ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشى يېقىندىن بۇيان ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان يىغىن ۋە پائالىيەتلەردە ئەكس ئېتىۋاتقانلىقى مەلۇم. 7-ئاۋغۇست ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئېچىلغان «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرى» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى دەل بۇنىڭ ئىپادىسىدۇر.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدىكى بۇ يىغىنغا مەزكۇر مىنىستىرلىقنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق بۆلۈمىدىن كورىي ئاندرىۋ رىياسەتچىلىك قىلغان. مەزكۇر يىغىنغا ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي بۆلۈمى دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل، ئاخبارات ساھەسىدىن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ئالىم سېيتوف قاتارلىقلار تەكلىپ قىلىنغان.
يىغىندا نۇرىي تۈركەل ئەپەندى نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بەرگەن. ئۇ سۆزىنىڭ باشلانمىسىدا 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «‹5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى› دىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە چارە ئىزدەپ كەلدى. بۇ جەرياندا ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە دىنىي پائالىيەتلىرىنى ئۆزى ئۈچۈن بىر خەتەر دەپ قاراپ كەلدى شۇنداقلا ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئەركىنلىكلىرى داۋاملاشسا، دۆلىتىمىز ئۈچۈن بىر سىياسىي تەھدىت شەكىللەندۈرىدۇ، دېگەندىن ئەنسىرىدى. نەتىجىدە 2017-يىلى ئاپرېلدىن باشلاپ ‹ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش نىزامى› دەيدىغان ئىنتايىن رەزىل بىر قانۇننى چىقىرىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۈچ مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر(ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۆلچىرىگە ئاساسەن) خىتاينىڭ زور كۆلەملىك تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىغا قامالدى.»
يىغىن جەريانىدا سوفىي رىچاردسون خانىم ئۇيغۇر دىيارىدا قوللىنىلىۋاتقان يۇقىرى ئىقتىدارلىق تەقىب تېخنىكىسى ھەققىدە سۆز قىلغان. بۇ يىل ماي ئېيىدا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بىر دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ساقچىلار ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان تەتۈر يۆلىنىشلىك قۇرۇلمىغا ئىگە يان تېلېفون يۇمتالىنىڭ ۋەزىپىسى ۋە ئىشلىتىلىش دائىرىسى تونۇشتۇرۇلغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «بۇ يۇمتال بىر جەھەتتىن كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلسا، يەنە بىر جەھەتتىن ساقچىلارغا مەلۇم بىر كىشىنى تەكشۈرۈش ھەققىدە سىگنال بېرىش ئۈچۈنمۇ قوللىنىلىپ كەلگەن. بىز ساقچىلارنىڭ قانداق قىلمىشلارغا بەكرەك قىزىقىدىغانلىقى ھەققىدە ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن شۇنى كۆردۇقكى، سىز ئۆيىڭىزنىڭ قايسى ئىشىكىنى ئىشلىتىشىڭىز ياكى قوشنىڭىزغا كۈندە بىر قېتىم ياكى ئىككى قېتىم گەپ قىلىشىڭىز قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يۇمتال ئارقىلىق نازارەت قىلىنىپ تۇرىدۇ. ئەگەر بۇ يۇمتال سىزنىڭ مەلۇم ھەرىكىتىڭىزنى گۇمانلىق دەپ قارىسا، سىز يەرلىك ساقچى دائىرىلىرىنىڭ سىزنى ‹يوقلاپ كېلىشى› گە ئۇچرايسىز. ئەگەر ئۇلار سىزنىڭ مەلۇم سوئالغا بەرگەن جاۋابىڭىزدىن قايىل بولمىغان بولسا ياكى شۇ يۇمتال سىزنىڭ جاۋابىڭىزدىن نارازى بولۇپ سىزنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىڭىزنى قارار قىلغان بولسا، سىز چوقۇم تۇتقۇن قىلىنىسىز.»
يىغىندا سۆز قىلغان مېھمانلاردىن ئالىم سېيتوف ئەپەندى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتىكى بىردىنبىر ئاخبارات ۋاسىتىسى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. ئۇ سۆزىدە چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن رايون سىياسىتىدە زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى، يەنى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ رايونغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %40 (ئاساسلىق ئەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) نىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللەپ چىققانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇر دىيارىغا قارىتىلغان ئېنىقلاشلىرىمىزنىڭ ئالدىنقى باسقۇچىدا بىر ئۇ تۇتقۇنلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتۇلغانلىقىنى بىلەلمىگەن ئىدۇق. ھالبۇكى، كېيىنكى مەزگىلدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھۆكۈمەت خادىملىرىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق رايوندىكى زور ساندىكى ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، كۆپلىگەن ساقچى پونكىتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمان خەلقلەرنى نىشان قىلغان ‹تەكشۈرۈش پونكىتى› غا ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى بايقىدۇق، يەنىمۇ تەپسىلىيرەك دېگەندە بىز ئۇيغۇرلار تۇتقۇن قىلىنغان جاينىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتقىنىدەك نورمال ‹مائارىپ تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى› ئەمەس، بەلكى ‹تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرى› ئىكەنلىكىنى دەلىللىدۇق. بۇ يەردىكى كىشىلەر مەجبۇرىي تۇتقۇن قىلىنىپتۇ، ئۇلار قانۇنىي ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىنىپتۇ. ئۇلار ئۇ جايدىن مەڭگۈ چىقىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىكەن. ئەلۋەتتە جىسمانىي قىيناشلارمۇ باركەن. مېنىڭچە، بىز ۋە باشقا خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئېلان قىلغان خەۋەرلەردىن پۈتۈن دۇنيا خىتاينىڭ تەبىئىيىتىنى شۇنداقلا خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ‹ساقچى دۆلىتى› نىمۇ ھېس قىلىپ يېتىشكە باشلىدى.»
يىغىننىڭ نەق-مەيدان سوئال جاۋاب باسقۇچىدا بىرەيلەن «باشقا دۆلەتلەر نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ ئۆز خەلقىگە قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا دىققەت قىلىشى كېرەك؟» دەپ سورىغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئالىم سېيتوف ئەپەندى جاۋاب بېرىپ، «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى 1930-يىللىرىدىن كېيىن كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئەھۋال. بۇ ھەقتە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمۇ ئىپادە بىلدۈرگەن. شۇڭا بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى يۇمۇۋالسىلا ئۆتۈپ كېتىدىغان بىر ئىش ئەمەس. بۇ يەنە ئەلۋەتتە 21-ئەسىردە يۈز بەرسە بولىدىغان ئىش ئەمەس. بۇ ئەھۋال دۇنيانى ئويغىتىشى كېرەك،» دېگەن.
يىغىننىڭ سوئال-جاۋاب باسقۇچىدا يەنە بىرەيلەن «دۇنيا خىتايدىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن قانداق ئىشلارنى قىلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى بىخەتەر تۇيغۇغا كەلتۈرەلەيدۇ؟» دېگەن سوئالنى ئەۋەتكەن بولۇپ، بۇنىڭغا سوفىي رىچاردسون خانىم ئىزاھات بېرىپ، «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن نۆۋەتتە قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئىش ئۆز دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىپ، خىتايغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشتۇر،» دېدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئالاھىدە تېما سۈپىتىدە مۇھاكىمە قىلىنىشى بۇ مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىق سەھنىلەردە كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
0:00 / 0:00