ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار ئۆز ئانا تىلىنى قەدىرلىمەكتە

0:00 / 0:00

تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ تارقالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئەنقەرەدىكى سانى ئانچە كۆپ ئەمەس. تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشايدۇ. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى دۆلەت ئىدارىلىرىدە خىزمەت قىلماقتا. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئىستانبۇل، قەيسەرى، كونيا ۋە باشقا بىر قىسىم شەھەرلەرگە تارقالغان بولۇپ، مەزكۇر 3 شەھەردە ئۇيغۇرلار كۆپرەك جايلاشقان.

ئەنقەرە شەھىرىدىكى ئازغىنا ئۇيغۇرلار 2018-يىلى مەزكۇر شەھەرنىڭ تارىخىدا تۇنجى قېتىم 5 بالىنى يىغىپ، ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قەدىرلەش ۋە پەرزەنتلىرىگە ئۆگىتىشنى مەقسەت قىلىپ، ئۇيغۇر ئانا تىل كۇرسى ئاچقانىدى. مەزكۇر كۇرس COVID-19 ۋىرۇسى تۈپەيلى ئۇزۇن ئۆتمەي ئېتىلىپ قالغانىدى. ئاتا-ئانىلارنىڭ تەلىپى بىلەن مەزكۇر كۇرس 5-مارت كۈنى قايتا باشلاندى. مەزكۇر كۇرسقا باشلامچىلىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى رەنا قاراخان خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىم كۇرسقا 35ت ىن ئارتۇق ئۇيغۇر بالا تىزىمغا ئالدۇرغان.

بۇ توغرىلىق زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى رەنا قاراخان خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەنقەرەدىكى ئانا تىل كۇرسىغا قاتنىشىۋاتقان 35 ئۇيغۇر بالىنىڭ يېشىغا قاراپ 4 سىنىپقا ئايرىغان بولۇپ، ھازىرچە 4 ئوقۇتقۇچى دەرس بېرىۋېتىپتۇ. ئۇ، بۇ ھەقتە توختالدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە ئەنقەرەدە ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاز بولسىمۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا ئۇيغۇرچە ئۆگىتىش ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ئۆگىنىش قىزغىنلىقى بەكلا يۇقىرى ئىكەن. مەزكۇر كۇرستا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان مەخبۇبە خانىم بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

رەنا قاراخان خانىم ئەنقەرەدىكى پىداكار ئانىلارنىڭ بۇ كۇرسىنى ئېچىشدىكى مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇر بالىلارغا ئانا تىلنى ئۆگىتىشلا ئەمەس، مىللىي كىملىكىنى ئۇنتۇلدۇرماسلىق، ئانا تىلىنى قەدىرلەيدىغان ئەۋلاد يېتىشتۈرۈش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئەنقەرەدىكىگە قارىغاندا، ئىستانبۇلدا خېلىلا كۆپ ئىكەنلىكى مەلۇم. ئىستانبۇل ۋە قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار خېلى بۇرۇندىن تارتىپلا بۇ خىل كۇرسلارنى ئېچىپ كەلمەكتە. ئىستانبۇلدا مەلۇم ساندا كارىخانىچى، تىجارەتچى، دوختۇر، سىياسىي ۋە سەنئەت ئەربابلىرى بار.

1950-يىللاردىن كېيىن تۈركىيەگە كېلىپ يەرلىشىپ قالغان بىرىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلار ئاخىرلاشقان بولۇپ، ھازىر 2- ۋە 3-ئەۋلاد ئۇيغۇرلار ئۆز پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئىلگىرىكى كەلگەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ئۇيغۇر تىلى ئاساسەن ئۇنتۇپ كەتكەن، 2009-يىلىدىن كېيىن ئارقىمۇ-ئارقىدىن تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇلارنىڭ سانى ئاشقان. نۆۋەتتە، ئەنە شۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئانا تىلىنى ئۆگىتىش، پەرزەنتلەرنى ئانا تىلىدا مۇكەممەل ئوقۇيدىغان ۋە يازىدىغان قىلىش مۇھىم مەسىلە بولماقتا.