ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى زاۋۇتلاردا كەڭ-كۆلەمدە قۇل ئىشچى قىلىنغانلىقى ھەققىدە تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن بۇ مەسىلە خەلقئارادا لاگېرلار مەسىلىسىدىن كېيىن ھازىرغىچە دىققەت قوزغاپ كېلىۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدە خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن نەپ ئېلىۋاتقان شىركەتلەرگە چەكلىمە قويۇش، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە شېرىك بولماسلىق ۋەزىيىتى شەكىللەندى. بۇ ھەقتە يېڭى دوكلاتلار ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرى مەيدانغا كەلدى. ئامېرىكالىق مۇخبىر ئەمىليا پاڭ خانىمنىڭ «خىتايدا ئىشلەنگەن مال: مەھبۇس، جىددىي ياردەم تەلەپنامىسى، ئامېرىكىدىكى ئەرزان ماللارغا يوشۇرۇنغان تەننەرخ» ناملىق كىتابى ئەنە شۇ مەسىلىنى ئەتراپلىق يورۇتۇپ بەرگەن مۇھىم ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.
ئامېرىكا ئاخباراتچىلىق ساھەسىدە كۆپلىگەن مۇكاپاتلارنىڭ ساھىبى بولغان ئەمىليا پاڭ خانىم ئۇيغۇر بىلەن خىتاينىڭ ئارىلاش نەسىللىك ئەۋلادى بولۇپ، ئامېرىكادا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، ھازىر بىر ژۇرنالدا تەھرىر بولۇپ خىزمەت قىلماقتىكەن. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 15-ئاپرېل ئەمىليا پاڭ خانىمنىڭ مەزكۇر كىتابى توغرۇلۇق تور سۆھبىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى، ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خەلقئارا تەشۋىقات مۇدىرى لۇيىزا گرېۋ خانىم ئەمىليا پاڭ خانىم بىلەن ئۇنىڭ كىتابى توغرۇلۇق سۆھبەتلەشتى. ئەمىليا خانىم ئۆز كىتابى ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، ئۇنىڭدىكى مۇھىم مەزمۇنلارنى تونۇشتۇردى. ئالدى بىلەن ئۇ خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئورۇنلىرىنىڭ كۆپلۈكى ۋە ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتۇپ قۇل قىلىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى تىلغا ئالدى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى»، «زەھەر تاشلىتىش مەركىزى»، «تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزى»، «قانۇن تەربىيەسى مەركىزى» دېگەندەك ھەر خىل ناملار بىلەن يىغىۋېلىش مەركەزلىرى قۇرۇپ، ئىنسانلارنى ھەر خىل باھانىلەر بىلەن تۇتۇپ سولاپ، ئۇلارنى مال ئېكسپورت قىلىدىغان خىتاي خوجايىنلىرىغا قۇل ئورنىدا تۇتۇپ بەرگەنلىكىنى، خىتاينىڭ گەرچە لاگېرلارنى تاقىغان تەقدىردىمۇ، زاۋۇتلاردا قۇل قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ يەنىلا خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەمىلىيا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بۇ كىتابىنى يېزىشنىڭ ئالدىدا خىتايدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، خىتاي زاۋۇتلىرىدىن مال ئالىدىغان چەتئەل شىركىتىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە زاۋۇتنىڭ دىرېكتورلىرى ۋە ئىشىك باقارلىرى بىلەن پاراڭلاشقان. ئۇلار ئۇنىڭغا زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان بىر مۇنچە مەھبۇسلارنىڭ بارلىقىنى، خالىسا بۇلارنى سىرتقا ھۆددىگە بېرەلەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ دائىملىق ئەھۋال بولۇپ، يوشۇرىدىغان ھېچقانداق يېرى يوق ئىكەن. ئەمىليا خانىم بۇنىڭدىن ھەيران قالغان. ئۇ بۇنداق زاۋۇتلارنى قايتا-قايتا زىيارەت قىلىش ۋە مەھسۇلاتىنىڭ نەگە بارىدىغانلىقىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېكسپورت شىركەتلىرىنىڭ مال مەنبەسىنىڭ بۇ زاۋۇتلاردىن كېلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ قۇل ئەمگىكى بىلەن زىچ باغلىنىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان.
نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئەمىليا خانىمدىن بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكاغا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا ئېكسپورت قىلىنىدىغانلىقىنى قانداق بىلىۋالغانلىقىنى سورىغاندا ئەمىليا خانىم بۇنىڭ ناھايىتى ئاسانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «چۈنكى چەتئەل شىركەتلىرى خىتايدىكى مال تەمىنلىگۈچى شىركەتلەرگە ئىقتىسادىي تەپتىش يۈرگۈزىدۇ. بۇ تەپتىش تولىمۇ يۈزەكى بولۇپ، يوچۇقلىرى بەك تولا. بۇنداق ئەھۋالدا خىتايدىكى لاگېرلاردا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا ھۆددىگە بېرىشتەك ئەھۋالنى ئاساسەن بايقىيالمايدۇ. مەن بۇ ئىشقا مەسئۇل بىر نەچچە تەپتىش بىلەن پاراڭلاشقان، ئۇلار: ˃بىز بۇ ساھەدە نەچچە ئون يىل ئىشلەپ، بىرەر زاۋۇتنىڭ لاگېرلار بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنى ئىسپاتلىيالمىدۇق˂ دېيىشتى. ئەمما مەن بۇ ئىشنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن. بايا دېگىنىمدەك، بۇ مۇشۇ ساھەدىكى بىر ئاشكارا مەخپىيەتلىك».
نۇرى تۈركەل ئەپەندى يەنە بەزى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا خەلقنى ۋە دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنى خاتا ئۇچۇر بىلەن قايمۇقتۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇنداق شىركەتلەرنىڭ ياكى خەلقئارا داڭلىق ماركىلارنىڭ يالغان ئۇچۇر تارقىتىشقا ئۇرۇنۇشىنى قانداق توختىتىشقا بولىدىغانلىقىنى سورىغاندا ئەمىليا خانىم مۇنداق دېدى: «بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش قىيىن. خاتا ئۇچۇرلار دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنى قايمۇقتۇرۇۋاتقان بولۇشى ناتايىن. يېقىندىن بېرى داڭلىق شىركەتلەر ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنى› نى ئۆتكۈزمەسلىك ئۈچۈن نەچچە ئون مىڭ دوللار خەجلەپ لوبىچىلىق قىلىۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شۇ ئاتالمىش ئىقتىسادىي تەپتىشىنى ياخشى قىلالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىيالايدۇ. ھەممىمىز بىلىمىز، ھازىر بۇ ئەھۋالنى ئۇيغۇر رايونىدا، ھەتتا باشقا ئۆلكىلەردە مۇستەقىل تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ. خىتايدا نۇرغۇن ئەمگەك لاگېرلىرى بار، بەزى زاۋۇتلارنىڭ يېنىدا تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرى بار. داڭلىق شىركەتلەر بۇ زاۋۇتلارنىڭ يېنىدا تۈرمە ياكى لاگېرلارنىڭ بارلىقىغا دىققەت قىلمايدۇ، چۈنكى بۇ قۇرۇلۇشلار زاۋۇت ئەسلىھەلىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ ھەم خىتايلارمۇ بۇنى زاۋۇت دەپ چۈشەندۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇلار ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش پىلانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردۇر. ئەگەر ئۇلار (چەتئەل شىركەتلىرى) بۇنى تەكشۈرىدىغان بولسا ھەقىقىي ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن بولاتتى، ئەمما بۇنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرىدىغان تەپتىشلەر يوق».
ئەملىيا خانىم يەنە سۆزىدە خىتايدىكى زامانىۋى قۇللۇق مەسىلىسىنىڭ يالغۇز پاختا ۋە پەمىدۇر مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىلغان زاۋۇتلار بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقىنى، مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇ بىر نەچچە تۈرلۈك مەھسۇلاتنى چەكلەش بىلەن ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىش مەسىلىسىنىڭ ھەل بولمايدىغانلىقىنى، خەۋەرلەردە ئېيتىلغىنىدەك، كۈن نۇرى باتارېيەسى ياساش زاۋۇتىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلەۋاتقانلىقىنى، بىر زاۋۇتنىڭ مالى چەكلىنىپ زىيان تارتسا، ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنىڭ يەنە بىر زاۋۇتقا، يۆتكىلىش، يەنى «ھۆددىگە بېرىلىش» مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئەملىيا خانىمدىن يېقىندا خىتايدىكى چولپانلارنىڭ «بىز شىنجاڭ پاختىسىنى ياخشى كۆرىمىز» دېگەندەك بىمەنە تەشۋىقاتلىرى، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ داڭلىق ماركىلارنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتىگە قانداق قارايدىغانلىقى ۋە غەرب شىركەتلىرىنىڭ بۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرۇشى كېرەكلىكىنى سورىغاندا ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنچە ئۇلار خىتايغا يالغۇز تاقابىل تۇرماسلىقى كېرەك. خىتايدا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكىتى كىشىنى قاتتىق مەيۈسلەندۈرىدۇ. خىتاي ئىستېمالچىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك قارشىلىق سادالىرى مەلۇم جەھەتتىن غەرب ئىستېمالچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا قارشى تۇرۇش سادالىرىدىن يۇقىرىراق بولدى. غەرب ئىستېمالچىلىرى ئەمەلىيەتتە بۇ مەسىلىنى بىلمەيدۇ ھەم ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. ئۇلار (غەرب شىركەتلىرى) ئەمەلىيەتتە خىتايدىن مال ئېلىش ئادىتىنى ئۆزگەرتمىدى، مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق زاۋۇتلىرىنىمۇ خىتايدىن يۆتكەپ چىقمىدى. بۇنىڭدىن تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندىم. خىتاينىڭ ئىنكاسىغا قاراپ، بۇ مەسىلىگە قارىتا يەر شارى خاراكتېرلىك سىياسەت تۈزۈلۈشى كېرەك ئىكەن دەپ ئويلىدىم. كارخانىلارنىڭ ئۆزىگە قويۇپ بەرسە بۇنى قىلمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۈچۈن پۇل بىرىنچى».
ئەمىليا خانىم بۇ كىتابىدا جۇليا كېيس ئىسىملىك بىر ئامېرىكالىق ئايالنى تىلغا ئالغان بولۇپ، بۇ ئايال بايراملىق زىننەت بۇيۇملىرى سېتىۋالغاندا ئۇنىڭ ئىچىدىن زاۋۇتتا قۇل ئورنىدا ئىشلەۋاتقان بىر مەھبۇسنىڭ خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان ۋە شۇ ئارقىلىق خىتايدىكى قورقۇنچلۇق ئەھۋالنى بىلگەن. ئەمىليا خانىم بۇ ھېكايىنى مۇھىم تېما قىلىش ئارقىلىقمۇ ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن زامانىۋى قۇللۇق مەسىلىسىنى يورۇتۇپ بەرگەن.
نۇرى تۈركەل ئەپەندى يەنە «سىزنىڭچە، ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان غەرب شىركەتلىرى خىتايدىن تامامەن ئايرىلىشى كېرەكمۇ؟» دەپ سورىغاندا ئەمىليا خانىم مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، ئۇلار شۇنداق قىلىشى كېرەك، ئەمما بۇ مەسىلىنى مەلۇم سىياسەت ۋە قانۇن بىلەن ھەل قىلمىغۇچە ئۇلار ئۇنداق قىلمايدۇ. ئۇلار ئامالىنىڭ بارىچە خىتاي ئىستېمالچىلىرىنى رازى قىلىدۇ، چۈنكى خىتاي ئۇلار ئۈچۈن غايەت چوڭ بازار. يەنە بىر جەھەتتىن غەرب ئىستېمالچىلىرى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى سادالىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، شىركەتلىرىمىزنى بۇنىڭدىن ھېساب بېرىشكە قىستىشى كېرەك».
ئەمىليا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ مومىسى ئۇيغۇر بولۇپ، بىر يىلتىزى ئۇيغۇرلارغا تۇتاشقانىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ كىملىكىدىكى بۇ ئالاھىدىلىكنى كېيىن بايقىغان ۋە ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغان، «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» دە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قەبىھ زىيانكەشلىكلەر ھەققىدىكى خەۋەر ۋە ماقالىلەرنى كۆرگەندىن كېيىن مەزكۇر كىتابىنى يېزىش ئىرادىسى كۈچەيگەن. نۇرى تۈركەل ئۇنىڭ كىتابىدىن ئۇيغۇرلۇق كىملىكى ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ئىش قىلىش ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: «كەچۈر ئۇيغۇرۇم، سېنى تونۇماي كەپتىمەن؛ كەچۈر ئۇيغۇرۇم، پۇرسەت تاپقاندا سېنى ئىزدىمەپتىمەن؛ كەچۈر ئۇيغۇرۇم، مەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى مەڭگۈ ئەستە تۇتىمەن، چۈنكى مەن ئۇيغۇر». نۇرى تۈركەل ئەپەندى: «بۇ ئۈچ جۈملە سۆز مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە توغرۇلۇق بىر ھېكايىنى بايان قىلىپ بېرەمدۇ قانداق؟» دەپ سورىغاندا ئەمىلىيا خانىم مۇنداق دېدى: «ئۇ سۆزلەر مېنىڭ تۇيغۇمنى ئىپادىلەيدۇ، مەن تۇنجى قېتىم لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ (ئۇيغۇرلارنىڭ) رەسىمىنى كۆرگىنىمدە ئامېرىكادا بىللە ئويناپ چوڭ بولغان خىتاي تەڭتۇشلىرىمغا باققاندا ئۆزۈمنىڭ ئۇلارغا بەكرەك ئوخشايدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم ۋە ئۆزۈمنى ئۇلارنىڭ بىر ئەزاسى دەپ ئويلىدىم».