«مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر خاتىرە كۈنى» دە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

0:00 / 0:00

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھاكىمىيەتلەر زورلۇق كۈچى ئارقىلىق جەمئىيەتتىن غايىب قىلىۋەتكەن كىشىلەرنى ياد ئېتىش يۈزىسىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ھەر يىلى 30-ئاۋغۇستنى «مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر خەلقئارا خاتىرە كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن ئىدى. 2019-يىللىق خاتىرە كۈنىدە ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبى» دا مەخسۇس يىغىن ئېچىلىپ، ئاسىيا، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى بۇ خىل مەجبۇرىي غايىبلىقنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانغان ھەر ساھە كىشىلىرى ئەسلەندى.

بۇ قېتىمقى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ۋاشىنگتون شەھىرى ۋە باشقا جايلاردىن بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى تەكلىپ قىلىنغان ئىدى. يىغىن باشلانغاندا رىياسەتچى، «سىندى فوندى» نىڭ ئىجرائىيە رەئىسى سۈفى لاغارى ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ، نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش قىلمىشلىرىنىڭ سان ۋە كۆلەم جەھەتتە ئېشىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى، بۇ ھالنىڭ ئىنسانىيەت جەمئىيىتى مەدەنىيەت ۋە مەرىپەت ساھەسىدە ئالغا بېسىۋاتقان بىر زاماندا كۆرۈلۈۋاتقانلىقى، بۇنىڭدا ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىۋاسىتە ھالدا مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىشنىڭ ئىجراچىلىرى بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدا ھازىر پاكىستان، خىتاي، تۈركىيە قاتارلىق جايلاردا كۆپلىگەن تىپىك مىساللار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، يىغىن ئەھلىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىشنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەن ئىنسانلار ئۈچۈن بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.

بىر مىنۇتلۇق سۈكۈتتىن كېيىن سۈفى لاغارى ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى بويىچە مۇتەخەسسىسى ت. كۇمارنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى. كۇمار ئەپەندى سۆزىدە نۇقتىلىق قىلىپ مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش قىلمىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە باشقا شەكىللەردىكى قىيناقلاردىنمۇ يامانراق ئىكەنلىكى ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:

«ھازىر سىياسىي سەۋەبلەردىن ئىنسانلار قىرىلىۋاتىدۇ، ئاياللار ئاياق-ئاستى قىلىنىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق قەبىھلىكلەر كۆرۈلۈۋاتقاندا بىز قانداقلارچە مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر ئۈچۈن دەست تۇرۇش لازىملىقىنى تەكىتلەپ قالدۇق؟ چۈنكى ئىنسانلار قىرىلغاندا ئۇلارنىڭ تەقدىرى كىشىلەرگە ئايدىڭ بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بۇ قىساسنى ئېلىش ئۈچۈن تېگىشلىك ھەرىكەتلەردە بولىدۇ. ئەمما ئىنسانلار ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇپ كەتكەندە كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئۆلۈك-تىرىكىنىمۇ بىلمەيدۇ. چۈنكى غايىب بولۇپ كەتكەن بۇ كىشىلەرنىڭ قانداق قىيناش ياكى خورلاشلارغا دۇچ كەلگەنلىكى ھېچكىمگە خەۋەر قىلىنمايدۇ، ئۇلارنىڭ قانچىلىك ساندا ئىكەنلىكىمۇ مەخپىي تۇتۇلىدۇ. ھەتتا ئۇلار ئۆلۈپ كەتسىمۇ ئۇلارنىڭ قەدىردانلىرى بۇنىڭدىن خەۋەرسىز قالىدۇ. بۇ ئىشلاردىن ئانچە-مۇنچە خەۋەر تاپقانلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ كەلگۈسىدە ئاشۇ خىل زىيانكەشلىككە ئۇچراپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئېغىز ئېچىشتىن ئۆزىنى تارتىدۇ. شۇڭا بۇ خىل مۇدھىش قىلمىش ھەققىدە ئاشۇ ئىنسانلار ئېغىز ئاچالمىغان بولسا بىزدەك ئەركىن دۇنيادىكى كىشىلەر ئۇلار ئۈچۈن سۆز قىلىشىمىز لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھەر خىل چارىلارنى بىردەك قوللىنىشىمىز، ھۆكۈمەتلەرنى خەۋەردار قىلىشىمىز لازىم. گەرچە بۇنىڭدا كۆپلىگەن مۈشكۈللۈكلەر بولسىمۇ، بىز ھەرىكەتنى مۇشۇ جايدىن باشلىساق بولىدۇ. شۇڭا مەن ھەممەيلەننى بۇ ئىشقا ئورتاق كۈچ چىقىرىشقا چاقىرىمەن.»

بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلارنىڭ بىرى يىللاردىن بۇيان خەلقئارا سەھنىلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرىشىپ كەلگەن رابىيە قادىر خانىم ئىدى. ئۇ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى يەملىبىكە پاتقۇلىننىڭ تەرجىمانلىقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر قايسى دەرىجىدىكى زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، ئاللىقاچان 500 يۈز مىڭچە ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىلگەنلىكىنى، بۇ كىشىلەرنىڭ قەيەردە ۋە قانداق ھالەتتە ئىكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر يوقلۇقىنى، يەنە نۇرغۇن ساندىكى ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلاردا ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىۋېتىلگەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى ئىنگلىزچە باياناتىنى يەملىبىكەنىڭ يىغىن ئەھلىگە ئوقۇپ بېرىشىگە ھاۋالە قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى براد شېرمانمۇ بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئىشتىراك قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆتكەن نەچچە ئون يىللىق خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا ھازىر دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە، جۈملىدىن پاكىستان، خىتاي، سىرىلانكا قاتارلىق جايلارنىڭ ھەممىسىدىلا مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش قىلمىشىنىڭ كۆپلەپ سادىر بولۇۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىكى ئەڭ تىپىك مىسال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

«سىلەرگە ئېيتسام، خىتايدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى غايەت زور كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىشنىڭ قۇربانى بولۇۋاتىدۇ. مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن يولباشچىلىرىدىن رابىيە قادىر خانىمنىڭ نامىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشنى مۇۋاپىق دەپ قارايمەن. ئۇيغۇرلار ئېغىر پاجىئەلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى كۈرىشىدە ئاۋانگارتلىق رولىنى ئويناۋاتىدۇ. بىزگە مەلۇم بولغاندەك، ھازىر خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۆلكىسىدە بىر مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە بولغان مۇسۇلمان يىغىۋېلىش لاگېرى شەكلىدىكى تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە قامالدى. بۇ بىزنىڭ دەۋرىمىزدە كۆرۈلۈۋاتقان ئەڭ زور كىشىلىك ھوقۇق تراگېدىيەسىدۇر. ھەقىقەتتە بولسا نۆۋەتتىكى زور كۆلەملىك تۇتقۇن باشلىنىشتىن ئاۋۋاللا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلىشى خېلى چوڭ كۆلەمگە ئىگە بولۇپ بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھازىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى قوغداش مەزمۇنىدىكى ئىككى قانۇن لايىھىسىنى مۇزاكىرىگە سۇندۇق. بۇ بىر سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە ھەرىكەت. ئۇ مەلۇم دەرىجىدە بۇ خىلدىكى مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش قىلمىشىنى چەكلەش رولىنى ئوينايدۇ. بۇ قانۇن يەنە فېدېراتىپ ھۆكۈمەتنى خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىشىغا ياردەملەشكەن ئامېرىكا شىركەتلىرىدىن ھېچقانداق مەھسۇلات سېتىۋالماسلىققا بۇيرۇيدۇ. دېمەكچى بولغىنىم، دۇنيا بۇ خىلدىكى زوراۋانلىققا كۆز يۇمۇپ ئولتۇرمايدۇ. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىمۇ پات يېقىندا بۇ ھەقتە ئەمىلى ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ. بۇ خىلدىكى مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىشكە قارىتا بىز ھازىر يالغۇز ئەمەس. زالىملار بۇ ئىنسانلارنى غايىب قىلىۋېتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ۋە بىزنىڭ ئاۋازىمىزنى سۈكۈتكە ئايلاندۇرۇۋېتىشنى ئارزۇ قىلغان بولسا بىز سۈكۈت قىلمايدىغانلىقىمىزنى تېخىمۇ ياڭراق ئاۋازدا ئۇلارغا ئۇقتۇرۇپ قويماقچىمىز.»

شۇ قاتاردا سىرىلانكا، تۈركىيە كۇردلىرى، پاكىستاندىكى بالۇچىيلار قاتارلىق مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىشنىڭ قۇربانلىرى ھەققىدە ۋەكىللەر يىغىن ئەھلىگە مەلۇماتلار بەردى. يىغىن ئارىلىقىدا بىز رابىيە قادىر خانىمنى ئايرىم زىيارەت قىلدۇق. ئۇ بۈگۈنكى يىغىندىن ناھايىتى خۇرسەن بولغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

كۇمار ئەپەندى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ۋە بۇ ئىشقا دۇنيانىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشى ھەققىدە سۆز بولغاندا بۇ مەسىلىنىڭ يالغۇز ئۇيغۇرلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ يەنە دۇنيا ئۈچۈنمۇ مۇھىم مەسىلە ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئەمگەك لاگېرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى قايتىدىن تەربىيەلەۋاتقانلىقى توغرىسىدا كاپشىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ تولىمۇ قەبىھ ئۇسۇلدا كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشى، خالاس. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان، دەپ قاراۋاتقان ئۇيغۇرلارنى جازالىماقچى بولۇۋاتىدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن ھازىر بىر مىليوندىن ئىككى مىليونغىچە ئۇيغۇر جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ بولدى. ئەمما خەلقئارا جامائەت بۇنىڭغا قارشى ئورتاق ئىنكاس قايتۇرسا ئىشىنىمەنكى روشەن ئۆزگىرىشلەر ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. بۇ جەھەتتە بىزدە مۇۋەپپەقىيەتلىك مىساللار بولغان: ئەينى ۋاقىتتا رابىيە قادىر خانىم تۈرمىگە قامالغاندا كىشىلەر ‹ئەمدى ئۇ تۈگەشتى› دېيىشكەن ئىدى. ئەمما خەلقئارانىڭ بېسىمى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى قويۇۋېتىشكە مەجبۇر بولدى. شۇڭا لاگېرلار مەسىلىسىدىمۇ بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە دەۋەت قىلىشىمىز لازىم. چۈنكى ھازىر خىتاي دۇنياغا كېڭىيىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ زۇلۇم مودېللىرى دۇنياغا كېڭىيىۋاتىدۇ. بىز بۇنى توسمىساق بۇ ھال دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغىمۇ ئومۇملىشىدۇ. بۇ بەك چوڭ خەتەر.»

بۇ قېتىمقى يىغىنغا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى بىر قىسىم ھۆكۈمەت خادىملىرى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوخشىمىغان ئىرققا مەنسۇپ كىشىلەر، شۇنىڭدەك بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋەكىللىرى قاتناشتى.