قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىنىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە

0:00 / 0:00

18-فېۋرال كۈنى بىشكەكتە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئىدارىسىدە ئانا تىل پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەت «بوۋا-مومايلار ۋە نەۋرىلىرى» نامىدا ياش-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا ئۇيغۇر تىلىنى سۆيۈش دولقۇنلىرىنى كۈچەيتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلدى.

ئىگىلىنىشىچە يانۋار ئېيىدا «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىدە ئۆزگىرىشلەر بولۇپ ئۆتتى. جەمئىيەت تەركىبىدىكى بىر قانچە كومىتېتلارنىڭ رەئىسلىرى ئۆزگەرتىلدى. شۇنداق قىلىپ ياشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە ئىلزات كەرىموف، مائارىپ كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە زارىنا ئىبدىمىنوۋا-كەرىموۋا، مەدەنىيەت كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە گۈلناز مەخسۇتوۋالار تەيىنلەندى.

ھەر ئۈچ رەئىس بىلىملىك ۋە يېڭى كۆز قاراشلارغا ئىگە ئۇيغۇر ياشلىرىدۇر. مەزكۇر كومىتېتلارنىڭ تەشەببۇسكارلىقىدا خەلقئارا ئانا تىل كۈنىگە بېغىشلاپ ياش-گۆدەكلەر ئۈچۈن ئانا-تىل مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇلدى. مۇسابىقىنىڭ داۋامىدا بالىلارغا بىر چۆچەك ئوقۇلۇپ ئۈستىدىن سوئاللار ۋە تۈرلۈك تاپشۇرۇقلار بېرىلدى. بوۋا-مومايلار پەرزەنتلىرىنىڭ سوئاللارغا جاۋاب بېرىشىگە ياردەم قىلىشتى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئىدارىسىدە ئۆتكۈزگەن ئانا تىل پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 18-فېۋرال، بىشكەك.

مەزكۇر پائالىيەتكە نەۋرىسى ئەزىزە بىلەن قاتناشقان نوۋوپوكروۋكا مەھەللىسىنىڭ يىگىت بېشى غەيرەت جاھانوف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز پىكىرلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇنىڭ كۆز قارىشىچە بۇ پائالىيەتنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ياش ئەۋلادلارغا «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئانا تىلدا سۆزلەشنى ئۆگىتىشتىن ئىبارەتتۇر.

مەزكۇر پائالىيەتنى ھەم بوۋايلار، ھەم نەۋرىلەر بەك ياقتۇرۇشتى. ئۇلار قىزىقىپ تاپشۇرۇقلارنى ئاتقۇرۇپ، يېڭى سۆزلەرنى يادلاپ بىر-بىرى بىلەن ئانا تىلدا سۆزلەپ ئۆزلىرى خۇشال بولۇشتى. پائالىيەتكە 7 ياشتىن 14 ياشقىچە ئۆسمۈر قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بىشكەك شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردىن كەلگەن. پائالىيەتكە قاتناشقان ھەدىيە بىلەن يۇسۈپبەك زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇراسىم داۋامىدا جىق سۆزلەرنى ئۆگەنگەنلىكىنى ۋە كېلەركى مۇسابىقىلەرنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتىشتى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر تىلى مەسىلىسى ئەڭ چوڭ ۋە مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرىدۇر. «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بەزى تەدبىرلەرنى ئالماقتا، جەمئىيەتنىڭ ئىدارىسىدە ئۇيغۇر تىل كۇرسلىرى ئېچىلغان، گېزىت سەھىپىلىرىدە ئۇيغۇر تىلىدا تۈرلۈك شېئىر-ھېكايىلەر بېسىلماقتا، ھەم ئانا تىل بايراملىرىنى ئوخشىمىغان ھالدا ئۇيۇشتۇرۇشقا تىرىشماقتا. مەزكۇر پائالىيەتكە تاماشىبىن سۈپىتىدە قاتناشقان جامائەت ئەربابلىرىدىن ئابدۇمېجىت ھاجىم مەزكۇر ئانا تىل پائالىيىتىنىڭ بالىلارنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئىدارىسىدە ئۆتكۈزگەن ئانا تىل پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 18-فېۋرال، بىشكەك.

ئۇيغۇر ئانا تىلى مۇسابىقىسى قىرغىزىستاندا بىرىنچى قېتىم ئۇيۇشتۇرۇلغان. كېيىنكى يىللاردا «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرغانىدى. بۇ قېتىم مائارىپ ۋە مەدەنىيەت كومىتېتلىرىنىڭ تەشەببۇسكارلىقىدا تىل ئۆگىنىش نىشان قىلىنغانىدى. مۇسابىقە ئۈچۈن «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ مۇھەررىرلىرى تەرىپىدىن چۆچەكلەر ۋە تاپشۇرۇقلار تەييارلاندى، مۇسابىقە ئويۇن شەكىلدە ئۆتكۈزۈلۈپ بالىلار ئۇيغۇر تىلىدا تارتىنماي سۆزلەشكە شارائىتلار تۈزۈلدى. رادىئو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى زۇلپىيە غىلاجىدىن پائالىيەتنىڭ بەك قىزىقارلىق ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلەپ، شۇ خىل پائالىيەتلەرنى ئىمكان قەدەر كۆپرەك ئۇيۇشتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلدى.

«ئىتتىپاق» جەمئىيىتى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان ھەر خىل مەدەنىيەت ۋە باشقا خىل نۇقتىلاردىكى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلاتى بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىنى تەرغىب قىلىش ئۇلارنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ.