«دۇنيا ئانا-تىل بايرىمى» ۋېرجىنىيەدىكى ئۇيغۇر ئانا-تىل مەكتىپىدە تەنتەنە قىلىندى

0:00 / 0:00

مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئانا تىل مەكتەپلىرىنى ئېچىپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن تەڭ ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. ۋېرجىنىيە شتاتىنىڭ فەيىرفەكس رايونى، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلار نىسبەتەن مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان جاي ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇ ئەتراپتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئۆز ئانا-تىلى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن تەربىيەلەشتە مۇنتىزىم مەكتەپ بولماسلىقتەك قىيىنچىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، سۈرەييە قەشقىرى خانىمنىڭ تىرىشچانلىقىدا 2017-يىلى «مېھرىبان ئانا» ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپى قۇرۇلغانىدى. دەسلەپ 3 سىنىپ بىلەن قۇرۇلغان بۇ ئانا تىل مەكتىپى ھازىرقى 9 سىنىپلىق، ئايرىم 9 ئوقۇتقۇچى، 15 پىدائىي ۋە 100 گە يېقىن ئوقۇغۇچىسى بار بولغان، نىسبەتەن كۆلەملەشكەن بىر مۇنتىزىم مەكتەپ ھالىتىگە كەلدى.

«دۇنيا ئانا تىل كۈنى» تەبرىكلەش پائالىيىتىدە «مېھرىبان ئانا» ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى نومۇر كۆرسەتمەكتە. 2022-يىلى 20-فېۋرال.
«دۇنيا ئانا تىل كۈنى» تەبرىكلەش پائالىيىتىدە «مېھرىبان ئانا» ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى نومۇر كۆرسەتمەكتە. 2022-يىلى 20-فېۋرال.

20-فېۋرال(يەكشەنبە) كۈنى، «مېھرىبان ئانا» ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپىنىڭ، ۋېرجىنيە شتاتىدىكى ئۇيغۇر مەركىزىدە ئۆتكۈزگەن «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» تەبرىكلەش پائالىيىتى باشقىچە قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى. مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىدىن باشقا ئاتا-ئانىلار ۋە كۆپ ساندا ئۇيغۇر جامائىتى مەكتەپكە يىغىلىپ، 23-نۆۋەتلىك دۇنيا ئانا تىل بايرىمىنى ئالاھىدە تەبرىكلىگەن.

ھەر يىلنىڭ 21-فېۋرال كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» قىلىپ بېكىتىلگەن. يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار بۇ كۈننى ئالاھىدە قىزغىنلىق بىلەن ئەھمىيەتلىك ئۇسسۇللاردا ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى كۈچەيتىپ ئاشكارا ھالدا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتقان يېقىنقى يىللاردا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ كۈن، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىلىغا بولغان سۆيگۈسى ۋە ھۆرمىتىنى ئىپادە قىلىدىغان، ۋە ئانا-تىل ھەم مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشقا بولغان ئۈمىد ھەمدە ئىرادىسىنى نامايان قىلىدىغان بىر كۈنگە ئايلاندى.

«دۇنيا ئانا تىل كۈنى» تەبرىكلەش پائالىيىتىدە «مېھرىبان ئانا» ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى نومۇر كۆرسەتمەكتە. 2022-يىلى 20-فېۋرال.
«دۇنيا ئانا تىل كۈنى» تەبرىكلەش پائالىيىتىدە «مېھرىبان ئانا» ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى نومۇر كۆرسەتمەكتە. 2022-يىلى 20-فېۋرال.

«مېھرىبان ئانا» ئانا تىلى مەكتىپىنىڭ مەزكۇر پائالىيىتىگە، ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونى ۋە ئەتراپتىكى ۋېرجىنىيە، ماريلاند قاتارلىق شتاتلىرىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ بۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان پەرزەنتلىرى ۋە بۇ مەكتەپتە ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىۋاتقان بەزى ئامېرىكالىقلار بولۇپ 300 دەك مېھمان قەدەم تەشرىپ قىلغان.

مەكتەپ مۇدىرى سۈرەييە قەشقىرى خانىم ئېچىلىش نۇتقىدا، بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرىغا، ئانا تىل مەكتىپىنىڭ توختاپ قالماسلىقى ئۈچۈن پىدائىي بولۇۋاتقان «ئاتا-ئانىلار كومىتېتى» غا رەھمەت ئېيتقان. ئۇ يەنە ئانا-تىل مەكتەپلىرىنىڭ تەرەققىياتى يالغۇز ئانا تىل مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىغىلا باغلىق بولۇپلا قالماستىن، پۈتۈن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ، ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ قوللىشىغا موھتاج ئىكەنلىكىدەك سەمىمىي تىلەكلىرىنى بىلدۈرگەن.

«دۇنيا ئانا تىل كۈنى» تەبرىكلەش پائالىيىتىدە «مېھرىبان ئانا» ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى نومۇر كۆرسەتمەكتە. 2022-يىلى 20-فېۋرال.

پائالىيەتكە مەكتەپنىڭ ئىلمىي مۇدىرى ۋە ئوقۇتقۇچىسى روشەن خەمىت خانىم رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ رىياسەتچىلىكتىكى تەبىئىي ۋە يۇمۇرىستىك تالانتى بىلەنمۇ ئاتا-ئانىلارنى قايىل قىلغان.

ئۇيغۇرچە مىللىي كىيىملىرى، چىمەن ۋە بادام دوپپىلىرى بىلەن سەھنىگە چىققان ئوماق ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ چۈچۈك ئانا-ئانا تىلدا ئورۇنلىغان ھەر خىل نومۇرلىرى، جۈملىدىن ئوماق قىزلارنىڭ ئورۇنلىغان ئۇسۇلى، ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەخمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئاماننىساخان، نوزۇگۈم، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر قاتارلىق مەشھۇر شەخسلەرنى تەقلىد قىلىپ چىققان ئوماق بالىلارنىڭ چۈچۈك تىلى، چىنتۆمۈر باتۇر درامىسى، ھايۋاناتلار ئويۇنى، ئومۇمى خور، بۆشۈك تونۇشتۇرۇش، ئەجدادلار شەجەرىسى قاتارلىق نومۇرلار ئاتا-ئانىلارنى ۋە ئۇيغۇر جامائىتىنى مەھلىيا قىلغان.

ئاتا-ئانىلار ۋە ئۇيغۇر جامائىتى، پىداكار ئۇيغۇر ئانا-تىل ئوقۇتقۇچىلىرىغا گۈل دەستىلەر تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ئەجرىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي خانىم ۋە شەرىپە خانىم بىرلىشىپ تەييارلىغان ئەتلەس تون سۈرەييە خانىمغا كىيدۈرۈلگەن.

مەكتەپ مۇدىرى سۈرەييە خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ پائالىيەتنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەجرى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە نەتىجىلىرى، ئانا-تىل ئوقۇتۇشىنىڭ، ئانا تىلنى قوغداشتا قانچىلىك مۇھىملىقىنى نامايان قىلغان بولسا، بولۇپمۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆرسەتكەن قىزغىنلىقى، قوللىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تالانتى، جاسارىتىنىڭ ئۆزىگە، ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرى، ئۇيغۇر تىلىمىز دۇچ كەلگەن ھەرقانداق خىرىسنى يېڭىدىغانلىقىدىن ئۈمىد بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۈرۈمچىدىكى 14-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى، «مېھرىبان ئانا» مەكتىپىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى روشەن خەمىت خانىم ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ئوچۇق ئاشكارا چەكلىنىۋاتقان، ئەڭ زور خىرىسقا ئۇچراۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى ئۆز ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ۋارىسلىرى قىلىپ يېتىشتۈرۈشتە ئانا تىل مەكتەپلىرىنىڭ رولىغا سەل قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە زامان ۋە ماكان چەكلىمىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ ئانا تىل مەكتەپلىرىنى تېخىمۇ كۆلەملەشكەن، تېخىمۇ سىستېمىلاشقان، مۇنتىزىملاشقان، كەسىپلەشكەن مەكتەپ ھالىتىگە ئەكېلىش ئۈچۈن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا-تىل ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا ھەممىدىن ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

«مېھرىبان ئانا» ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى، كوۋىد يۇقۇمى مەزگىلىدىمۇ، ئۇيغۇر بالىلىرىغا تور ئارقىلىق دەرس ئۆتۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنىدى. شۇنداقلا بۇ ئانا تىل مەكتىپى، ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدىن كەڭ ئورۇن ئېلىۋاتقان يېقىنقى يىللاردا، ۋاشىنگىتون پوچتىسى، ئامېرىكا ئاۋازى قاتارلىقلار تەرىپىدىنمۇ تونۇشتۇرۇلغانىدى.