ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى ئانۇرىما بارگاۋا: «بىز ھېچقاچان ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قىرغىنچىلىق ھەققىدە سۆزلەشتىن توختاپ قالمىدۇق»

0:00 / 0:00

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 30-سېنتەبىر «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ جاۋابكارلىقى» دېگەن تېمېدا تور ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنى ئۆتكۈزدى.

مەزكۇر يىغىندا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئەتراپلىق توختالدى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارلىرىدىن خىزىر خان ئەپەندى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى تۈرلۈك جىنايەتلەر توغرىسىدا توختالدى، ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› ۋە ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ئاشكارىلاندى. شىنجاڭدا يۈز بەرگەن دەھشەتلەر ئەقىلگە سىغمايدۇ. ئۇ يەردە داۋام قىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش، ئېغىر قىيىن-قىستاق، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، ئاياللارغا سىستېمىلىق ھالدا كوللېكتىپ تاجاۋۇز قىلىش، ئاياللارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ۋە ھەر تۈرلۈك جىنسى خورلۇق قاتارلىق زۇلۇملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇيغۇرلار ئاستا خاراكتېرلىك ئۆلۈمگە دۇچار بولۇۋاتىدۇ. بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئوخشاش پىكىردىكى ھۆكۈمەتلەر بىلەن بىرلىشىپ خىتاينىڭ ھازىر ئۆتكۈزۈۋاتقان ۋە كەلگۈسىدىكى جىنايەتلەرگە يول ئاچىدىغان جىنايەتلىرى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىشىنى تەلەپ قىلىمىز. خەلقئارا سوت ھازىرغىچە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە قارار چىقىرالمىغاچقا ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەرىكەت قوللىنىشى ناھايىتى مۇھىم».

يىغىنغا يەنە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى مەسىلىسىدىكى سابىق باش ئەلچىسى دەيۋىد شېففىر ئەپەندى ۋە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» نىڭ ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى لەيلا سادات خانىممۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار مەخسۇس ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ خاراكتېرى ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ھەققىدە توختالدى.

لەيلا سادات خانىم مۇنداق دېدى: «‹ئىرقى قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى› گە ئاساسلانغاندا، بىر توپلۇقنىڭ ‹ئىرقى قىرغىنچىلىق› نىڭ نىشانى بولغانلىقىغا قارار قىلىش ئۈچۈن ئاشۇ توپلۇقتىكى قانچە پىرسەنت كىشى ئۆلۈشى كېرەك؟ مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى سېلىشتۇرغاندا ئۇرۇش جىنايىتىدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت يۈز بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلاشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇم ھەققىدە ھەممە نەرسە ئېنىق، تارتىشىدىغان يېرى يوق».

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ياۋروپالىق بىر خىزمەتدىشىم ‹ئامېرىكا ھەممە ئىشلارنى ئۆزى يالغۇز قىلالمايدۇ، دۇنيامۇ ئامېرىكا بولمىسا جىق ئىشلارنى قىلالمايدۇ› دېگەنىدى. بۇ ماڭا ئامېرىكانىڭ ياۋروپا ۋە دۇنيانىڭ تەرتىپىنى قوغداشتىكى مۇھىم رولىنى قايتا ئېسىمگە سالغان ئىدى. ئېيتقىنىمىزدەك دۇنيانىڭ ھەر يېرىدە، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېغىر ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلارنى بىخەتەرلىككە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئامېرىكا بۇ شەرتنامە مەسىلىدە چەكلىمىسىز ھالدا ئىتتىپاقداشلىرىنى بىلەن بىرلىشىشى لازىم».

يىغىن ئاخىرلاشقاندا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى ئانۇرىما بارگاۋا خانىم رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى، ئۇ بۈگۈنكى يىغىن ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ھېچقاچان ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قىرغىنچىلىق ھەققىدە سۆزلەشتىن توختاپ قالمىدۇق، ئەكسىچە ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنى ‹ئۇيغۇر قىرغىنچىلىق› قارارىنى قوللاشقا تەشەببۇس قىلىپ كەلدۇق. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى يىغىپ ھۆججەتلەشتۈردۇق. بۈگۈنكى يىغىندا تىلغا ئېلىنغاندەك، ئۇرۇش جىنايەتلىرىدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بىلەن ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملارنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. چۈنكى ‹ئىرقى قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى› دىكى بەزى ماددىلارنى نۆۋەتتىكى ئۇيقۇلارنىڭ ئەھۋالىغا تەتبىقلاش بىرئاز قىيىن. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنى، خىتاي كومپارتىيەسىنى نىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش ھەممىدىن مۇھىم. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› ئۆز ئىچىگە ئالغان جىنايەتلەرنىڭ تەرتىپى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش، ئۇيغۇرلارغا ۋە دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىدىكى دىنىي توپلۇقلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› نىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە ئۇلارغا ئادالەت تەلەپ قىلىشتا ناھايىتى مۇھىم».

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «‹كىلىمات ئۆزگىرىشى› مەسىلىسى بىزنىڭ دىققەت نۇقتىمىز ئەمەس، ئەمما ‹كىلىمات ئۆزگىرىشى› مەسىلىسى سەۋەبلىك دىنىي توپلۇقلارنىڭ دىنىنى ياشاش شارائىتى توسالغۇغا ئۇچرىسا بىز بۇ مەسىلىگىمۇ ئېتىبار بېرىمىز. ئېيتقىنىمىزدەك بىز نۇرغۇن ۋاقىت ۋە سەرمايە سەرپ قىلىپ دۇنياغا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملىرىنى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇقى بولۇپمۇ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى توسالغۇغا ئۇچرىغان توپلۇقلارنىڭ زۇلۇملىرىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتىمىز. بىز ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ‹ئىرقى قىرغىنچىلىق› بىلەن بىرگە ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› قارارنىڭ تەستىقلىنىشىنى قوللىشىنى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلىشنى سورايمەن. چۈنكى بۇ ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرىدىغان بىر ئۇسۇل. بىز قوللانغىلى بولىدىغان بارلىق ئاماللارنى قوللىنىشىمىز كېرەك».

يېقىندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كىلىمات مەسىلىسىگە تەيىنلىگەن ئالاھىدە ئەلچىسى جون كەررىينىڭ بىر قېتىملىق ئاخبارات زىيارىتىدە بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىش مەسىلىدە «قىيىن تاللاش» قا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سۆزى كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلغان ئىدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن ماركو رۇبىيو ۋە كىرىستوفېر سىمىس ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېنغا خەت يېزىپ، «بېيجىڭنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىنى ھەل قىلىمەن، دېگەن ئىشەنچسىز ۋەدىسى بەدىلىگە ئۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى سۈرۈشتۈرۈشنى قۇربان قىلماسلىق» قا، «كىشىلىك ھوقۇقنى ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ مەركىزى قىلىش» ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرىق قىلغان.