيۇن.
house.gov

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى، توم لونتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى جىم مەكگوۋرېن ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلەپ، مەزكۇر كومىتېتىنىڭ ۋەزىپىسى ۋە نىشانى ھەققىدە توختالدى. ئۇ بۇ كومىتېتنىڭ دۇنيادىكى ئاز سانلىق مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراش ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىدىغانلىقىنى، خىتايدا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن بېرمادا قىرغىن قىلىنىپ ئۆي-ماكانىدىن ئايرىلغان روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشنى ھەر ۋاقىت تەكىتلەش ۋە ھەرىكەت قوللىنىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى چىقىرىشىنىڭ بۇ يولدا بېسىلغان ئەمەلىي بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى، ئۇنى ئىجرا قىلىشنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا زەربە بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتە بەلگىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىس سىمىس بۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە، يېقىندا ئاشكارىلانغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىكى ئىسپاتلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا كوللېكتىپ ھالدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، جىنسىي خورلۇق، مەجبۇرىي قۇللۇق، ئورگان ئەتكەسچىلىكى جىنايەتلىرىنىڭ داۋام قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە 2018-يىل ئېلىپ بېرىلغان ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا، مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قىيناشلىرىغا چىدىماي، «مېنى ئۆلتۈرۈۋەت» دېگەنلىرىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاينىڭ بۇ خىل قەبىھ قىيناش ئۇسۇللىرىنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت تۈركىي خەلق ۋە مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈنلا بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە دۇچار بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئۆتكۈزۈلگەن ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرېس سىمىس (Chris Smith) سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 30-ئىيۇن.
توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئۆتكۈزۈلگەن ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرېس سىمىس (Chris Smith) سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 30-ئىيۇن.
house.gov

ئامېرىكا پارلامېنت ئەزاسى ئىلخان ئۆمەر ئۆتكەن يىللاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ئامېرىكانىڭ تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە خىتايدىن باشقا يەنە رۇسىيە، ھىندىستان ۋە مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇق تەھدىتىنى باھانە قىلىپ، مۇسۇلمانلارغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكادىمۇ بەزى مەسىلىلەرنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى ۋە «بىز ئەركىنلىككە ئېرىشمىگىچە ھېچقايسى دىن ياكى مەزھەپ ئەركىنلىككە ئېرىشەلمەيدۇ» دېدى.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئەلچىسى راشىد ھۈسەيىن بۇ يىغىندا بەرگەن گۇۋاھلىقىدا مۇنداق دېگەن: «بۇ ئاينىڭ بېشىدا ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنسىتىرى ئانتونى بلىنكىن 2000 بەتتىن ئارتۇق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ئاز سانلىق مىللەت مۇسۇلمانلىرىغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. دۇنيادا ھازىر كۆپلىگەن دۆلەتلەردە دىنىي مىللەتچىلىك، يەھۇدىيلارغا دۈشمەنلىك قىلىش، مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش كەيپىياتى ئۆرلىمەكتە. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاز سانلىق ئېتىقادچىلارغا تۆھمەت چاپلاش ۋە تەھدىت سېلىش ئارقىلىق كىشىلەرنى زوراۋانلىققا كۈشكۈرتىدىغان پىتنە-پاساتلار كۆپەيمەكتە. ھۆكۈمەتلەر تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ساقلاشنى باھانە قىلىپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى ئىجرا قىلىۋاتىمىز دەپ، ئاز سانلىق مىللەت ئېتىقادچلىرىغا باستۇرۇش ئېلىپ بارماقتا».

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىسىتىرلىكى خەلقئارا جىنايى ئىشلار ئەدلىيە ئەلچىسى بېس ۋان شاك جىنايى ئىشلار نۇقتىسىدىن سۆز قىلىپ، خىتايدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بېرمادىكى روھىنگا مۇسۇلمانلىرىغا زامانىۋى قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلۈپ كەلگەنلىكىنى قەيت قىلغان. ئۇ سۆزىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدىن باشقا، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭمۇ خەلقئارادا قاتتىق چەكلىنىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭدىن ھېساب ئېلىش كېرەكلىكىنى، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايدىغان دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ «ماگنېتىسكى قانۇنى» نى يولغا قويۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە خىتاينىڭ خەلقئارا جازادىن قېچىش ئۈچۈن جىنايىتىنى يوشۇرۇپ، تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ قېتىم مىشېل باچېلېتنىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ مەغلۇب بولغانلىقىنى، خىتاينىڭ جىنايەت پاكىتلىرىنى توپلاش ئۈچۈن مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنى قۇرۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل بۇ يىغىندا بەرگەن گۇۋاھلىقىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلغاندىن باشقا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار ئۇچراۋاتقان كەمسىتىش ۋە زىيانكەشلىكلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن ۋە مۇنداق دېگەن: «دىنىي ئەركىنلىكنى دەپسەندە قىلىش مەيلى ھۆكۈمەت تەرەپتىن بولسۇن-بولمىسۇن، ھەرگىز سەل قارىلىدىغان مەسىلە ئەمەس. تەتقىقاتلار شۇنى كۆرسەتتىكى، دىنىي ئەركىنلىكنى قوغدايدىغان دۆلەتلەر ھاياتىي كۈچكە تولغان دېموكراتىيە ۋە سىياسىي تۈزۈمگە ئىگە، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز گۈللەنگەن؛ توقۇنۇش ۋە زوراۋانلىقلار ئاز بولغانچە مۇقىملىقى تېخىمۇ كۈچەيگەن. ئەكسىچە دىنىي ئەركىنلىكنى دەپسەندە قىلىدىغان ۋە ئۇنى قوغدىمايدىغان دۆلەتلەردە نامراتلىق، مالىمانچىلىق، ئۇرۇش، تېررورلۇق، زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى يىلتىز تارتقان.»

يىغىننىڭ ئاخىرىدا نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن كرىس سىمىس ۋە ئىلخان ئۆمەرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە مۇھىم تەكلىپلەرنى سۇندى. بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قىلالايدىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى تولۇق ئىجرا قىلىش، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىش، خىتاينىڭ يۈز ئابرويىنى تۆكىدىغان ۋە مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان سىياسىي تەدبىرلەرنى كۆپلەپ يولغا قويۇش قاتارلىق مەزمۇنلار ئورۇن ئالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.