شائىر ئابدۇرېھىم پاراچ: پەيزىۋاتتىكى «ئالمىلىق باغ» جازا لاگېرىدا مەنمۇ 20 كۈن ياتقانىدىم

0:00 / 0:00

پەيزىۋاتنىڭ ئالمىلىقباغ دەپ ئاتىلىدىغان جايىدا بىر لاگېرنىڭ ھېلىھەم بارلىقى ھەققىدە خەۋىرىمىز بېرىلگەندىن كېيىن، پەيزىۋاتلىق مۇھاجىرلاردىن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شائىر ئابدۇرېھىم پاراچ رادىيومىزغا ئىنكاس يوللاپ، ئۆزىنىڭ 2009-يىلى مەزكۇر لاگېردا 20 كۈن جازا مۇددىتى ئۆتىگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى ۋە بۈگۈن، 14-ئاۋغۇست مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر لاگېرنىڭ ئورنى، ئەينى چاغدىكى كۆلىمى، ئىشلىتىشى ۋە ئۇ لاگېردا كۆرگەن-بىلگەنلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

سوئال: سىز بىلىدىغان «ئالمىلىق باغ» قانداق بىر جاي ئىدى؟ نېمە ئىش قىلىنىدىغان ئورۇن ئىدى؟

جاۋاب: قىلمىشى جىنايەتكە توشمىغان ۋە مەمۇرى جازا بېرىلگەن كىشىلەر بىر ھەپتىدىن ئالتە ئايغا قەدەر جازا ئۆتەيدىغان يەر ئىدى. 1990-يىللاردىن باشلاپ مەۋجۇت ئىدى. مەن 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، مۇشۇ جايغا 20 كۈن قامالغانىدىم.

سوئال: كۆلىمى قانچىلىك ئىدى؟

جاۋاب: «ئالمىلىق باغ» نىڭ ئۆزى 2-3 مودىن ئاشمايتتى، ئۇ سېپىلغا ئوخشاش چوڭ تاملار بىلەن قورشالغانىدى. قورۇنىڭ ئىچىدە بىر تەرەپتە مەمۇرى جازا ئۆتەۋاتقانلار تۇرىدىغان-34 چوڭ ئۆي بار ئىدى؛ يەنە بىر تەرىپىدە پەيزىۋات تۈرمىسىگە پاتماستىن يۆتكەپ كېلىنگەن «جىنايەتچىلەر» قامالغان 30 كامېر بار ئىدى. جەمئىي 1000 ئەتراپىدا كىشى بار ئىدى. ئالمىلىق باغنىڭ سىرتىدا شۇ قامالغانلار مەجبۇرىي ئىشقا سېلىنىدىغان 2000مودىن ئارتۇق تېرىقچىلىق يېرى بار ئىدى، كۆپىنچە يەرلەرگە كېۋەز تېرىلاتتى. يېقىندىن بېرى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىن قارىسام، بۇرۇنقىدىن نەچچە 10 ھەسسە چوڭىيىپ كېتىپتۇ. مەن بار چاغدا بىر قەۋەتلىك ئىككى قۇر بىنا ئىدى. ھازىرقى 5-6 قەۋەتلىك بىنالار 2013- ۋە 2014-يىللاردا سېلىنغاندەك قىلىدۇ.

سوئال: ئالمىلىق باغنىڭ ئورنى قەيەر ئىدى؟

جاۋاب: پەيزىۋات ناھىيەسىدىن 8-يېزىغا قاراپ يولغا چىققاندا يولنىڭ سول تەرىپىدىكى چۆللۈكتە ئىدى. بۇ چۆللۈكتە ئىلگىرى ئۆلۈم جازا ئىجرا قىلىنىدىغان چوڭ بىر مەيدان بار ئىدى. ئالمىلىق باغ دەل شۇ مەيداننىڭ يېنىدا بەرپا قىلىنغان.

سوئال: ئالمىلىق باغنىڭ ئىچىدىكى ھاياتىڭىز قانداق ئۆتكەن؟

جاۋاب: مەن ياتقان ئۆي 70 كىشى سولانغان چوڭ بىر زال ئىدى، ئىككى قەۋەتتىن 4 قۇر كارىۋات قويۇلغانىدى. ئەتىگەندىن كۈن چىقىش بىلەن ئەمگەك مەيدانىغا ئېلىپ كېتىلەتتۇق، قاراڭغۇ چۈشكەندە، قايتۇرۇلۇپ كېلەتتۇق، ئېغىر ئەمگەكتىن چارچىغىنىمىز ئۈچۈن، ياتاققا كېلىپلا ئۇيقۇغا كېتەتتۇق. ياتاقنىڭ ئىچى بەكلا تىنچىق، يوتقان-كۆرپىلىرىمىز ھەر ۋاقىت چىلىق-چىلىق تەر ياكى مىچ-مىچ نەم تۇراتتى. بۇ تىنچىق ھاۋادا ئۆينىڭ ئىچىنى پۈتۈنلەي چىۋىن قاپلىغانىدى. چىۋىنلارنىڭ كۆپلۈكىدىن غىڭشىغان ئاۋازى ئايروپىلاننىڭ ئاۋازىدەك قاتتىق چىقاتتى، ئەتىگىنى كۆزىمىزنى ئاچساق ئۆينىڭ تورۇسى ۋە تاملار قاپ-قارا بىر يېپىنچا يېپىلغاندەك چىۋىنلار بىلەن لىق تولاتتى. . . .

سوئال: سىز نېمە سەۋەب بىلەن كىرگەن؟

جاۋاب: «5-ئىيۇل ۋەقەسى ھەققىدە ئۆسەك سۆز تارقاتقان» دەپ سولانغانىدىم.

سوئال: ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرمۇ «5-ئىيۇل» غا چېتىلغانمۇ؟

جاۋاب: ياق، ئۇنىڭغا چېتىلغانلار تۈرمىدە. بۇ يەردىكى مەمۇرى جازا ئۆتەۋاتقانلار، قىلمىشى جىنايەت ئەمەس، ئەمەلىيەتتە خاتالىققىمۇ توشمايدىغان كىشىلەر كىرگەن. مەسىلەن كەنت كادىرلىرىنىڭ بىرەر ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىجرا قىلمىغان ياكى ئۇلار بىلەن گەپ تالىشىپ قالغان دېگەندەك. شاپتۇل يېزىسىدىن بىر بالا بار ئىدى، شۇمۇ، ئۆزىگە سۇ نۆۋىتى بېرىلمىگەچكە، سۇ كادىرى بىلەن گەپ تاكاللىشىپ قالغانىكەن، شۇ سەۋەبلىك قامىلىپتۇ. ئۇ بالا جازا ئۆتەۋاتقان ئەمگەك مەيدانىدا ساقچىدىن ئېغىر تاياق يەپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىلگەن. .

سوئال: يەنە قانداق ئىشلارغا شاھىت بولدىڭىز ئۇ يەردە؟

جاۋاب: مەن 20 كۈن تۇرۇپ قالغان مۇددەتكە پۇل تۆلەپ يېنىپ چىقتىم. ئۇ يەردە ئەتىگەندىن كەچكىچە قاتتىق ئىشلىگەچكە ياتاققا كەلگەندە ھەممىمىز ھالىمىزدىن كېتىمىز، سەن كىم، نەدىن كەلدىڭ دېگۈدەك ماغدۇرىمىز يوق. شۇڭا ئەتراپىمىزدا نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنىمۇ بىلمەيمىز، بىلگۈدەك ماغدۇرىمىز يوق. . . . . .