ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 30-مارت ئۆزىنىڭ 2020-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى» نى قاتتىق تەنقىد قىلدى. دوكلاتتا، ئۆتكەن بىر يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆپ سانلىق يەرلىك مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا ۋە رايوندىكى باشقا ئېتنىك ھەم دىنىي ئاز سانلىق گۇرۇپپىلارغا قارىتا سادىر قىلىنىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» نىڭ ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تونى بلىنكېن، 30-مارت ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغۇچىلارنى داۋاملىق جاۋابكارلىققا تارتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتلىرىنىڭ ئىچىدە خىتاي ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى سەۋەبلىك ئەڭ قاتتىق ئەيىبلەنگەن دوكلات بولۇپ، خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى» تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىغا كىرگۈزۈلۈشىدۇر.
دوكلاتتا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان بۇ جىنايەتنىڭ «بىر مىليوندىن ئارتۇق پۇقرانى خالىغانچە قاماش ياكى باشقا جىسمانىي ئەركىنلىكلىرىدىن مەھرۇم قىلىش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ۋە خىتاينىڭ تۇغۇتنى كونترول قىلىش سىياسىتىنى تېخىمۇ قاتتىق يۈرگۈزۈش، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان نۇرغۇن كىشىلەرگە باسقۇنچىلىق قىلىش، قىيان-قىستاققا ئېلىش، مەجبۇرىي ئەمگەك، دىنىي-ئېتىقاد ئەركىنلىكى، ئىپادە ئەركىنلىكى ۋە يۆتكىلىش ئەركىنلىكىگە قاتتىق چەكلىمە قويۇش» قىلمىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى توختىتىش، ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلغۇچىلارنى جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن كۆپ خىل ۋاستىلارنى ئىشلىتىدىكەن. ئۇ 30-مارت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا ھۆكۈمەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى سىياسەتلىرىنى شەرھلىدى.
بلىنكېن: «بىز كەڭ دائىرىلىك باشقا ۋاستىلارنى ئىشلىتىپ، دەپسەندىچىلىكنى توختىتىمىز ۋە جاۋابكارلارنى جاۋابكارلىققا تارتىمىز. بۇنىڭ بىر يولى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلغۇچىلارنى جازالاشنىڭ يەرشارى ماگنىتىسكىي قانۇنى، خوڭكوڭ دېموكراتىيە قانۇنى ۋە باشقا قانۇنلارغا ئوخشاش يېڭى شەكىللىرىنى چىقىرىش، كىشىلىك ھوقۇقنى ئورتاق ئالغا سۈرۈشتۇر. بىز داۋاملىق دۆلەت مەجلىسى بىلەن ئىجادىي ھەمكارلىق يوللىرىنى تېپىپ، ئىنسان ھەقلىرىنى خورلاشنى پاش قىلىمىز، جاۋابكارلارنى جاۋابكارلىققا تارتىمىز» دېدى.
بلىنكېننىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە يېقىندا كانادا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە بىلەن بىرلىشىپ شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ۋەھشىيلىكلەرگە قاتناشقان شەخسلەرنى جازالىغاندەك ئىقتىسادىي ئېمبارگو ۋە ۋىزا چەكلىمىلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىكەن. ئاخبارات يىغىنىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمگەك، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى مىنىستىرى لىسا پېتېرسون، خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا جىددىي ئاقىۋىتى بولغان ۋاسىتىلەر بىلەن تاقابىل تۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
لىسا پېتېرسون مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى ئىنكاس سۈپىتىدە بىر قاتار جىددىي ۋاستىلارنى ئىشقا سالدى. ناھايىتى ئېنىقكى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر بولۇۋاتىدۇ. بىز شىنجاڭدا ئۇيغۇر ۋە باشقا ئېتنىك، دىنىي ئاز سانلىق گۇرۇپپىلارغا قارىتا سادىر قىلىنىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى جازالاشنى داۋاملاشتۇرىمىز. ئەلۋەتتە بىز بۇنى كۆرمەسكە سالالمايمىز، بىز بۇ خىل قىلمىشلارغا ئاقىۋىتى جىددىي ۋاسىتىلەر بىلەن تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك».
لىسا پېتېرسون بۇ سۆزلەرنى بىر مۇخبىرنىڭ «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› نىڭ ھازىرمۇ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئامېرىكانىڭ زۆرۈر بولغان بارلىق تەدبىرلەرنى ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ نىشانلىق جازا تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزۈشى بىرئاز ئاجىز كېلىپ قالمامدۇ؟» دېگەن سوئالىغا قارىتا ئېيتقان. بىراق لىسا پېتېرسون ھۆكۈمەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەدبىرلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ ئالغان تەدبىرلىرىنىڭ خىتايغا «كۈچلۈك سىگنال» بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
لىسا پېتېرسون مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئېمبارگو يۈرگۈزدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىز يەنە ئەنگلىيە، كانادالار بىلەن بىرلىشىپ ئېمبارگو تەدبىرلىرىنى ئالدۇق. بۇ تەدبىرلەر بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىدار دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ بۇنىڭغا پاراللېل ھالدا تېخىمۇ كەڭ كىشىلىك ھوقۇق تەدبىرلىرىنى ئالدى. بىرلىشىپ ئالغان بۇ تەدبىرلەر ئىنسان ھەقلىرىنى خورلىغان، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا بۇ خىل قىلمىشلارنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى توغرىسىدا كۈچلۈك سىگنال بەردى. ھەتتا بىز ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى قارار قىلىشتىن بۇرۇن خىتايدا تىجارەت قىلىۋاتقان ياكى تىجارەت قىلىشنى ئويلىشىۋاتقان شىركەتلەر بىلەن ئالاقىلەشتۇق».
لىسا پېتېرسون يەنە 2020-يىلى 7-ئايدا، شۇنىڭدەك 2020-يىلى 9-ئايلاردا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، سودا، مالىيە ۋە ئانا ۋەتەن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئامېرىكا سودا ساھەسىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش، نازارەت، مەجبۇرىي ئەمگەك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانلىقى، ئۇلارنى ئەمەلىي كىشىلىك ھوقۇق قوللانمىسى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
دۇنيادىكى 200 گە يېقىن دۆلەتنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئەتراپلىق ۋە چوڭقۇر يورۇتۇپ بېرىلگەن يۇقىرىقى دوكلاتتا يەنە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر «ھۆكۈمەت تەرىپىدىن خالىغانچە ياكى قانۇنسىز ئۆلتۈرۈش، مەجبۇرىي يوقىتىۋېتىش، قىيىن-قىستاق، تۈرمە ۋە تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ ئىنتايىن ناچار ۋە ئەجەللىك شارائىتى، كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىشى، بولۇپمۇ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق گۇرۇپپىلارنىڭ لاگېرلارغا قانۇنسىز قامىلىشى، بۇنىڭغا قوشۇمچە 2 مىليون ئادەمنىڭ كۈندۈزى ‹قايتا-تەربىيەلەش›كە قاتناشتۇرۇلۇشى، سىياسىي مەھبۇسلار مەسىلىسى، چەتئەلدىكىلەرگە پاراكەندىچىلىك سېلىش، مۇستەقىل سوتنىڭ بولماسلىقى، كومپارتىيەنىڭ سوت ۋە قانۇن سىستېمىسىنى كونترول قىلىۋېلىشى، پىكىر ئەركىنلىكى ئاخبارات، تورنى چەكلىشى «قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلەنمەكتىكەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئاخبارات يىغىنىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىنىڭ ئېنىق ۋە كەسكىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئەگەر بۇ مەسىلىدە ئامېرىكا بىلەن ئوخشاش پىكىردىكى دۆلەت بىلەن تەڭ ھەرىكەت قىلسا، بۇنىڭ تەسىرى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بلىنكېن: «ھەرقانداق بىر دۆلەت ھەرقانداق يول بىلەن كىشىلىك ھوقۇققا، تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولسا، بىز ھازىر قىلىۋاتقاندەك بۇنىڭغا قارشى قاتتىق سۆزلەيمىز ۋە قارشى تۇرىمىز. بىز شۇنى ئېنىق كۆرۈپ يەتتۇقكى، بىز بۇنى بىز بىلەن ئوخشاش پىكىردىكى دۆلەتلەر بىلەن تەڭ سۆزلىسەك ۋە ھەمكارلاشساق تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىمىز. مېنىڭچە بىز بۇنىڭغا بولۇپمۇ ئۆتكەن ھەپتە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى خورلاشقا، خوڭكوڭدا دېموكراتىيەنىڭ باستۇرۇلۇشىغا قارشى ئىپادىلىگەن خەلقئارا ئىنكاسلىرىمىزدا شاھىت بولدۇق» دېدى.
دوكلاتتا، لاگېردىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ غايىب بولغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەكبەر ئەسئەتتەك ژۇرنالىست ۋە كارخانىچىلارنىڭ بارلىقى، تۈرمىلەردە مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈشكە ئائىت ئېنىق دەلىللەر بارلىقى، بەزى پائالىيەتچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ، فالۇنگوڭچىلار ۋە ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش بىلەن ئەيىبلەپ كەلگەنلىكى تەكىتلەنگەن.
دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۈرمە ۋە لاگېرلارنىڭ شارائىتىنىڭ ئىنتايىن ناچارلىقى، بۇ ئورۇنلاردا ئاياللارغا مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش دورىسى ئىچۈرۈلىدىغانلىقى، نامەلۇم ئوكۇللارنىڭ مەجبۇرىي ئۇرۇلىدىغانلىقى، شاھىتلارنىڭ بۇ لاگېرلاردا ئاياللارغا باسقۇنچىلىق ۋە جىنسىي خورلاش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى پاش قىلغانلىقى، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى جىددىي ئازىيىپ كەتكەنلىكى، رايوندىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرنى قاتتىق نازارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ دىنىي-ئېتىقاد ئەركىنلىكى، ئىپادە ئەركىنلىكى، يۆتكىلىش ئەركىنلىكى قاتارلىق ھەر خىل ئەركىنلىكلىرىنىڭ بوغۇپ تاشلانغانلىقى شەرھلەنگەن.