خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتى ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كەلمەكتە. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئانا پەرزەنتلىرىگە قارىتا تىل تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، ئانا تىل مەكتىپى ئېچىش ۋە ھەر خىل مەدەنىي، ئىجتىمائىي خىزمەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە.
پارىژ ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى قارمىقىدىكى بىر مائارىپ قۇرۇلۇشى بولۇپ، 2017-يىلى قۇرۇلغان. پارىژ ئانا تىل مەكتىپى فرانسىيىدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئانا تىل مائارىپى بېرىشنى ئاساسلىق نىشان قىلغان بولۇپ، فرانسىيە شەرقشۇناسلىق ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىلىدا تەربىيەلىنىشى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان سىنىپ ۋە ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلىگەن.

پارىژ ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بۇ يىللىق «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» نى ئالاھىدە تەبرىكلىگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقى تونۇشتۇرۇلغان. تەبرىكلەش پائالىيىتىدە ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنى ئانا تىلىنى ئۆگىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈلگەن.
پارىژ ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنىڭ مۇدىرى مەھمۇت ئەھمەد زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى ۋە فرانسىيىدىكى ئۇيغۇر تىلى مائارىپى ھەققىدە توختالدى. ئۇ زىيارىتىمىز داۋامىدا فرانسىيەدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىلىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ۋە ئانا تىل مائارىپىنى ئىگىلەش ئەھۋالى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

نۆۋەتتە پارىژ ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىدە پەرقلىق ياش ۋە تىل سەۋىيەسىدىكى بالىلار ئۈچۈن ئۈچ سىنىپ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ مەكتەپتە ئانا تىل دەرسلىرىدىن باشقا يەنە ئۇسسۇل، مۇزىكا ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى دەرسلىرىمۇ ئۆتۈلمەكتە ئىكەن. مۇتەخەسسىسلەر، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنىتلىرىدە مىللىي كىملىكنى تۇرغۇزۇش ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشتا ئانا تىل ۋە ئۇنىڭغا باغلىق مىللىي مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ ئىتايىن مۇھىملىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر ئانا تىلىنى پۇختا ئۆگىتىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

پارىژ ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى گۈلزىنا قۇربانجان زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئانا تىل مەكتىپىدە ئوقۇش جەريانىدىكى ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەپ ئۆتتى.
گۈلزىنا قۇربانجاننىڭ ئانىسى ھەبىبە خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، بالىلارنى تەربىيەلەشتە ئانا تىل مائارىپىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر ئۇيغۇر ئانا بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى نۆۋەتتە ياۋروپادا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئاۋانگارت قۇرۇلۇشلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇيغۇرشۇناسلىق توغرىلىق ھەر خىل تېمىدىكى يىغىنلارنى ئۇيۇشتۇرۇش، ئۇيغۇرلار ھەققىدە ژۇرنال چىقىرىش، شۇنداقلا ھەر خىل مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ياۋروپاغا ئاڭلىتىشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا.

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇلى دوكتور دىلنۇر رەيھان خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىل ھەققىدىكى پائالىيەتلىرى، خىزمەتلىرى ۋە كەلگۈسى پىلانلىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ئۇرۇنۇشلىرىنى كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىنى پۇختا ئىگىلەش ۋە قوغداشقا بولغان قىزغىنلىق بارغانسېرى كۈچەيمەكتە.