ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرى سىستېمىلىق ئۇيغۇر ئانا تىلى دەرسلىكى توزۈپ چىقىشنى قارار قىلدى

0:00 / 0:00

8-9-يانۋار كۈنلىرى مەركىزى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ يىغىن زالىدا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپى توغرىسىدا مۇزاكىرە يىغىنى ئېچىلدى. بۇ يىغىننى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مائارىپ كومىتېتى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئانا تىل كومىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىن ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىلىرى، مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرى بولۇپ 20 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

ئىككى كۈن داۋام قىلغان بۇ يىغىندا ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ئۆلچەملىك ئانا تىل دەرسلىكى تۈزۈپ چىقىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. يىغىندا يەنە ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر مائارىپچى ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ تۈزگەن دەرس كىتابلىرىنى چەتئەل مائارىپىغا ماسلاشتۇرۇش، خىتاينىڭ كوممۇنىست ئىدىيەلىرىنى كىتابلاردىن چىقىرىپ تاشلاش، ئۇيغۇر مىللىي روھى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى دەرسلىك كىتابلىرىغا كىرگۈزۈش ھەققىدە تەكلىپ-پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەركىزى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ يىغىن زالىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپى توغرىسىدا ئېچىلغان مۇزاكىرە يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى يانۋار، تۈركىيە.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باش كاتىپى ئابدۇلھەمىد قاراخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى كۈنلۈك داۋاملاشقان بۇ يىغىنىنىڭ 1-كۈنىدە ئاساسلىقى مۇھاجىرەتتە ئانا تىل ئوقۇتۇشى ۋە دەرسلىك كىتابلارنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىش ۋە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى كەسپىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن بىلىم ئاشۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى، يۈزتۇرانە مائارىپ ۋە تور ئوقۇتۇشىنى قانات يايدۇرۇش، ۋە مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ئۆلچەملىك دەرسلىك كىتابى تۈزۈش ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان.

يىغىندا، مۇھاجىرەتتە ئانا تىل مائارىپىنى كۈچلەندۈرۈش ھەققىدە خىزمەت پىلانى تۈزۈلدى ۋە مۇتەخەسسىسلەر ھەم ياش زىيالىيلار ئارىسىدا خىزمەت تەقسىماتى بېكىتىلگەن.

يىغىندا يەنە «دەرسلىك كىتاب تۈزۈش لايىھەسى گۇرۇپپىسى» قۇرۇلدى. بۇ گۇرۇپپىنىڭ خىزمەتلىرى ئۈچۈن بەلگىلىك مالىيە ئاجرىتىلىشى كېرەكلىكى، بۇنى ئۇيغۇر ۋە چەتئەل تەشكىلاتلىرىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىملىقى قارارى ئېلىندى. ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر، ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ياش زىيالىيلار ئارىسىدا «دەرسلىك كىتاب تۈزۈش لايىھەسى گۇرۇپپىسى» ئۈچۈن خىزمەت تەقسىماتى بەلگىلەندى.

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ زامانىۋى تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتۇر راھىلە قەشقەرلى خانىم ئۆزىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن دەرسلىك ماتېرىيالى تەييارلاش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

راھىلە خانىم چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش نىسبىتى توغرىسىدا ئانالىزى يۈرگۈزۇپ، چەتئەللەردە ئۇيغۇر بالىلارغا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىلىۋاتقانلىقىنى، بىراق بۇنى ئۆنۈملۈك بولدى دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر تىلىدىن ساۋاتى چىققان بولسىمۇ ۋەتەندىكىدەك ئەدەبىي تىلىنى ئىشلىتەلەيدىغان سەۋىيەدە ئۆگەندى دېيىشكە بولمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇغان دەرسلىرى ۋە ئىشلەتكەن چەتئەل تىللىرى ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتۈپ كېتىپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاسسىپ ئەھۋالدا قېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

دوكتۇر راھىلە خانىم يەنە ئۇيغۇر تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى، تۆۋەن سەۋىيەدىن يۇقىرى سەۋىيەگىچە ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكى تۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن ئۇيغۇر تىل تەتقىقاتچىلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەردىن تەركىب تاپقان بىر گۇرۇپپا تەشكىللەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

يىغىنغا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى مەسئۇللىرىدىن دوتسېنت دوكتۇر دىلشات بارىشچى ئەپەندى، بۇ يىغىندا ئۇيغۇر تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە دەرسلىك تۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن پىلان-لايىھە گۇرۇپپىسى، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى، ئانا تىلى ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى قاتارلىق ئۈچ گۇرۇپپا قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتۇر دىلشات بارىشچى ئەپەندى بۇ يىغىندا ئۇيغۇر تىلىنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر بالىلارغا ئۆگىتىش ئۈچۈن 1-سىنىپتىن 12-سىنىپقا بولغان 12 سىنىپلىق ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكى تۈزۈپ چىقىشنى پىلانلىغانلىقىنى تەكىتلىدى.