ئۇيغۇر مەسىلىسى دېموكراتلار پارتىيەسى پرېزىدېنتلىق كاندىداتلىرىنىڭ تېلېۋىزىيە مۇنازىرىسىدىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولدى. دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى كاندىداتلىرىدىن بىرى بولغان سابىق مۇئاۋىن پرېزىدېنت جوۋ بايدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قالمىغانلىقىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تىلغان ئىلىنىشىغا خىتاي يەنە چىدىمىدى.
2020-يىللىق پرېزىدېنتلىق سايلىمى نامزاتلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى كۆرسەتكەن دېموكراتلار پارتىيەسى كاندىداتلىرىنىڭ 6-نۆۋەتلىك تېلېۋىزىيە مۇنازىرىسى 19-دېكابىر كەچقۇرۇن ئامېرىكانىڭ لوس-ئانجىلس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇنازىرە PBS تېلېۋىزىيەسى ئارقىلىق نەق مەيداندىن تارقىتىلدى.
بۇ نۆۋەتلىك مۇنازىرىدىكى ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلارنىڭ بىرى بولسا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كاندىداتلار تەرىپىدىن تىلغان ئېلىنىشىلا ئەمەس، بەلكى مۇنازىرە جەريانىدا كاندىداتلاردىن سورىلىدىغان تاشقىي سىياسەتكە ئالاقىدار مۇھىم سوئاللارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىنىشى ئىدى.
ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىرىنچى سوئال پ ب س قانىلىنىڭ مۇنازىرە رىياسەتچىسى جۇدي ۋۇدرۇف كاندىدات پېتىر بۇتىجاجدىن سورىغان سوئال ئىدى.
پېتىر بۇتىجاج مەزكۇر سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە شىمالىي كورېيە مەسىلىسى قاتارلىقلاردا خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدىن رازى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق سورىدى: «ئامېرىكالىقلار خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ۋە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇسۇلماننىڭ قامالغانلىقىدىن چۆچۈپ كەتتى.»
ئۇ يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىش مەسىلىسى ۋەجىدىن «ئېتىراز بىلدۈرۈش ۋە ئىقتىسادىي جازا قويۇشتىن باشقا 2022-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشى كېرەكمۇ؟» دېگەن سوئالغا دۇچ كەلدى.
بۇ سوئالغا جاۋاب بەرگەن كاندىدات بۇتىجاج مۇنداق دېدى: «مەنچە ھەرقانداق ۋاسىتىلەر ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە تەييار تۇرۇشى كېرەك. بولۇپمۇ دىپلوماتىك، ئىقتىسادىي ياكى سىز ھازىر بايان قىلىپ ئۆتكەن ئىجتىمائىي ۋاسىتىلەر.»
ئۇ يەنە ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا تاشلىنىشى ۋە ياكى خوڭكوڭلۇقلارنىڭ دېموكراتىيە ئارزۇسى مەسىلىگە كەلگەندە جىم تۇرۇۋالغانلىقىنى ئەيىبلىدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى مەسىلىسىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانى ئىزچىل قاتتىق بولۇپ كەلگەن. مۇئاۋىن پرېزىدېنت مايك پەنس ۋە ياكى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بولسۇن، ئۇلار بۇ مەسىلىدە خىتاينى ئىزچىل قاتتىق تەنقىدلەش بىلەن بىرگە خىتاينى لاگېرلارنى دەرھال تاقاشقا چاقىرىپ كەلگەن. ھالبۇكى، بۇ مەسىلە پرېزىدېنت ترامپ شەخسەن پىكىر بىلدۈرۈپ باقمىغان ئىدى.
PBS تە نەق مەيدان تارقىتىلغان تېلېۋىزىيە مۇنازىرىسىدە خوڭكوڭ مەسىلىسى ۋە خىتاينىڭ ھەربىي ھازىرلىقلار كېڭەيمىچىلىكى ھەققىدىمۇ سوئاللار سورالدى.
مۇنازىرە سوئاللىرى يەنە خىتاينىڭ ھەربىي ھازىرلىقلىرى، يېقىندا ۋەزىپىگە تاپشۇرغان 2-ئاۋىياماتكىسى، ئۇلارنىڭ ئامېرىكادا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىشپىيونلۇق ھەرىكەتلىرى، ئامېرىكا ۋە خىتاي ئارىسىدا يۈز بېرىش مۇمكىن بولغان ھەربىي توقۇنۇشلار ھەققىدىكى پەرەزلەر ئۈستىدە داۋام قىلىدى.
بۇ سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن سابىق مۇئاۋىن پرېزىدېنت جوۋ بايدىن مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، بىز خىتاي بىلەن باشمۇ-باش توقۇنۇشقا قاراپ كېتىۋاتىمىز. بۇ دېگەنلىك ئۇرۇش قىلىش دېگەنلىك ئەمەس. شۇنى ئېنىق بىلدۈرۈشمىز كېرەككى، بىز ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا قول قوشتۇرۇپ تۇرالمايمىز. سىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك، بىر مىليون ئۇيغۇر مۇسۇلمان ھازىر يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا قاماقلىق. ئۇلار شۇ دەمنىڭ ئۆزىدە شۇ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا دەپسەندە قىلىنماقتا.»
بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزگەن ئامېرىكادىكى ئادۋوكات نۇرى تۈركەلنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر مەسىلىسى ئامېرىكانىڭ تاشقىي سىياسىتىدىكى مۇھىم بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ پرېزىدېنت نامزاتلىرى مۇنازىرىسىدە تىلغان ئېلىنىشى ئانچە ھەيران قالارلىق ئەمەس.
سابىق مۇئاۋىن پرېزىدېنت جوۋ بايدىن يەنە خىتاينىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي كېڭەيمىچىلىكى ۋە تەھدىتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا ئېلىشقا تېگىشلىك قەدەملەر ئۈستىدە توختالدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز دېڭىز كۈچىمىزنىڭ 60 پىرسەنتىنى شۇ يەرگە يۆتكەپ، خىتايغا باشقىلارنى قوغداش ئۈچۈن شۇ يەردە بولىدىغانلىقىمىزنى، خىتاينىڭ يەنە باشقا يەرلەرگە ماڭالمايدىغانلىقى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك.»
ئۇ يەنە خىتاينى قىلمىشلىرى ئۈچۈن ب د ت ئارقىلىق جازاغا تارتىش، ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ خىتايغا تاقابىل تۇرۇشنىڭمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكنى بىلدۈردى.
نۇرى تۈركەل بۇ ھەقتىكى پەرەزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئامېرىكانىڭ نۆۋەتتىكى ئىچكىي-تاشقىي سىياسىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشنى تەقەززا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
CNN نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇنازىرە خىتاي، ئۇيغۇر ۋە خوڭكوڭ مەسىلىسىگە يۆتكەلگەندە PBS نىڭ بۇ ھەقتىكى نەق مەيدان ئاڭلىتىشى خىتايدا 9 مىنۇت ئەتراپىدا توسۇپ قويۇلغان.
خەۋەرگە قارىغاندا، چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدىكى خىتاي كوممۇنىستلىرى «سەزگۈر» دەپ قارايدىغان مەزمۇنلار خىتايدا دائىم توسۇۋېتىلىدىكەن.
CNN ئىلگىرى ئىشلىگەن ئۇيغۇر ۋە خوڭكوڭ ھەققىدىكى خەۋەرلىرى خىتايدا ئىزچىل توسۇلۇپ كەلگەن ئىكەن.