ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يەنە بىر قانۇن تونۇشتۇردى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تونۇشتۇرغان يېڭى لايىھەسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن.

2021-يىلدىكى «ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت قانۇنى» دەپ ئاتالغان بۇ قانۇن لايىھەسىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىخەتەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلەش ۋە تەتۈر تەشۋىقاتقا قارشى كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ دۇنياۋى تەسىرنى كېڭەيتىش ئۇرۇنۇشىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ قانۇن لايىھەسى 280 بەتلىك بولۇپ، بۇنىڭدا «ئامېرىكىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى سىياسىي مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھەربىي مەبلەغ سېلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش»، خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي رىقابەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇملىرى سەۋەبلىك خىتاينى جازالاش ۋە خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيەنى قوللاش قاتارلىق مەزمۇنلار ئورۇن ئالغان.

قانۇن لايىھەسىنىڭ بىر نەچچە يېرىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىككىسىدە: «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك جازا يۈرگۈزۈش، سىستېمىلىق باسقۇنچىلىق، مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك بالا چۈشۈرۈش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، ياكى مەجبۇرىي ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئوپېراتسىيەسى قىلىشقا قارىتا جازا يۈرگۈزۈش،» قاتارلىقلار كۆرسىتىلگەن.

لايىھەدە يەنە، خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، خىتاي ۋە گۇاڭدۇڭ بۆلۈملىرىنىڭ مەبلىغىنى ئاشۇرۇش تەكلىپى بېرىلگەن.

قانۇن لايىھەسىنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى، كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بوب مېنېندېز، ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى جىم رىچ قاتارلىقلار بىرلىكتە تونۇشتۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، قانۇن لايىھەسى 21-ئاپرېل كېڭەش پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلىدىكەن.