مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئانا تىلنى قوغداشتا تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2023.02.22
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئانا تىلنى قوغداشتا تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە شتاتىدىكى «ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى» نىڭ مەكتەپ مۇدىرى سۈرەييە ئابلىمىت خانىم «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە سۆزلىمەكتە. 2023-يىلى 19-فېۋرال.
Photo: RFA

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى «ئۇيغۇر ئانا تىل» مەكتەپلىرى مەخسۇس پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇپ، «21-فېۋرال دۇنيا ئانا تىل كۈنى» نى خاتىرىلىگەن.

ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە شتاتىدىكى «ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى» نىڭ مەكتەپ مۇدىرى سۈرەييە ئابلىمىت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەكتەپتە نۆۋەتتە 100 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، ئۇلار بۇ يىللىق پائالىيەتنى يىللاردىن پەرقلىق ھالدا، ئەسلىدىكى پۈتۈن ئۇيغۇر جامائىتى بىرلىكتە خاتىرىلەش شەكلىدىن، مەكتەپ دائىرىسىدە، ھەرخىل ياشتىكى ۋە ھەر خىل سەۋىيەدىكى بالىلارنىڭ ئوخشىمىغان پروگراممىلار ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلى سەۋىيەسىنى نامايان قىلىش، ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى مۇكاپاتلاش شەكلىدە ئۆتكۈزگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ 2016-يىلى 8-ئايدا چىقارغان يازما بۇيرۇقى بىلەن، 2016-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدا، ئىلگىرىكى «قوش تىللىق ئوقۇتۇش» نامىدىكى مەكتەپلەردە، قوللىنىپ كېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىدىكى دەرسلىكلەرمۇ پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتابلىرىنىڭ ئورنىغا پۈتۈنلەي خىتايچە دەرسلىك كىتابلار تارقىتىلغان. ئۇيغۇر ئانا تىلىدا دەرس ئۆتۈپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار كەسىپ ئالماشتۇرۇش، خىزمەتتىن توختاش ھەتتا 2017-يىلدىن باشلاپ، ھەر خىل بەتناملار بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ، ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش مەكتەپلىرى» ناملىق لاگېرلارغا قامىلىش ھەتتا تۈرمىلەرگە تاشلىنىش قىسمىتىگە دۇچ كەلگەنىدى. ئەينى چاغدا يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئۇيغۇر نازىرى ساتتار ساۋۇت، ئۇيغۇرچە دەرسلىك تۈزۈش گۇرۇپپىسىدىكى يالقۇن روزىغا ئوخشاش ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىر تۇتاش تۇتقۇن قىلىنىپ، بەزىلىرىگە ئېغىر قاماق جازالىرى بېرىلگەن ئىدى.

«21-فېۋرال دۇنيا ئانا تىلى» كۈنىدە يەنە، خىتايدا «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» دەرسلىكى تۈزگەنلىكى سەۋەبىدىن تۈرمىگە تاشلانغان يازغۇچى يالقۇن روزىنىڭ، ئامېرىكادىكى قىزى تۇمارىس يالقۇنمۇ تۋىتتېردا مەخسۇس يازما ئېلان قىلغان. ئۇ ئۇيغۇر ئانا تىلى دەرسلىكى تۈزگەنلىكى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلانغان دادىسى يالقۇن روزىغا ئوخشاش ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە يوقىتىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ ئەھۋالىغا، دۇنيانىڭ جىددىي دىققەت قىلىشىنى چاقىرىق قىلغان.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئانا تىل تەشەببۇسچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى، يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇرچە دەرسلىك تۈزۈشتە ئەڭ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن بىرى. ئۇ ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتايدا ئۇيغۇر ئاتا تىل مائارىپىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى پەقەت ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىلا ئانا تىل تەربىيەسىدىن مەھرۇم قالدۇرۇپ قالماستىن، بەلكى ئانا تىل مائارىپى سېپىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئۇيغۇر تىلى نەشرىياتچىلىقى ئۈچۈنمۇ زور يوقىتىش بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسارىتى ئاستىدىكى ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپى يوقىتىلىۋاتقان شارائىتتا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرى» نى ئېچىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قوغداشتا كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئەركىن سىدىق ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتەپلىرىدە كەمچىل بولۇۋاتقان ئۇيغۇرچە دەرسلىك تۈزۈش ۋە ئۇيغۇر تىللىق ئىلمىي پائالىيەتلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇشىدا بەزى ئەمەلىي خىزمەتلەرنىڭ ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمما ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قوغداشتا، بۇ تىرىشچانلىقلار يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس ئىكەن.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى، ھازىر ھەرقايسى دۆلەتلەردە پىدائىي ھالەتتە داۋام قىلىۋاتقان «ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتەپلىرى» نى شۇ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى رەسمىي تىزىمغا ئالغان مۇنتىزىم مەكتەپلەرگە ئايلاندۇرۇش، ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىنى چەكلەش قىلمىشلىرىنى جىنايەت دەپ بېكىتىپ، ئۇنىڭغا قارىتا خەلقئارالىق جازا تەدبىرلىرى قوللىنىشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭچە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرشۇناش ئالىملارمۇ بۇ جەھەتتە يەنىمۇ كۆپ ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ئىشلىشى كېرەك ئىكەن.

«21-فېۋرال دۇنيا ئانا تىل كۈنى» ئەسلى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا، بېنگالدا ( بانگلادېشتا) يۈز بەرگەن بېنگال تىلىنى قوغداش ھەرىكىتىنى خاتىرىلەش كۈنى بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 1999-يىلى رەسمىي قارار ماقۇللاپ بۇ كۈننى «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» دەپ بېكىتكەنىدى.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارمۇ يىللاردىن بۇيان ھەر خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق بۇ كۈننى خاتىرىلەپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلى 9-ئايدىن بۇيان، ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپىنى بۇيرۇق بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇيغۇر ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى، ئۇيغۇر يازغۇچى شائىرلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇيغۇرچە نەشر ئەپكارلىرىنى ئۇيغۇرچە ئەسەر نەشر قىلىشتىن توختىتىپ، كۆپلىگەن كىشىلەرنى «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى لاگېرلار ۋە تۈرمىلەرگە قامىغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قوغداشنى مەزمۇن قىلغان پائالىيەتلەر تېخىمۇ كەڭ مەزمۇنلار بىلەن ئومۇملىشىشىغا باشلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.