خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە سىناق قىلىپ يولغا قويغان ھەم پۈتۈن خىتايغا ۋە شۇنداقلا باشقا دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىشقا باشلىغان يۇقىرى تېخنىكىلىق مۇستەبىتلىك مودېلى ئامېرىكانىڭ بارغانسېرى دىققىتىنى قوزغىماقتا ھەم ئەندىشىلىرىنى كۈچەيتمەكتە. خىتاينىڭ بۇ مودېلىغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئېلىپ، غەرب قىممەت قارىشى ۋە ئەركىن بازار رىقابىتىنى قوغداش چۇقانلىرىمۇ زورايماقتا. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ 17-نويابىر چاقىرغان گۇۋاھلىق يىغىنى بۇ مەسىلىنى تېما قىلغان بولۇپ، يىغىندا بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىلەر ۋە بۇنىڭغا قارىتا قانداق تەدبىرلەرنى ئېلىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان.
يىغىندا، بەزى مۇتەخەسسىسلەر ۋە پائالىيەتچىلەر خىتاي يۇقىرى تېخنىكىلىق مۇستەبىتلىك مودېلىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئېلىپ بېرىپلا قالماي، باشقا دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنىپ، غەرب دېموكراتىيەسى، قىممەت ئۆلچىمى ۋە قانۇنلىرىغا خىرىس قىلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئېلىشنىڭ جىددىي تەقەززاغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يىغىندا كېڭەش پالاتا ئەزاسى، دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى، يىغىن رىياسەتچىسى جەف مېركلېي تېخنولوگىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى قولايلاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، باستۇرۇش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى، دۇنيادىكى ھېچقانداق بىر جايدا ئۇيغۇر ئېلىدىكىدەك «تراگېدىيە» نىڭ يوقلۇقىنى ئېيتقان.

جەف مېركلېي مۇنداق دەيدۇ: «دائىرىلەر سۈنئىي ئىدراك، توسۇش زەنجىرى، ھېسابلاش، زامانىۋى ئىقتىسادنىڭ ھۈل ئەسلىھەلىرىگە ئوخشاش ساھەلەردە تېخنولوگىيەگە ھېرىسمەن بولۇپ، نىشانلىق توپلارغا قارىتا سىياسىي، ئىجتىمائىي كونتروللۇق يۈرگۈزدى. بۇ تېخنولوگىيە ھۆكۈمەتنى مىسلىسىز دەرىجىدىكى كونتروللۇق بىلەن تەمىنلەپ، قول تېلېفونى، شەخسىي كومپيۇتېر، د ن ئا، بىخەتەرلىك كامېراسى ۋە باشقىلاردىن ئېرىشكەن غايەت زور سانلىق مەلۇماتقا ئىگە قىلدى. بىز بۇنىڭ ھېچقانداق بىر جايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكىدەك تراگېدىيەلىك ئىكەنلىكىنى كۆرمىدۇق».
گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئاۋام پالاتا ئەزاسى، خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ قوشۇمچە رەئىسى جېيمىس مىكگوۋېرن، خىتاينىڭ تېخنىكىلىق مۇستەبىتلىكىنى ئەڭ كۈچلۈك ھېس قىلغان كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈركىي مىللەتلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېخنىكىلىق مۇستەبىتلىك مودېلىنىڭ پۈتۈن خىتايغا ۋە دۇنياغا سۇنۇلغان مودېل ياكى ئەمەسلىكى بۈگۈنكى يىغىندىكى ئەڭ ئاچقۇچلۇق سوئال ئىكەن.

مىكگوۋېرن مۇنداق دەيدۇ: «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېخنىكىلىق مۇستەبىتلىكىنى ئەڭ كۈچلۈك ھېس قىلغان خەقلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمان مىللەتلەر ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمايمىز. ئۇلارنىڭ ( خىتاينىڭ) شىنجاڭدا بەرپا قىلغان نازارەت مېخانىزمى دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ۋە تەرەققىي قىلغان مېخانىزم. بۇ مودېل پۈتۈن خىتايغا ۋە دۇنياغا سۇنۇلغان مودېلمۇ؟ بۇ بىز ئۈچۈن گۇۋاھچىلار جاۋاب بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق سوئال.»
مىكگوۋېرننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يەردىكى مەسىلە خىتاينىڭ ئېكسپورتى ئۇنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت مودېلىنى تارقاتماسلىقىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىش ئىكەن.
ئۇ: «ئامېرىكا خىتاي ئېكسپورتىنىڭ نازارەت دۆلىتى سىستېمىسى مودېلىنى تارقاتماسلىقىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىدۇ؟. بىز خەلقئارالىق شېرىكلىرىمىزدىن پايدىلىنالامدۇق. شەخسلەر ئۆزىنىڭ ساغلام ئىستېمال تاللىشىنى قانداق قىلىدۇ. بىز ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىۋاتىمىز» دېگەن.
«تېخنىكىلىق مۇستەبىتلىك: خىتاي ۋە چەتئەللەردىكى باستۇرۇش مۇنبىرى» ناملىق يىغىندا، بۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەر ۋە پائالىيەتچىلەر گۇۋاھلىق بەرگەن.
يىغىندا ئامېرىكىلىق ژۇرنالىست، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى «مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى: خىتاينىڭ كەلگۈسىدىكى قورقۇنچلۇق نازارەت دېستوپىيەسىگە مەخپىي سەپەر» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى جېفرېي كوئېيىن گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا زامانىۋى تېخنولوگىيە ئارقىلىق «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. جېفرېي كوئېيىننىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي 2016-يىلدىن باشلاپ (ئۇيغۇرلار) رايونىدا مىسلىسىز ئىجتىمائىي سىناق ۋە كونتروللۇق يولغا قويغان. يېڭى تېخنولوگىيە، سۈنئىي ئىدراك، يۈز تونۇش، ئاۋاز تونۇش ۋە بىئومېتىرلىق سانلىق مەلۇمات تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ، ئۆز خەلقىنى يېڭى ۋە غەلىتە ئۇسۇللار بىلەن باستۇرغان.

ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «20-ئەسىردە ئىرقىي قىرغىنچىلىق گاز بىلەن زەھەرلەش ئۆيلىرىدە ۋە قەبرىستانلىقلاردا ئېلىپ بېرىلغان. لېكىن 21-ئەسىردە زامانىۋى تېخنولوگىيە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپ، سۈكۈت ئىچىدە بىر خەلقنى يوقىتىشى، مەدەنىيەت ئۆچۈرۈپ تاشلىشى، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى كەڭ كۆلەملىك جىسمانىي زوراۋانلىق ۋە كەڭ كۆلەملىك ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلمىدى».
جېفرېي كوئېيىننىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت مودېلى ئۇيغۇرلار بىلەن چەكلىنىپ قالمىغان. ئۇ بۇ مودېلنى «بىخەتەر شەھەر پروگراممىسى» دېگەن ناملاردا باشقا دۆلەتلەرگىمۇ ئېكسپورت قىلغان.
جېفرېي كوئېيىن مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي شىركەتلىرى خىتاي كومپارتىيەسى ئەمەلدارلىرىنىڭ قوللىشىدا بۇ تېخنولوگىيەنى دائىم بىخەتەر شەھەر ياكى جىنايەتكە قارشى تۇرۇش، دېگەن ناملاردا دۇنيادىكى مۇستەبىت ياكى يېرىم مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۆكتىچىلەرنى ۋە ئاۋارىچىلىك تۇغدۇرغۇچى دەپ قارالغان كىشىلەرنى باستۇرۇشىغا ئىشلىتىشى ئۈچۈن تەمىنلەپ كەلگەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2019-يىلى ئۆزبېكىستان بىلەن ئۇگانداغا بۇ خىل تېخنولوگىيەنى ئېكسپورت قىلغان.
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ۋاڭ ياچيۇ يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگەن پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۈندىدار، تىك-توك قاتارلىق خىتاي ئىجتىمائىي ئالاقە ئەپلىرى چەتئەلدىكى خىتاي گىراژدانلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى يىغىش، ئامېرىكادا خىتايغا پايدىلىق جامائەت پىكىرى پەيدا قىلىشتا ئالاھىدە رول ئوينىماقتىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ بۇ ئىككى ئېپى ئامېرىكادا خېلى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. ئەڭ مۇھىمى ھەممىمىز شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك، بارلىق خىتاي شىركەتلىرىنى خىتاي كومپارتىيەسى كونترول قىلىدۇ. چەتئەلدىكى خىتايلار ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، ئالاقە ۋە سىياسىي ئۇيۇشۇشلاردا كۆپرەك ئۈندىدارغا تايىنىدۇ. بۇ ئەھۋال بېيجىڭنى چەتئەلدە جامائەت پىكىرى شەكىللەندۈرۈشتە كەڭ ئىمكانىيەت بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ. بۇ بېيجىڭنى چەتئەلدىكىلەر ئائىت نۇرغۇن ئۇچۇرلارغا ئېرىشتۈرۈۋاتىدۇ».

ۋاڭ ياچيۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەڭ يامىنى بۇ يەنە بېيجىڭنى ئامېرىكادا كىشىلەرنى ھەرىكەتلەندۈرۈش يوشۇرۇن ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلماقتىكەن. ئۇ يەنە تىك-توك ھەققىدە توختىلىپ، تىك-توكتىكى ئۇيغۇر ئېلىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئىزدىسە ساپلا كۈلۈپ تۇرغان ۋە ئۇسۇل ئويناۋاتقان ئۇيغۇرلار چىقىدىغانلىقى، لاگېرلار، نازارەت قىلىش، كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا كۆپ نەرسە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز» دېگەن.
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكادىكى خىتاي تېخنولوگىيە شىركەتلىرىنىڭ مەشغۇلاتى مەۋھۇم بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك ئىكەن. ۋاڭ ياچيۇ: «دۆلەت مەجلىسى يېقىندا ئامېرىكا تېخنولوگىيە شىركەتلىرىگە بولغان نازارەتنى كۈچەيتتى. خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكادىكى تەسىرى كېڭىيىپلا قالماي، ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز كۈچەيمەكتە. شۇڭا، دۆلەت مەجلىسى جىددىي قانۇن چىقىرىپ، تېخنولوگىيە شىركەتلىرىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشى ۋە سانلىق ئۇچۇرلارنى قاتتىق قوغدىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك» دېگەن.
يىغىننىڭ ئاخىرىدا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جەف مېركلېي سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ «تېخنىكىلىق مۇستەبىتلىكى» گە تاقابىل تۇرۇش ئەركىن دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاق قۇرۇپ، ئۇنىڭغا قارشى بىر تېخنولوگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ تېخنىكىلىق مۇستەبىتلىكىگە تاقابىل تۇرۇش ئەركىن دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقىنى قۇرۇش، ئۇنىڭغا قارشى بىر تېخنولوگىيە مودېلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ، بىز ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەت قىلىشقا تېگىشلىك جىددىي مەسىلە. بۈگۈنكى گۇۋاھلىق يىغىنىنىڭ دىققەت قوزغاشقا شۇنداقلا ئامېرىكا ۋە باشقا ئەركىن دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا تېلېفون ئالاقە ئۇيۇشمىسىغا ئوخشاش خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، خەلقئارا ئۆلچەملەرنى بېكىتىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇشىغا ياردەمدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن.
دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ ئايدىن بىلەن خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ 16-نويابىر كۈنى ئېكران سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ ئارقىدىنلا چاقىرىلغان. بۇ سۆھبەت ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى سودا، تېخنولوگىيە، جەنۇبىي دېڭىز، تەيۋەن، خوڭكوڭ، ئۇيغۇر قاتارلىق مەسىلىلەردە ئۆتكۈرلىشىپ كەتكەن بىر ۋاقىتتا چاقىرىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، جوۋ بايدېن بىلەن شى جىنپىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سۈركىلىشنىڭ توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.