خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنى ئىنكار قىلىش تېمىسىدىكى ئاق تاشلىق كىتابى 2019-يىلىنىڭ ئاخىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خەلقئارا جامائەتنىڭ بۇ خىل يالغانچىلىققا بولغان نارازىلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشلىرىنى «ئېتنىك تازىلاش» ياكى «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتاشتا ئىپادىلەندى. ئۇيغۇرشۇناس مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى بىر-بىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بولسىمۇ، 2020-يىلىنىڭ ياز ئايلىرىغا كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قاتار ھۆججەتلىرى ئاساسىدا مەلۇم بولغان مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش، ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلىش قاتارلىق قىلمىشلىرىنىڭ سېپى ئۆزىدىن قىرغىنچىلىق بولىدىغانلىقى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن كەڭ يەر ئېلىشقا باشلىدى.
بولۇپمۇ 2020-يىلى سېنتەبىر ئېيىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەنى تەسۋىرلەشتە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ياكى «قىرغىنچىلىق» دېگەندەك ئاتالغۇنى قوللىنىش مەسىلىسىنى ئەستايىدىل ئويلىشىۋاتقانلىقىنى، چۈنكى قانداق ئاتالغۇ قوللىنىشنىڭ بەكمۇ زور سالمىقى بار مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىمۇ بۇ مەسىلىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىشلىرىدىكى باش مەسلىھەتچىسى ماسيۇ پاتتىنجىر مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە «بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى قىلمىشى تىپىك بولغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ كۆرسەتتى. يېقىندا بولسا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 28-نۆۋەتلىك دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى روبېرت ئوبرايىن «قىرغىنچىلىق بولمىغاندىمۇ شۇنىڭغا يېقىن بىر ھادىسە شىنجاڭدا داۋام قىلىۋاتىدۇ،» دېگەن ئىدى.
26-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى قارمىقىدىكى تاشقى مۇناسىۋەت كومىتېتى مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىپ، ھازىر ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي پاجىئەنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك ھەر خىل ئاتىلىشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. يىغىندا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزالىرىدىن روبېرت مېنېندىز ۋە جون كورنىين ئىككى پارتىيە ئەزالىرى بىرلىكتە تەييارلىغان يېڭى لايىھەنى تونۇشتۇردى. مۇزاكىرە بۇ لايىھىدىكى «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇش ھەركەتلىرىنىڭ خاراكتېرىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ بېكىتىش لازىم» دېگەن مەزمۇننى چۆرىدىگەن ھالدا داۋام قىلدى. شۇنىڭدەك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ 1948-يىلىدىكى «قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە ئۇنىڭغا جازا بېرىش ئەھدىنامىسى» دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش تەكىتلەندى. مۇزاكىرىگە كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن ماركو رۇبيو، جېيمىس رىش، جېف مېركېلىي قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلغان.
مۇزاكىرىدە كېڭەش پالاتا ئەزاسى مېنېندىز «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى قىلىۋاتقانلىرىنى ‹قىرغىنچىلىق› دەپ بېكىتىشكە ھېچقانداق سوئال كەتمەيدۇ. قىرغىنچىلىقنى چەكلەش ۋە ئۇنى توختىتىش بىزنىڭ قىممەت قارىشىمىز ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرىمىز بىلەن ئۆزئارا ماس كېلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئورنىمىزدىن دەست تۇرۇش ھەمدە ھەقىقەتنى ياقلاپ سۆز قىلىشتىن ئىش باشلاش لازىم،» دەپ كۆرسەتتى. شۇنداقلا بۇ جىددىي مەسىلىدە ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونى ئۆزلىرىگە ئاۋاز قوشۇشقا، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قىرغىنچىلىق ھادىسىلىرىنى ئۆزىگە خاس ئاتالغۇ بىلەن ئاتاشقا چاقىرغان.
كېڭەش پالاتا ئەزاسى كورنىين بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى قىيناشلىرىنىڭ نەق قىرغىنچىلىق بولىدىغانلىقىنى، بۇ قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان لايىھەنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى سادىر قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارشى قىلمىشلارنىڭ خاراكتېرىنى ناھايىتى ئادىل تەسۋىرلەپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېيمىس رىش بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش، تۇغۇت كونتروللۇقى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى كۆپىيىشتىن چەكلەش قاتارلىق قىلمىشلىرىنى تىلغا ئېلىپ: «ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان بۇ قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن بارلىق خىزمەتداشلىرىمنى بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇشقا، شۇنداقلا ئامېرىكا ۋە پۈتۈن دۇنيانى شىنجاڭدا بولۇۋاتقان بۇ قىرغىنچىلىققا قارشى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا دەۋەت قىلىمەن. چۈنكى بۇ قىلمىش قىرغىنچىلىقتۇر،» دېگەن.
ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي پاجىئەلەر ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبيو «مەن ئۆزۈمنىڭ ئىككى پارتىيە ھەمكارلىقىدا ۋۇجۇدقا چىققان مۇشۇ خىلدىكى لايىھە سېپىگە قوشۇلغانلىقىمدىن ئىپتىخارلىق ھېس قىلماقتىمەن. ئەركىن دۇنيادىكى ئىنسانلار بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ بۇ خىل قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇشى لازىم،» دېگەن.
بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان كېڭەش پالاتا ئەزالىرى يىغىندىن كېيىن ماركو رۇبيونىڭ باشلامچىلىقىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيوغا بىرلەشمە مەكتۇپ يوللىدى. بۇ ئۇلارنىڭ بۇ يىل ئىيۇل ئېيىدىكى بىرلەشمە مەكتۇبىدىن كېيىن يوللانغان ئىككىنچى مەكتۇپى ھېسابلىنىدۇ. مەكتۇپتا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان لاگېرلار مەسىلىسى، تۇغۇت كونتروللۇقى ئارقىلىق نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى چەكلەش تەدبىرلىرى، مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ ھازىر ئاللىقاچان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە ئىجرا قىلىشىدىكى دۆلەت سىياسەتلىرى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل قىرغىنچىلىق خاراكتېرىدىكى قىلمىشلارغا قارىتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، جۈملىدىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئېنىق بولغان تەبىر بېرىش ئارقىلىق بۇ ئىشلارنىڭ قىرغىنچىلىق ياكى ئەمەسلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى ئالاھىدە تەلەپ قىلىندى.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى يېڭى يۈكسىلىش ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بىر قېتىملىق سىناق بولۇپ، بۇنىڭ نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈچۈن مۇھىم كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەردىن بولۇپ قېلىشىدا كۆپ تەرەپلىمە سەۋەبلەر بار ئىكەن.
كومىسسار نۇرىي تۈركەلنىڭ قارىشىچە، ھازىرقى رېئاللىق ھەمدە مەلۇم بولۇۋاتقان كۆپلىگەن ماددىي پاكىتلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بۇ جەھەتتە بىر قارار ئېلىش ئىمكانىغا ئىگە قىلسىمۇ، بۇنىڭدا يەنە كۆپلىگەن قىيىن نۇقتىلارمۇ مەۋجۇت ئىكەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى يۇقىرى قاتلام زاتلارنىڭ بۇ خىل پىداكار ھەرىكىتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى تولىمۇ سۆيۈندۈرگەنلىكى مەلۇم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ ماددىي ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى بۇ ھەقتىكى خىزمەتلەرنىڭ تېز ۋە ئوڭۇشلۇق بولۇشىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارالماقتا ئىكەن.
0:00 / 0:00