«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» رەسمىي قانۇنغا ئايلانغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تۇشمۇتۇشتىن بۇنىڭغا ئۆزىنىڭ نارازىلىقىنى ئىپادىلىشى مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن قانچىلىك ئېغىر زەربە بولغانلىقىنى جانلىق نامايان قىلغان ئىدى. بۇ خىل ۋەزىيەتكە قارىتا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تارىخىي خاراكتېرلىك بۇ قەدەمنى ئالغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە تەشەككۈر بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن 21-ئىيۇن كۈنى بىر قېتىملىق يىغىلىش پائالىيىتى تەشكىللىدى.
ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە ئۆسمۈرلىرىنى ئاساس قىلغان بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئەھلى چۈش پەيتىدە ئاقساراينىڭ ئالدى تەرىپىدىكى چىملىققا توپلاندى. كىشىلەرنىڭ قوللىرىدىكى «ئۇيغۇرلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئۆز تەشەككۈرىنى بىلدۈرىدۇ!»، «رەھمەت پرېزىدېنت!»، «كونگرېسقا تەشەككۈر!» دېگەندەك پلاكاتلار ھەمدە ئامېرىكا بايرىقى ۋە ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ شوئارلىرى تېخىچە تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ۋەھىمىسى كەتمىگەن ۋە يېقىنقى مەزگىلدىكى «ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى» دىن كېيىنكى جىم-جىتلىققا چۆمگەن ئاقساراي ئەتراپىدىكى مەيداندا ئالاھىدە ئەكس سادا ياڭراتماقتا ئىدى.
ئۇيغۇر جامائىتى بۇ جايدىكى توپلىنىشتىن كېيىن شوئار توۋلىغاچ سەپ بولۇپ تىزىلىپ، ئاقسارايغا تېخىمۇ يېقىن بولغان مەيدانغا قاراپ يول ئالدى. ئۇلارنىڭ يول بويى توۋلىغان شوئارلىرىدىكى «لاگېرلار تاقالسۇن!»، «تۇغقانلىرىمىز ھۆرلۈككە چىقسۇن»، «ئەركىنلىك قاچان بولىدۇ» دېگەندەك چۇقانلار ئاق ساراينىڭ ئالدىدىكى پىژغىرىم ئىسسىققا يەم بولۇپ كەتكەندەك تۇيۇلىدىغان سۈكۈتنى بۇزۇپ، ئۆتكەن كەچكەنلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايتتى. پائالىيەتتىكى ئالاھىدە جانلىق شەخسلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ خىزمەتچىسى مەكس گىلبېر بولۇپ، ئۇنىڭ باشلامچىلىقىدىكى جامائەتنىڭ شوئارلىرىدىكى «يوقالسۇن شى جىنپىڭ»، «كومپارتىيەگە لەنەت» دېگەنلەر ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئىپادىلەپ بەرمەكتە ئىدى. بىز ئۇنىڭدىن بۇ قېتىمقى نامايىشقا نېمە ئۈچۈن بۇ قەدەر زور قىزغىنلىق بىلەن ئىشتىراك قىلىشى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا ئۇ بۇنىڭ بىر قېتىملىق ئىنسانىي بۇرچنىڭ تۈرتكىسى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
«مەن 2009-يىلىدىكى ‹5-ئىيۇل ۋەقەسى› دىن كېيىن شەرقىي تۈركىستانغا ساياھەتكە بارغان ئىدىم. مەن ئۇ جايدا ساقچى دۆلىتىنىڭ ھەممە ئالامەتلىرىنى كۆردۈم. ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە قالغانلىقىنىمۇ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. شۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنداق بىر خەلق ئۈچۈن سۆز قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدىم. بولۇپمۇ بىزگە ئوخشاش ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن بۇ بىر تۈرلۈك مەجبۇرىيەت. چۈنكى بىز بۇ يەردە ئاقساراي بىلەن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىلەن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن خالىغانچە كۆرۈشەلەيمىز. دەل مۇشۇ سەۋەبلەردىن مەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىگە قوشۇلۇپ پروگرامما خادىمى بولدۇم ھەمدە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ھىمايىچىلىق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن. مەن بۇ يەردە، ئاقساراينىڭ ئالدىدا ئاشۇ ئۇيغۇر بولمىغان كىشىلەرگە شۇنى دېمەكچىمەن: بىزنىڭ ئادالەتسىزلىككە قارشى ئورنىمىزدىن دەست تۇرىدىغان پەيتىمىز يېتىپ كەلدى. بولۇپمۇ ھازىر لاگېرلار مەسىلىسى ھەممىلا كىشىگە مەلۇم بولۇۋاتقاندا تېخىمۇ شۇنداق قىلىشىمىز لازىم. چۈنكى ھازىر لاگېر داۋام قىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ مەجبۇرىي ئەمگەك ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. شۇڭا ئاشۇ ھېچقانداق ھەقلىرى بولمىغان مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ قۇربانلىرى ئۈچۈن بولسىمۇ 21-ئەسىردە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بۇ زۇلۇمغا ئەمدى قاراپ تۇرساق بولمايدۇ.»
ئارىلىق قويۇپ سەپ ھاسىل قىلغان جامائەت شوئار سادالىرى ئىچىدە ئاقساراينىڭ ئالدىغا كەلگەندىن كېيىن توپلىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى شوئارلار، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بولغان مىنننەتدارلىق ۋە قانۇن لايىھەسىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى ھەمدە ئاخىرقى ھېسابتا قانۇنغا ئايلىنىشىغا كۈچ چىقارغان شەخسلەرگە نامىنى ئاتاپ تەشەككۈر ئېيتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ قەلب ئارزۇلىرىنى ئىپادىلىدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر كىملىكى چۈشەنچىسى توغرىسىدا ئەمەلىي پائالىيەتلەر ئارقىلىق ساۋاق بېرىشنى ئارزۇ قىلغان بىر تۈركۈم ئاتا-ئانىلار ئوخشىمىغان ياشتىكى بالىلارنىمۇ ئالغاچ كەلگەن ئىدى. سەبىيلەرنىڭ قوللىرىدىكى تاختىلارغا بالىلارچە ئۇسلۇبتا سىزىپ چىقىلغان «ئۇيغۇرلار ئامېرىكاغا رەھمەت ئېيتىدۇ!» دېگەن سۆزلەر، يانمۇ يان سىزىلغان ئامېرىكا ۋە «شەرقىي تۈركىستان بايرىقى» قاتارلىقلار ئالاھىدە كۆزگە چېلىقاتتى. شۇ ئۆسمۈرلەر قاتارىدا ھازىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان زىلالەمۇ ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتنىشىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە رەھمەت ئېيتىشنى قارار قىلغانلىقىنى، بۇنىڭدىن ئۈلگە ئېلىپ ياۋروپادىمۇ مۇشۇ خىلدىكى قانۇنلارنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاقساراي ئالدىدىكى مىننەتدارلىق پائالىيىتىنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىرى، ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئاكتىپ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئەلفىدار ئېلتەبىرمۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللاردىن مەلۇمات بېرىش بىلەن بىرگە بۇ يېڭى قانۇننىڭ تېزدىن ئىجرا قىلىنىشىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتتى.
«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» رەسمىي قانۇنغا ئايلانغاندىن كېيىن ھەرقايسى جايلاردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىمۇ بۇنىڭغا بولغان تەشەككۈرىنى تۈرلۈك شەكىللەردە ئىپادىلىدى. جۈملىدىن كانادادىكى ئۇيغۇر جامائىتىمۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تورۇنتودىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش تەشكىللەپ، ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بولغان رەھمىتىنى بىلدۈردى. كانادا شەرقىى تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى باشچىلىقىدىكى بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلارمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە رەھمەت ئېيتىش مەزمۇنىدىكى پىلاكاتلارنى ۋە تاختىلارنى كۆتۈرگىنىچە يىغىلىپ، بۇ سەپكە تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ قوشۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھىسى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، غەرب دۇنياسىدىكى ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە تېخىمۇ كەسكىنرەك مەۋقە ئېلىشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ، دەپ ئۈمىد قىلىنماقتا ئىكەن.
0:00 / 0:00