ئامېرىكالىق تەتقىقاتچى ساراھ تاينىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بېسىم ۋە نازارەت سىياسەتلىرىنى پەيدىن-پەي كۈچەيتىپ، ئاقىۋەتتە مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا تۇتقۇن قىلىشنى باشلىغان مەزگىلدە تەتقىقات خىزمىتى بىلەن ئۈرۈمچىگە بارغان.
ئۇ 2014-2017-يىللىرى ئارىسىدا ئۈرۈمچىدە تۇرۇش جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلگەن يۇقىرى تېخنىكالىق نازارەت تۈزۈمى ۋە باشقا كەمسىتىش سىياسەتلىرىگە شاھىت بولغان. ئۇ ئۆزىنىڭ كۆرگەنلىرىنى يېقىندا «مەن خىتايدا تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىۋاتقاندا ئۇيغۇر دوستلىرىم يوقاپ كېتىشكە باشلىدى» ماۋزۇلۇق ماقالە ئارقىلىق ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ ماقالىسى «ۋاشىنگتون پوچتىسى»، «دىپلومات» قاتارلىق ئاخباراتلاردا ئېلان قىلىندى.
ساراھ تاينىن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ رايوندىكى سىياسەتلەر ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى بىز ئورتاقلاشتى. ئۇ بىزگە قىلغان سۆزىدە «2017-يىلى لاگېرلار كەڭ دائىرىدە ئومۇملاشتى. ئەمما بۇنداق ‹قايتا تەربىيە›، ‹كەسپىي تەربىيە› دەپ ئاتىلىۋاتقان ھەرىكەتلەر رايوندا ئۇزۇندىن بۇيان يۈز بېرىپ كەلگەن،» دېدى.
ساراھنىڭ ماقالىسىدە بايان قىلىشىچە، ئۇ ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن شۇ جايدىكى ئاھالىلەر كومىتېتىدا تىزىمغا ئالدۇرۇش ئۈچۈن بارغاندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىدىن كېلىپ تىزىمغا ئالدۇرماقچى بولغان بىر ئۇيغۇرغا قويۇلىدىغان تەلەپلەر بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىپ تىزىملاتقان خىتايلارغا قويۇلىدىغان تەلەپلەر ئارىسىدا ئاسمان-زېمىن پەرق بارلىقىنى بايان قىلغان. مەسىلەن، بىر ئۇيغۇر تىزىمغا ئالدۇرماقچى بولغاندا كىملىك، نوپۇس دەپتىرىنىڭ بىرىنچى ۋارىقى، خىزمەت ئورنىنىڭ ئىسپاتى، كېپىل بولغۇچى ۋە ئۇنىڭ ئۆزى بىۋاسىتە كېلىشى، بالىسى بارلارنىڭ ۋاكسىنا دەپتىرى، نوپۇس قەغىزى، توي خېتى دېگەندەك بىر قاتار ئىسپاتلار تەلەپ قىلىنىدىكەن. بىراق خىتايلار بولسا بۇنىڭ ئەكسىچە پەقەتلا ئۆزىنىڭ كىملىك قەغىزى بىلەن تىزىملىتالايدىكەن.
ئۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بۇ مۇئامىلىنىڭ ئاددىيلا كۈندىلىك كەمسىتىش ئەمەس، بەلكى بىر دۆلەت سىياسىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭ دۆلەت سىياسىتى ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدۇ. مەسىلەن، ئاشۇنداق ئاھالىلەر كومىتېتىدا ئىشلەيدىغانلار ئاساسەن ئۇيغۇرلار ئۆزى. ئۇلارمۇ ئۆزىنىڭ مىللىتىگە قىلىۋاتقان مۇئامىلىسىدىن خوش بولمايدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ چارىسى يوق، چۈنكى بۇ دېگەن رەسمىي سىياسەت. شۇڭا ئۇلارنىڭ بۇنى ئىجرا قىلماي ئامالى يوق. بۇنداق تەلەپلەر پەقەتلا ئۇيغۇرلارغا قويۇلغىنى ئۈچۈن ئاھالىلەر كومىتېتىدىن تارقىتىلغان تەلەپلەر تىزىملىكىنىڭ خىتايچىسى يوق. ئەگەر ئوخشاش تەلەپ خىتايغىمۇ قويۇلغان بولسا، ئۇ ھالدا ئۇ خىتايچىغىمۇ تەرجىمە قىلىنغان بولاتتى»
ساراھنىڭ ئېيتىشىچە، ئاھالىلەر كومىتېتىدىن تەلەپ قىلىنىدىغان ماتېرىياللار داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇرىدىكەن. شۇڭا باشقا جايلاردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ھەر قېتىم تىزىملاتقىلى كەلگەندە ئوخشىمىغان تەلەپلەر بىلەن قارشىلىشىپ، ئۇلارنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇشىنى يەنىمۇ قېيىنلاشتۇرىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇيغۇرلار ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق كىنىشكىسىنى ھەر ئالتە ئايدا بىر قېتىم يېڭىلىشى كېرەككەن.
ساراھ تاينىن ماقالىسىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ داۋاملىق ھالدا مەھەللە كومىتېت خادىملىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ تۇرۇلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ خالىغان ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ ئۇلارنى نازارەت قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇ بىزگە قىلغان سۆزىدە «رايوندا ھازىر ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ سىياسەتلەر پەقەتلا كەمسىتىشنى ھېس قىلىشتىن ئىبارەت ئاددىيلا مەسىلە ئەمەس، ھالبۇكى مەن رايوندا دۆلەتنىڭ قولى ئارقىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سانائەتلەشكەن، كەسىپلەشكەن كەمسىتىش، بيۇكراتىك كەمسىتىش مەۋجۇت، دەپ قارايمەن» دېدى.
ساراھ خانىم ماقالىسىدە «مەن ئۈرۈمچىدە نازارەتنىڭ دەسلەپكى يىللىرىغا شاھىت بولدۇم، 2017-يىلى فېۋرالغا كەلگەندە مېنىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇر دوستلۇرۇم يوقاپ كېتىشكە باشلىدى. باشقا جايلاردىن كەلگەن ئۇيغۇر دوستلىرىم ئۆزلىرىنىڭ يۇرتلىرىغا قايتىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمدى مەن بىلەن ئالاقە قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتىشتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدىن شۇ پېتى خەۋەر ئالالمىدىم، ئەمما ئۈرۈمچىدە قالغانلارنىڭ ئاغزىدىن ئۇلارنىڭ دوستلىرىنىڭ، تۇغقانلىرىنىڭ يوقاپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇردۇم،» دەپ يازغان.
بىز ساراھ خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلاردا ئاتالمىش «قايتا تەربىيە» گە تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ كاللىسى زەھەرلىك ئىدىيەلەر بىلەن زەھەرلەنگەنلەر، تېررورلۇق ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان ۋە ياكى كىچىك جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ، «سىزنىڭ شۇ يوقاپ كەتكەن دوستلىرىڭىز قانداق كىشىلەر ئىدى؟» دەپ سورىدۇق. ئۇ بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ «بۇ سوئال بەك ياخشى سوئال بولدى. مېنىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئوخشىمىغان قاتلاملاردىن ھەر خىل دوستلىرىم بولدى. ئۇيغۇرلار ئىچىدە كۆپ خىللىق مەۋجۇت. مەسىلەن، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مىللىيلەشتۈرۈلگەن دىنغا ئىشەنگۈچىلەر بار، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بولسا ھەقىقەتەنمۇ قويۇق دىنىي ئەقىدىگە كىشىلەردۇر. ئەلۋەتتە، دىنغا ئىشەنگەنلىك ھەرگىز سىزنىڭ رادىكال ئىكەنلىكىڭىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ. مەن شۇنى كېسىپ ئېيتالايمەنكى، مەن ئارىلاشقانلارنىڭ ھېچقايسىسى رادىكال ئەمەس، مەن تونۇشقانلار ئىچىدە زوراۋانلىق بىلەن شوغۇلللانغانلار ياكى زوراۋانلىق ئىدىيەگە ئىگە كىشىلەر يوق ئىدى. بۇ ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ بىر پارچىسى ئەمەس ئىدى. ئۇيغۇرلار خۇداغا ئىشىنىدۇ، بىراق ئۇلار رادىكال ئەمەس. خۇددى ئامېرىكادىكىگە ئوخشاش ئۇيغۇرلار ئوخشىمىغان قاتلاملاردىن، ئارقا كۆرۈنۈشلەردىن كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەركىن-ئازادىلىرىمۇ بار، بەكرەك كونسېرۋاتىپلىرىمۇ بار. شۇڭا مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «رادىكال ئىدىيە بىلەن يۇقۇملانغان» دېگەن سۆزىنى پەقەتلا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئۆچۈرۈش» ھەرىكىتىنى ئاقلاش ئۈچۈن دېيىلگەن شىفىرلىك سۆز دەپ قارايمەن. ئۇ سىزگە تېرورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەمەس، بەلكى بىر مەدەنىيەتنى ئۆچۈرۈش ھەرىكىتىدەك بىلىنىدۇ،» دەپ ئەسكەرتتى.
ساراھ تاينىن ماقالىسىدە رايوندىكى تۇتقۇن ھەرىكىتىنىڭ ئىنتايىن كەڭ كۆلەمدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ماقالىسىنى تۆۋەندىكى جۈملىلەر بىلەن ئاياغلاشتۇرغان: «مەن ھازىر ئۇيغۇر دوستلىرىم بىلەن ئالاقە قىلالمايمەن، چۈنكى چەتئەللىك بىلەن ئالاقە قىلىش ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا سەۋەب بولۇپ قالاتتى. مەن ئۇلارنىڭ قانچىسىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن. بىراق 2017-يىلى مېنىڭ بىر ئۇيغۇر دوستۇم ماڭا بىز ھەممىمىز ئىشىكىمىزنىڭ چېكىلىشىنى ساقلاۋاتىمىز، دېگەن ئىدى.»
0:00 / 0:00