29-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىدىن توم سۇوزى ۋە كىرىستوفېر سىمىس «ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇر قوللاش گۇرۇپپىسى» (Uyghur Caucus) قۇرۇلغانلىقى ھەققىدە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان.
باياناتتا دېيىلىشىچە، مەزكۇر گۇرۇپپا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە بولغان تونۇشنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە 21-ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان قانۇنلارنى قوللاش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىكەن.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى توم سۇوزى ئەپەندى باياناتتا مۇنداق دېگەن: «ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، بىز 21-ئەسىردىكى خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان، كەڭ كۆلەمدە سىسىتېمىلاشتۇرۇلغان كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش ھەرىكىتى توغرىسىدا سۆزلەۋاتىمىز. دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى بولۇشتىن باشقا، ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ ھەر قانداق يەردە خارلىنىۋاتقان نېگىزلىك ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمەت ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش مەجبۇرىيىتىمىز بار».
كىرىستوفېر سىمىس ئەپەندى مۇنداق دېگەن: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلارغا ئوخشاش مۇسۇلمان توپلۇقلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە كەڭ كۆلەمدە لاگېرلارغا سولىشى قەبىھ جىنايەتلەردۇر. شى جىنپىڭنىڭ پۈتكۈل بىر توپلۇقنى قىيناپ يوقىتىشقا ئۇرۇنۇشىغا ئامېرىكا سۈكۈت قىلالمايدۇ. ‹ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇر قوللاش گۇرۇپپىسى› زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان بۇ مەزلۇملار بىلەن بىرلىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەھشىي كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دىققەت قىلىدۇ ۋە دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تۈگىتىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ».
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىغا قارىغاندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى مەزكۇر «ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇر قوللاش گۇرۇپپىسى» قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ خىل گۇرۇپپىنى قۇرۇش ئۇزۇن يىللىق ئۈمىدىمىز ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر زۇلۇم بۇ گۇرۇپپىنى قۇرۇش تەقەززاسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى».
توم سۇوزى ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ بېتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە مەزكۇر گۇرۇپپا ھەققىدە مۇنداق دەپ يازغان: «تۈنۈگۈن مەن خىتاي كومپارتىيەسى سادىر قىلغان 21-ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، پارتىيە ھالقىغان ‹ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇر قوللاش گۇرۇپپىسى› قۇرۇشقا ياردەم قىلدىم».
توم سۇوزى ئەپەندى يەنە ئىجتىمائىي تاراتقۇ بېتىدە 27-ئىيۇل كۈنى دولان ئۇيغۇر رېستورانىنىڭ خوجايىنى خەمىت كىرىم ئەپەندىنىڭ ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ھەمبەھىرلىگەن، ۋە مۇنداق دەپ يازغان: «بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلىشىمىز كېرەك. بۈگۈن مەن 2017-يىلدىن باشلاپ ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمان خەمىت كېرىم ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى بىلەن كۆرۈشتۈم. خەمىت ماڭا ئۆز ئائىلىسى ۋە باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭدا باشتىن كەچۈرۈۋاتقان كىشىنى ئېچىندۇرىدىغان رېئاللىقى توغرىسىدا سۆزلەپ بەردى. مەن خىتاي ئىشىلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكىگە قارشى تۇرىمەن. بىز چوقۇم مەجبۇرىي ئەمگەككە، جىنسىي پاراكەندىچىلىككە، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە توسقۇنلۇق قىلىشقا قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك».
روشەن ئابباس خانىم مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى رولى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت مەجلىسىگە، ئاقسارايغا سۇنۇلماقچى بولغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت ھەرقانداق بىر قارار بولسا مۇشۇ گۇرۇپپا بىۋاسىتە سۇنالايدۇ».
روشەن ئابباس خانىم ئاخىرىدا «ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇر قوللاش گۇرۇپپىسى» بىلەن بىرلىشىپ ئېلىپ بارىدىغان خىزمەتلىرى توختالدى: «ئالدىمىزدا قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار، مەسىلەن ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش مەسىلىسى. يەنە ماقۇللىنىشنى ساقلاۋاتقان بىر قانچە قانۇن-لايىھەلەر بار. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرىدىغان بىر مۇنبەر شەكىللەندى».