«ئېتىقاد ۋەيرانچىلىقى: ئۇيغۇر مەسچىتلىرى ۋە مەقبەرىلىرىنىڭ چېقىلىشى» ناملىق يىغىندىكى پىكىرلەر (1)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.10.29
NED-UHRP-20191029.jpg «ئېتىقاد ۋەيرانچىلىقى: ئۇيغۇر مەسچىتلىرى ۋە مەقبەرىلىرىنىڭ چېقىلىشى» ماۋزۇلۇق زور ھەجىملىك دوكلاتنى جامائەتچىلىك بىلەن رەسمىي يۈز كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن «دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى» تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇھاكىمە يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 29-ئۆكتەبىر. ۋاشىنگتون، ئامېرىكا.
Social Media

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتى جەريانىدا لاگېرلار مەسىلىسى بىلەن بىرلىكتە خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش ئۇرۇنۇشى بولۇپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ بۇ جەھەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۇقتىلىق ھالدا ئىسلام دىنىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشى، بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى دىنىي مۇئەسسەسىلەرنىڭ مەجبۇرىي يوسۇندا چېقىپ تاشلىنىشى ھەققىدە بارغانسېرى كۆپ ئۇچۇرلار ئاشكارا بولۇشقا باشلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى دىنىي مۇئەسسەسىلەرنى ۋەيران قىلىش ھەرىكىتى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھادىسىلەر ھەققىدە ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى مەخسۇس «ئېتىقاد ۋەيرانچىلىقى: ئۇيغۇر مەسچىتلىرى ۋە مەقبەرىلىرىنىڭ چېقىلىشى» ماۋزۇلۇق زور ھەجىملىك دوكلات تەييارلاپ چىققانىدى. ئەنە شۇ دوكلاتنى جامائەتچىلىك بىلەن رەسمىي يۈز كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن مەزكۇر دوكلاتنىڭ تەييارلىنىشىغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلغان «دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى» 29-ئۆكتەبىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى.

يىغىندا ئالدىنقى بۆلىكى نۇتۇق باسقۇچى بولۇپ، بۇنىڭدا ئالدى بىلەن «دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى» نىڭ رەئىسى كارل گرېشمان سۆز ئېلىپ مەزكۇر دوكلاتتا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقان بىر خەلقنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن بۇنىڭ بەكمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىي ئىلھام توختىنىڭ ساخاروف مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا قايسى دەرىجىدە ئېتىراپ قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مۇكاپاتقا نارازى بولۇپ «بۇ بىر تېررورچىنى تەبرىكلىگەنلىك» دېگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق سۆزنى قىلىشى ئىنتايىن ۋە ئۇچىغا چىققان رەزىللىك» دەپ كۆرسەتتى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ تېررورلۇق بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىدەك بىر زىيالىينى «تېررورچى» دەپ قالپاق كىيدۈرۈشىنىڭ ئۆزى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى ھىمايە قىلغۇچى ھەممىلا كىشىنىڭ، جۈملىدىن مۇھەممەد سالىھ ھاجىم، راھىلە داۋۇت، ئابدۇرېھىم ھېيت قاتارلىق كىشىلەرنىڭ «تېررورچى» دەپ قارىلىدىغانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ «مۇشۇنىڭ ئۆزى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قارشى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئوچۇق كۆرسەتمەكتە» دېدى. 

ئارقىدىن «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى» نىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات سۆز ئالدى. ئۇ نۇقتىلىق قىلىپ بۇ دوكلاتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەھمىيىتى خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئاراغا «بىز ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ھوقۇقلىرىنى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىۋاتىمىز» دەپ يالغان ئېيتىۋاتقاندا ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادنى قانداق ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى پاكىتلىق كۆرسىتىپ بېرىشتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۆمەر قانات يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يالغۇز مەسچىتلەر، مازارلار ۋە باشقا دىنىي مۇئەسسەسىلەرنى ۋەيران قىلىپلا قالماستىن، يەنە دىنىي ئالىملارنى غايىبلىق، خورلۇق ۋە قاماققا مەھكۇم قىلىشىدەك رېئاللىقنىڭ ئۆزى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى، دەپ كۆرسەتتى. . 

يىغىن ھەققىدىكى مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىملىق دوكلاتنى تەييارلىغان ئاساسلىق كىشى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن بەھرام سىنتاش بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ يېقىنقى ئىزدىنىشلىرى ئاساسىدا بۇ ھەقتىكى كۆپلىگەن پاكىتلىق ماتېرىياللارنى توپلىغانىدى. بەھراممۇ شۇ قاتاردا سۆز ئېلىپ، ئۆزىنىڭ بىناكارلىق كەسپىدە ئوقۇش جەريانىدا ئۇيغۇر بىناكارلىقىدىكى ئەرەبچە، ھىندىچە ۋە تارىم ئۇسلۇبىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىدەك گۈزەللىكنىڭ ئۆزىنى مەپتۇن قىلغانلىقىنى، مۇشۇ خىلدىكى نەپىس بىناكارلىقنىڭ نامايەندىلىرىدىن بولغان قاغىلىق جامەسىنىڭ 2017-يىلى چېقىلىشىدىن كېيىن ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتە كۆپ ئىزدەنگەنلىكىنى، بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەرقايسى ناھىيە شەھەرلەردە ئاساسلىق مەسچىتلەرنىڭ پۈتۈنلەي چېقىۋېتىلگەنلىكىنى، بىر قىسىم مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىشىدا «كونا ۋە خەتەرلىك» دېگەندەك باھانىلەر ئوتتۇرىغا چىققان بولسا، غۇلجا ۋە ئاتۇش قاتارلىق جايلاردىكى يېڭىدىن سېلىنغان شۇنچە كاتتا مەسچىتلەرنىڭ بىراقلا چېقىۋېتىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسلى مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى بىلەن باغلىنىشلىق بارچە مەزمۇنلارنى يوقىتىش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى، بۇ ھادىسىلەرنى گۇگىل خەرىتىسىدە نامايان بولغان سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىن بەكمۇ ئوچۇق كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. . 

بەھرامنىڭ بايان قىلىشىچە، نۆۋەتتىكى مەسچىتلەرنى چېقىۋېتىش ئاساسلىقى شەھەرلەر ۋە ناھىيەلەردە داۋام قىلماقتا ئىكەن. يالغۇز خوتەن شەھىرىنىڭ ئۆزىدىلا 15 مەسچىت چېقىپ تاشلانغان بولۇپ، قېپ قالغان يېگانە مەسچىتكە قۇلۇپ سېلىپ قويۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە چېقىلماي قالغان مەسچىتلەرنىڭمۇ مۇنارلىرى ۋە قۇببىلىرى قومۇرۇپ تاشلانغان. تۈرلۈك فوتو سۈرەتلىرىمۇ بۇ ئەھۋال روشەن ئەكس ئېتىدۇ. بەھرام دىققەت قىلغان يەنە بىر نۇقتا، خىتاي ھۆكۈمىتى مەسچىتلەر ۋە مازارلىقلارنى چېقىپ تاشلاش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ مەھەللە-كويلىرىنىمۇ بۇزۇپ تاشلاپ، ئۇلارنى بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈرۈۋەتكەن. ئاندىن بۇزۇپ تاشلانغان ئۇيغۇر يۇرتلىرىنى خىتايچە بىناكارلىق ئۇسلۇبى بىلەن قايتىدىن قۇرۇپ چىققان. ئەمدى بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ قەبرىستانلىقلىرى كۆچۈرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا باشقا قۇرۇلۇشلار سېلىنىشقا باشلىغان. 

بەھرام مۇشۇ ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈپ: «خىتاي ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي يوق قىلماقچى. ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى يوقىتىلىشقا باشلىدى. ئەمدىلىكتە ئۇيغۇرلار خۇدانىڭ ئۆيى، دەپ بىلىدىغان مەسچىتلەر چېقىلسا ئۇيغۇرلار دىنىي جەھەتتە ماكانسىزلارغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى كېيىنكى ئەۋلادقا يېتىپ بارالمايدۇ» دەپ ئالاھىدە كۆرسەتتى. 

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار. بۇ يىغىن ھەققىدىكى مەزمۇنلارنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار ئەتىكى ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.