ئامېرىكا بايدىن ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ ئىككى يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئۆزلىرىنىڭ «دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەسى» نى ئېلان قىلغان.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىرى ۋە ئىچكى-تاشقى سىياسەت يۆنىلىشى شەرھلىنىدىغان بۇ «دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەسى» دا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنىپ تۇرۇپ، ئامېرىكانىڭ خىتاينى جازالاشقا تىرىشىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:
«بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتىنى، تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى، خوڭكوڭنىڭ ئاپتونومىيەسى ۋە ئەركىنلىكىگە قىلىۋاتقان بۇزغۇنچىلىقىنى جاۋابكارلىققا تارتىمىز. خىتاي ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە جامائەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلارنى جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بىز ئۇنى جازالاشقا تىرىشىمىز».
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتلىك ئىستراتېگىيەلىك پىلانىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ تىلغا ئېلىنىشى مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ باھالانماقتا. تۈركىيەدىكى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە بۇنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېدى:
«ئادەتتە بىر دۆلەت دۆلەت سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىنى ئايرىم-ئايرىم تىلغا ئېلىپ ئولتۇرمايدۇ. ئەمما بۇ دوكلاتتا ئۇيغۇرلار ئۇچراتقان زۇلۇمنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، دەپ تۇرۇپ تىلغا ئېلىنىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بۇ ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانچىلىك زور ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكا بۇ ئىستراتېگىيەلىك پىلانىدا ئامېرىكانىڭ دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى ۋە زۆرۈر بولغاندا كېرەكلىك ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان».
12-ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ 48 بەتلىك دۆلەت خەۋزسىزلىك ئىستراتېگىيەسىدە ئامېرىكا بايدىن ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ تاشقى سىياسەتتىكى ئىستراتېگىيەسىنى «خىتاينى يېڭىش، رۇسىيەنى چەكلەش» دەپ شەرھلىگەن بولۇپ، خىتاينىڭ دېموكراتىك دۆلەتلەرگە سېلىۋاتقان تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن. ئۇنىڭدا مۇنۇلار دېيىلگەن:
«خىتاي بىلەن رۇسىيە كۈنسېرى ھەمكارلىقىنى ئاشۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلار پەيدا قىلىۋاتقان رىقابەت ئالاھىدە. بىز ئىنتايىن خەتەرلىك بولغان رۇسىيەنى چەكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي بىلەن بولغان ئۇزۇن مۇددەتلىك رىقابەتتە ئەۋزەللىكىمىزنى ساقلاپ قېلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىمىز».
ئامېرىكا «دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەسى» دە يەنە مۇنۇلار بايان قىلىنغان:
«خىتاي خەلقئارا تەرتىپنى قايتا قۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ۋە شۇنداق قىلىدىغان ئىقتىسادىي، دىپلوماتىك، ھەربىي ۋە تېخنىكا كۈچىنى ئاشۇرۇۋاتقان بىردىنبىر رىقابەتچى. بېيجىڭنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكياندا تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتكە ئايلىنىش ئارزۇسى بار. ئۇ ئۆزىنىڭ تېخنىكا ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، خەلقئارالىق ئورگانلار ئۈستىدىكى تەسىرىنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ئەندىزىسىگە تېخىمۇ كۆپ شارائىت ھازىرلىماقتا. ھەربىي ئىقتىدارىنى ئاشۇرماقتا. ئىقتىسادىي كۈچىنى قوللىنىپ دۆلەتلەر ئۈستىدىكى تەسىرىنى زورايتماقتا. . . . .»
مەزكۇر ئىستراتېگىيەدە خىتايغا بېرىلگەن باھالارغا مۇتەخەسسىسلەر ئوخشىمىغان كۆز قاراشلاردا بولماقتا. ئامېرىكادىكى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى گوردون چاڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋپسىزلىك پىلانىدا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى رىقابەت، دەپ تەسۋىرلىشى مۇۋاپىق ئەمەسكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەنچە بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى رىقابەت، دەپ ئاتىشى خىتايغا تولىمۇ سەل قارىغانلىق. خىتاي بىز بىلەن مەۋجۇت خەلقئارالىق سىستېما ئىچىدە رىقابەت قىلمايۋاتىدۇ، ئۇ بۇ سىستېمىنى بۇزىمەن دەۋاتىدۇ. خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشتىن سۆز ئېچىۋاتقىلى خېلى بولدى. خىتاي دېگەن مەۋجۇت خىرىس، ھەرگىزمۇ رىقابەتچى ئەمەس. شۇڭا بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىلانىدا خىتاينىڭ ھۇجۇمى خاتا باھالانغان، دەپ قارايمەن».
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىلانىدا خىتاينىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن بىر زور تەھدىتلىكى ئېنىق شەرھىلەنگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«خىتاينى ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتچى، دەپ قاراش ئەسلىدە تۇنجى قېتىم جورج بوش ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئەمما 11-سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىشى بىلەن بۇ بىر چەتكە قايرىلىپ قالدى. ئوباما ھۆكۈمىتىدىمۇ شۇنداق دېيىلدى، ئەمما تەدبىر ئېلىنمىدى. ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ زور تەھدىتلىكىنى تەكىتلەپ، بىر قاتار سىياسەتلەرنى قوللاندى، ئەمدى بايدىن ھۆكۈمىتىمۇ خىتاي ئەڭ زور تەھدىت، دەپ كۆرسەتكەن. مەنچە ئۇلارنىڭ خىتاي ھەققىدىكى مەيدانى ناھايىتى ئېنىق بولغان».
«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى بولسا بۇ ھەقتىكى خەۋەر ماقالىسىدە، «بايدېن ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان خەۋپسىزلىك ئستراتېگىيەسىنىڭ خىتاي ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى تەسىرىنى كۈچەيتىۋاتقان، رۇسىيە بولسا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغاۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىنىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى، چۈنكى مەيلى ئامېرىكانىڭ شېرىكلىرى بولسۇن ياكى دۈشمەنلىرى بولسۇن ھەممىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ پوزىتسىيەسىنى بىلىشنى خالايدىغانلىقىنى» ئىپادە قىلغان.
بايدېن ھۆكۈمىتى «دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەسى» دوكلاتىدا خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى 3 تۈرلۈك سىياسەت قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇلار: «بىرىنچىسى، ئامېرىكانى كۈچلۈك قىلىۋاتقان ھۈل قىممەت قاراشلارغا مەبلەغ سېلىش يەنى ئامېرىكانىڭ رىقابەت كۈچى، يېڭىلىق يارىتىش كۈچى، قۇدرىتى ۋە دېموكراتىيەسىنى كۈچەيتىش؛ ئىككىنچىسى، ئىتتىپاقداش ۋە شېرىك دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق ھەرىكەت قىلىش؛ ئۇچىنچىسى، خىتاي بىلەن مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن رىقابەتلەشكەن ئاساستا، دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداش ۋە كەلگۈسى پىلاننى تۇرغۇزۇشتۇر.»
دوكلاتتا يەنە، خىتاي بىلەن رىقابەتلىشىشنىڭ يالغۇز ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىلا ئەمەس، بەلكى يەرشارى خاراكتېرلىك بولىدىغانلىقى، ئۇنىڭ تېخنىكا، ئىقتىساد، سىياسەت، ھەربىي، ئاخبارات ۋە دۇنيانىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ساھەلىرىدە خىتايدىن ئۈستۈنلۈكنى ساقلاپ قېلىشتا ئىپادىلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
ئامېرىكادىكى «ئاسىيا جەمئىيىتى سىياسەت ئىنستىتۇتى» (Asia Society Policy Institute) تەتقىقاتچىسى لىلي موررىس تىۋىتتېردىكى ئىنكاسىدا بىلدۈرۈشىچە، بايدىن ھۆكۈمىتى ئىستراتېگىيەلىك پىلانىدا خىتايغا ھەم كۈچلۈك سىگنال بەرگەن ھەم شۇنداقلا ھەمكارلىق ئىشىكىنى ئېچىپ قويغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستراتېگىيە پىلانىدا خىتاينىڭ دۇنيا تەرتىپىنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بىردىن-بىر دۆلەتلىكى تىلغا ئېلىنغان ۋە خىتاينىڭ زوراۋان ھەرىكەتلىرى ئەيىبلەنگەن. بۇ خۇددى ئالدىنقى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ دوكلاتىدىكى خىتايغا بېرىلگەن ئىزاھاتلار بىلەن ئوخشاش. ئەمما بايدېننىڭ پىلانىدا يەنە، خىتاي ھەققىدە ‹خىتاي دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مەركىزى بولۇپ، ئۇ ئورتاق خىرىسلارغا بولۇپمۇ كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە يەرشارى سەھىيە خىزمەتلىرىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ تىنچ بىللە ياشىشى ئىنسانىيەت ئۈچۈن مۇھىم› دېگەندەك جۈملىلەرمۇ يەر ئالغان. بۇنداق سۆزلەر ئالدىنقى ھۆكۈمەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىلانىدا يوق ئىدى. بۇ، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىش ئىشىكىنى ئوچۇق قويۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ».
لىلىي موررىسنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا بايدېن ھۆكۈمىتى بۇ ئىستراتېگىيەلىك پىلانىدا ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتلىرىنى، قىممەت قاراشلىرىنى، دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى نامايان قىلغان بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ھەمكارلىقنىمۇ تەكىتلىگەن.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ سۆزىدە، دېموكرات پارتىيەدىن بولغان بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن رىقابەتلەشكەن ئاساستا، دۇنياۋى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا خىتاي بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىشىنىڭ ئادەتتىكى ئەھۋاللىقىنى بىلدۈردى.
گوردون چاڭ ئەپەندى بولسا رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكانىڭ كىلىمات مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەردە خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقاندا ھەرگىزمۇ ئۇلار بىلەن مۇرەسسەلەشمەسلىكى كېرەك، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ئامېرىكانى ۋەيران قىلىمەن دەيدىغان دۆلەت بىلەن ھەمكارلاشقىلى بولمايدۇ. بىز، بۇ ھۆكۈمەت ئۈچۈن كىلىمات مەسىلىسىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىمىز، ئەمما ئامېرىكا خەلقىنىڭ خەۋپسىزلىكى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا خىتاي بىلەن يۇقىرىدىكى كىلىمات مەسىلىسى دېگەندەك دۇنياۋى مەسىلىلەردە ھەمكارلاشقاندا ھەرگىز مۇرەسسەلەشمەسلىكىمىز كېرەك».
ئامېرىكانىڭ «دۆلەتلىك خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەسى» دە، ئامېرىكانىڭ ئۆز شېرىكلىرى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى بولۇپمۇ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى زورىيىۋاتقان خىتاينىڭ تەسىرىگە بىۋاسىتە ئۇچراۋاتقان شېرىكلىرىنى قوللايدىغانلىقى بايان قىلىنغان ۋە ئامېرىكانىڭ مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ تۇرۇپ «خىتاي بىلەن بولغان رىقابەتتە كەلگۈسى ئون يىلنىڭ ھەل قىلغۇچ ئون يىل بولىدىغانلىقى مۇقەررەر. بىز ھازىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىمىز. بىزنىڭ تاللاشلىرىمىز ۋە يولغا قويغان سىياسەتلىرىمىز بىزنىڭ كەلگۈسىدىكى رىقابەت ئورنىمىزنى بەلگىلەيدۇ» دەپ يېزىلغان.
