ئامېرىكا مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىدە جىم تۇرۇۋالغانلىقى مەلۇم

ئامېرىكا مەبلەغ سالغۇچىلىرى خىتايدا ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېتنىك تازىلاش قاتارلىق جىنايەتلەرگە كۆز يۇمۇش بىلەن ئەيىبلەندى.

ئامېرىكادىن چىقىدىغان «بازا كۆزەتچىسى» ناملىق تور بېتىدە ئېلان قىلغان بىر پارچە ئوبزوردا كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ كۆلەملەشكەن ئېتنىك تازىلاش ھەرىكىتى داۋام قىلىۋاتقانلىقىغا ئائىت دوكلاتلار كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، ئامېرىكا ۋال سترېت كوچىسىدىكى زەردارلار بۇنىڭغا ھازىرغا كەلگۈچە ئىنكاس قايتۇرمىغان.

ماقالىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زۇلۇملار خۇلاسىلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: «بېيجىڭدىكى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۆز تارىخىنى بىر نەچچە مىڭ يىللار ئالدىغا سۈرەلەيدىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە دىنىنى سىستېمىلىق ھالدا تازىلاپ يوقاتماقتا. ئۇلار قوللانغان ئۇسۇللار رەھىمسىز ۋە ۋەھشىي. بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئاتالمىش قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىدا. ئۇ يەردە ئۇلارنىڭ دىنى ئېتىقادىنىڭ سىستېمىلىق ھالدا ۋەيران قىلىنىۋاتقانلىقى سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدىكىگە ئوخشاش مىڭ يۇيۇش ھەرىكەتلىرىگە مۇپتىلا قىلىنغانلىقىغا ئائىت دوكلاتلار بار.»

ماقالىدە يەنە، بۇنىڭغا قارىتا ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكى ۋە خىتاينى جازالاش تەدبىرلىرىنى ئالغانلىقى، ئەمما ئامېرىكا زەردارلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا ھازىرىغىچە لام جىم دېمىگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

ماقالدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئەمما ئىككى ئايدىن بۇيان ئىرق مەسىلىسىدە ئەخلاقىي قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ كەلگەن ئامېرىكا كوپىراتىپى بۇ مەسىلىگە كەلگەندە زۇۋان سۈرمىدى. بەلكىم ئۇلار بېيجىڭ بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەچكە ئامالسىز قالغان بولۇشى مۇمكىن.»

ماقالىدە كۆرسىتىشىچە، مىليارد كىشىلىك پوتېنسىئال خېرىدار خىتاي بازىرىغا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرىشنى ئۆزىنىڭ ئاساسى نىشانى قىلغان ۋال سترېت كوچىسىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ شىركەتلەرنىڭ شۆلگەيلىرىنى ئاقتۇرغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئازراق قۇرۇق سۆڭەكنى تاشلاپ بېرىپ بازاردىكى كونتروللۇقنى يەنىلا بوشاشتۇرمىغان.

دەل مۇشۇ مەزگىلدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇم سىياسەتلىرى، ئۇيغۇر نوپۇسىنى قىسقارتىش ئۈچۈن ئالغان ۋەھشىي تەدبىرلىرى ھەققىدە دەلىل-ئىسپاتلىق دوكلاتلار ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان. 2015-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى 84 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن.

ماقالە ئاپتورىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ، ۋال سترېت كوچىسىدىكى ج پ مورگان، مورگان ستانلېي، ئامېرىكا بانكىسى ۋە لوندون ئاكسىيە بازىرى قاتارلىق 5 چوڭ شىركەت بىلەن ئالاقە قىلىپ، ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدىكى ئىنكاسىنى سورىغان بولسىمۇ، ئۇلاردىن جاۋاب كەلمىگەن.

ماقالە مۇنداق ئاياغلاشتۇرۇلغان: «بىز ھازىرغا كەلگۈچە شىنجاڭدا قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلمەيمىز. ئەمما بۇ، يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقى ۋە ياكى رىۋاندا قىرغىنچىلىقىغا ئوخشاش بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنىڭ سىستېمىلىق قىرغىن قىلىنىشىدەك كۆرۈنمەيۋاتىدۇ. لېكىن شۇنداقتىمۇ بىز بۇنى، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى، نوپۇس قىرغىنچىلىقى ياكى ئېتنىك تازىلاش دەپ ئاتىيالايمىز. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانىيەتكە قارىشى قەبىھ زور جىنايەتلەردۇر. شۇڭا بۇلار ھەممەيلەننىڭ ۋۇجۇدىنى سىلكىشى كېرەك ئىدى. ئەمما بۇلار پۇل قاندىن قەدىرلىك بولغان ۋال سترېتتا ھېچ قانداق تەسىر پەيدا قىلالمىدى.