ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىگە قىزغىن ئاۋاز قوشۇۋاتقان مۇسۇلمانلار بارغانچە كۆپەيمەكتە

0:00 / 0:00

ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى قارمىقىدىكى ئاۋسترالىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە، شىۋېيىتسارىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 22 ئەزا دۆلەت 10-ئىيۇل بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان زور كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە زىيانكەشلىك قىلمىشلىرىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى. ھالبۇكى بۇنىڭدا بىرمۇ ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئاۋاز قوشمىغانلىقى دۇنيا جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن قايتىدىن ئەيىبلەنمەكتە.

مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ مۇسۇلمان مىللەت بولغان ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئادالەتسىزلىكلەرگە كۆز يۇمۇپ، پاسسىپ مەيدان تۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان غەرب دۆلەتلىرى بىلەن كۈچلۈك سېلىشتۇرما ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە مۇسۇلمان ئەھلى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەخسۇس قوللاش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە ئاۋاز قوشۇپ كەلمەكتە.

بولۇپمۇ بۇنىڭدا «بىرما ۋەزىپە كۈچلىرى تەشكىلاتى» ۋە «سائوند ۋىسىئون» يەنى «سادا ۋە نەزەر» تەشكىلاتى يېتەكچى رول ئويناۋاتقان بولۇپ، بارلىق مۇسۇلمانلارغا ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ ئىنسانىي ھەق ھوقۇقلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئۆزىگە مۇقەددەس بۇرچ قىلغان بۇ مۇسۇلمانلار تەشكىلاتلىرى مەخسۇس ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا بۇ يىل مارتتىن باشلاپ، «ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش» نامىدىكى مەخسۇس تەشۋىق، تەربىيىلەش ۋە ياردەم ھەرىكىتىنى قوزغىغانىدى. مەزكۇر ھەرىكەت پىلانى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

بىرىنچى، مۇسۇلمانلارنى ئۇيغۇرلارنى قوللاش ھەققىدە دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىغا خەت يېزىشقا تەشكىللەش، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئىككى قانۇن لايىھىسى ئۈچۈن ئىمزا توپلاش

ئىككىنچى، ئۇيغۇرلارنى قوللاش ئۈچۈن خىتاي ماللىرىدىن پەرز تۇتۇش يەنى خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش

ئۈچىنچى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىكى بارلىق مەسچىت ئىماملىرى، مۇسۇلمان ئالىم ۋە ئىماملىرىنىڭ خىتايغا قارشى ئوچۇق باياناتىغا ئاۋاز قوشۇش قاتارلىق مەخسۇس ئۈچ تۈر بويىچە داۋام قىلىپ كەلمەكتە.

يۇقىرىقى پائالىيەتنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىغا ئالاھىدە كۈچ چىقىرىۋاتقان «بىرما ۋەزىپە كۈچلىرى» تەشكىلاتى ھەمدە «سادا ۋە نەزەر» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئىمام ئابدۇلمالىك مۇجاھىدنى زىيارەت قىلدۇق.

ئىمام مالىك مۇجاھىد مۇنداق دېدى: «د ت دا 22 دۆلەتنىڭ بىردەك بايانات ئېلان قىلىشى ناھايىتى چوڭ ئىلگىرىلەش. مەن ئامېرىكىنىڭ رەھبەرلىكىدىن بەكمۇ مىننەتدار چۈنكى، ئىلگىرىكى يىلى ئامېرىكا باشچىلىقىدا 12 دۆلەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قامىغانلىقىغا ئاشكارا ئەيىبلىگەن بولسا، بۇ سان 22 گە يەتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ئەقەللىي ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باستۇرۇشقا ئۇچرىشى، مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى ئوخشاشلا دۇنيانىڭ ئورتاق مەسىلىسىگە ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مەن كېلەر يىلى 22 مۇسۇلمان ھۆكۈمەتلىرىنىڭمۇ بۇنىڭغا ئاۋاز قوشۇشىنى ۋە ئاۋاز قوشۇپلا قالماي خىتايغا قارشى ئاكتىپ تەدبىر قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى بايانلىرىمدا داۋاملىق تەكرارلىغىنىمدەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرغان لاگېرلىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ناتسىستلار گېرمانىيەسى قۇرغان لاگېرلاردىن كېيىن تارىختىكى ئەڭ چوڭ جازا لاگېرلىرىدۇر. شۇڭا ھەممە ئىنساننىڭ ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭغا قارشى تۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار.

بىز مۇجاھىد ئەپەندىدىن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارغا قارىتا ئىسلام ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇسۇلمان جامائىتى ئىنكاسلىرىنىڭ قانچىلىك رولى ۋە ئەھمىيىتى بولىدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:

«مۇسۇلمان دۆلەتلىرى خىتاي بىلەن دوستلۇقنى كۈچەيتىشنى غەرب دۇنياسىغا رىقابەت ئېلان قىلغانلىقى دەپ چۈشىنىۋالماسلىقى كېرەك، چۈنكى خىتايغا ئۇيغۇر مەسىلىسىدە نارازىلىق بىلدۈرگەن بۇ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ياخشى. خىتايغا دۈشمەن ئەمەس. ئىقتىسادى ۋە باشقا ھەمكارلىقلىرىنى ساقلاپ كەلگەن. ئۇلار بىۋاسىتە خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىگە ئۇچرىمىغان. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى قوللاشنىڭ ئورنىغا دەل ئەكسىچە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆز يۇمۇپ ھەتتا خىتاينى قوللاۋاتقان بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ۋە خەلقلىرىنىڭ ئۆزى خىتاينىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماقتا. پاكىستاندا قىز-ئاياللارنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن خىتايغا سېتىلىپ ئاياغ-ئاستى قىلىنغانلىقى ۋە پاكىستانلىقلارنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ لاگېرلاردا ئىكەنلىكىدەك مەسىلىلەر ئاشكارىلاندى. پاكىستان ھېچ بولمىغاندا بۇ ئاياللارغا ئىگە چىقىشى، ئۇلارنىڭ لاگېردىن بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىمۇ بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىشى، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينى لاگېرلارنى تاقاش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇشى كېرەك.

ئۇ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە مۇسۇلمان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ، مەسچىتلەرنىڭ، مۇسۇلمان ئۆلىما-ئىماملارنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقى ۋە ئامما ئارقىلىق ھۆكۈمەتلەرگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، پەقەت ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارغىلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى، ھەتتا پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئارىسىدا كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلىپ باشلىغان ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلمەكتە. ئۇ مۇنداق دېدى:

«مەن ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسىگە بەكمۇ ئۈمىدلىك، بولۇپمۇ مەزكۇر ھەرىكىتىمىزنىڭ مەخسۇس تۈردىكى پائالىيەتلىرىدىن، ئامېرىكىدىكى يۈز ئىمام ۋە ئۆلىمانىڭ ئاۋاز قوشۇشىنى كۆزلەپ باشلىغان خىتايغا قارشى ئومۇمىي بايانات ئېلان قىلىش ھەرىكىتىمىزگە ئاۋاز قوشقان ئىمام ئۆلىمالار 300 دىن ئاشتى. بۇ پۈتۈن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىكى مەسچىت ئىماملىرى ۋە ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ سانىنىڭ 10 پىرسەنتىدىن ئارتۇق، ئامېرىكىدا ئۈچ مىڭ ئەتراپىدا ئىمام بار. ئەلۋەتتە ئاۋاز قوشقانلار ئامېرىكىدىكى ئەمەس پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدىمۇ نوپۇزغا ئىگە، ئەگەشكۈچىلىرى كۆپ بولغان ياسىر قازىغا ئوخشاش ئالىملار ۋە خەلقتە پىكىر ئېقىنى پەيدا قىلالايدىغان، خەلقنى باشلىيالايدىغان چوڭ مەسچىتنىڭ ئىماملىرى، ئۇلارنىڭ چاقىرىقلىرى مۇسۇلمانلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەر قانداق مۇسۇلمان دۆلەت مۇسۇلمان ئەھلىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىشى شەرت. تېكساس، لوس ئانجېلىس، ۋىرجىنىيا قاتارلىق مۇسۇلمانلار ئولتۇرۇشلۇق جايلاردىكى ئاساسلىق ئىماملار ئاۋاز قوشماقتا. بۇ ئىماملار مەسچىتلەردە جۈمە قۇتبى ۋە دەۋەتلىرىدە مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ھەققىدە دەۋەت قىلىۋاتىدۇ ۋە شۇ جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنى مەسچىت ۋە مۇسۇلمان يىغىلىشلىرىغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات ۋە گۇۋاھلىق بەرگۈزۈش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا. بىز يەنە بارلىق ئىماملارنىڭ ئورتاق باياناتىنى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىككى قانۇن لايىھىسىنىڭ قاراردىن ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

«بىرما ۋەزىپە كۈچلىرى تەشكىلاتى» نىڭ ئامېرىكىدا جەمئىي 38 مۇسۇلمانلار تەشكىلاتلىرى بولغاندىن سىرت باشقا دىنىي تەشكىلات ۋە ئىنسان ھەقلىرى ئورگانلىرى بىلەنمۇ ھەمكارلىقتا ئىش ئېلىپ بارماقتا. شۇڭلاشقا «ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزايلى» تېمىسىدا قوزغالغان ھەرىكەتكە ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى شتاتلىرىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ قىزغىن ئاۋاز قوشۇۋاتقانلىقى ھەمدە تۈرلۈك دەۋەت پائالىيەتلىرىنىڭ ئامېرىكا مىقياسىدا ئوخشىمىغان شتاتتىكى مەسچىت-جامەئەلەردە داۋام قىلىۋاتقانلىقى ۋە قوللاشقا ئېرىشىۋاتقانلىقى مەلۇم.

يېقىندا يەنى 19-ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بىلەن «بىرما ۋەزىپە كۈچلىرى تەشكىلاتى» نىڭ ھەمكارلىقىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قانۇن لايىھەلىرىگە ئىمزا قويۇشقا چاقىرىق قىلىش ھەرىكىتىگە 200 گە يېقىن مۇسۇلماننىڭ پىدائىي بولۇپ ئاۋاز قوشۇشى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارغا قارشى ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرۇۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بەرگەن ئىدى.

«بىرما ۋەزىپە كۈچلىرى تەشكىلاتى» نىڭ ھەيئەت ئەزاسى ۋە «ھەممىگە ئادالەت تەشكىلاتى» نىڭ ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىدىكى دىرېكتورى خېنا خانىم، مۇسۇلمان جەمئىيەتلىرىنىڭ پايتەخت ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلىرىدىكى ئاكتىپ پىدائىيلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ ژۇرنالىست بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىككى يىل ئاۋۋال ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ماقالە يېزىش جەريانىدا ئىزدىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنگەندىن كېيىن، ھازىر «ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزايلى» ھەرىكىتىدىكى بىر ئاكتىپ پائالىيەتچىگە ئايلانغانلىقىنى، ئۆزىگە ئوخشاش بۇ پائالىيەتلەرگە ھەتتا باشقا شتاتلاردىنمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ توختىماي ئاۋاز قوشۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «يەنە دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈش دولقۇنى ئورتاق ساداغا ئايلىنىۋاتقان مەزگىلدە، مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ بولۇپمۇ ئوخشاش قانلىق باستۇرۇش قىرغىنچىلىقنى بېشىدىن كەچۈرگەن بىرما روھېڭگا مۇسۇلمانلىرىنىڭمۇ ھەمكارلىشىشى ئادالەت ئۈچۈن ئۇيۇشقان سېپىمىزنى ۋە ئاۋازىمىزنى كۈچلەندۈرىدۇ شۇنداقلا بىر-بىرىمىزگە ياردەم بېرەلەيمىز» دېدى.

ۋىرجىنىيا شتاتى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىمام رافى «ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزايلى» ئورتاق باياناتىغا ئىمزا ئاتقان نوپۇزلۇق ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ بىرى. ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان لاگېرلىرىنى تاقىشى ۋە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھىسى» نىڭ ماقۇللىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ۋىرجىنىيادىكى بارلىق مەسچىتلەرنىڭ ئىماملىرى ۋە ئۆلىمالارنىڭ «بىرما ۋەزىپە كۈچلىرى»، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» بىلەن ئىزچىل ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىگىمۇ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، جەمئىيەتتە يەنە مۇسۇلمانلارنى ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە پىدائىيلىققا تەربىيىلەش، مەسچىتلەردە مەخسۇس ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا يېتەكلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان ئىنسانپەرۋەر تەشكىلات ياكى مۇسۇلمانلار تەشكىلاتلىرىدىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىگە قىزغىن ئاۋاز قوشۇۋاتقان مۇسۇلمانلارمۇ بارغانچە كۆپەيمەكتە.