ئىستانبۇلدىكى «ئانا تىل يەسلى» ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا ئانا تىل سۆيگۈسىنى نامايان قىلدى

0:00 / 0:00

1-ئىيۇن كۈنى ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان سەفاكۆيگە جايلاشقان سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى قارمىقىدىكى «ئانا تىل يەسلى ۋە قۇرئان كۇرسى» نىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ ھەر خىل نۇمۇر كۆرسەتتى.

مۇراسىمغا سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى ئەزالىرى، ئۇيغۇر تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا ئانىلىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى ۋە ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلانغان مۇراسىمدا، ئانا تىل يەسلىنىڭ مۇدىرى ئالىمجان سابىرلى ئېچىلىش سۆزى قىلدى.

سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسى قارمىقىدىكى «ئانا تىل يەسلىنىڭ مۇدىرى ئالىمجان سابىرلى سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 1-ئىيۇل، ئىستانبۇل
سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسى قارمىقىدىكى «ئانا تىل يەسلىنىڭ مۇدىرى ئالىمجان سابىرلى سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 1-ئىيۇل، ئىستانبۇل (RFA/Arslan)

مۇراسىمدا سۆز قىلغان جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندى، يەسلىلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئىلىم ئۆگىتىش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، بۇ دەۋانىڭ ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرىدىغان ئىدىيەنىمۇ بىلدۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن بالىلار توپ-توپ بولۇپ سەھنىگە چىقىپ، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى توغرىسىدا ھەر خىل شېئىر، نەسىر ۋە قىزىقارلىق نۇمۇرلارنى تەقدىم قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى سۆيىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتى.

سەفاكۆيگە جايلاشقان سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسى قارمىقىدىكى «ئانا تىل يەسلى ۋە قۇرئان كۇرسى» نىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 1-ئىيۇل، ئىستانبۇل
سەفاكۆيگە جايلاشقان سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسى قارمىقىدىكى «ئانا تىل يەسلى ۋە قۇرئان كۇرسى» نىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 1-ئىيۇل، ئىستانبۇل (RFA/Arslan)

يەسلى مۇدىرى ئالىمجان سابىرلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يەسلىدە بۇ يىل 80 ئەتراپىدا ئۇيغۇر پەرزەنتى تەلىم-تەربىيە ئالماقتا ئىكەن؛ كۆپىنچىسى باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىغا توشمىغان بالىلار بولۇپ، ياش پەرقى بويىچە سىنىپلارغا ئايرىلىپ ئوقۇيدىكەن.

بۇ يەسلىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئاساسلىقى مىللىي ۋە دىنىي قىممەت قاراشلىرىنى تونۇتۇش، ئۇيغۇر تىلىدىن ساۋاد چىقىرىش، قۇرئاندىن ساۋاق بېرىش ھەمدە كۈندۈلۈك تۇرمۇشتا كېرەكلىك بولغان مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆگىتىش قاتارلىق تەلىم-تەربىيە بېرىلىدىكەن.

ئالىمجان سابىرلى بۇ يەسلىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ئەھۋالى ۋە ئانا تىلى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە بولغان قىزىقىشى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەكتەپ باشلاشتىن بۇرۇن ئانا تىل ساۋادىنى چىقارغان بالىلار كەلگۈسىدە ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ قالمايدىكەن؛ ئارىدا بىر مەزگىل ئانا تىلدىكى ئوقۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلەتمىگەن تەقدىردىمۇ، كېيىن چوڭ بولغاندا ئانا تىلىنى تىزلان ئۆگىنىۋالالايدىكەن. بىز ئىلگىرى ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنى كۆزىتىش ئارقىلىق توپلىغان تەجرىبىلىرىمىزدە مۇشۇلارنى ھېس قىلدۇق».

turkiye-ana-til-oqush-03

ئالىمجان سابىرلى ئەپەندى ئۇيغۇر دىياردا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ۋەتىنىمىزدە ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى خەتەر ئاستىدا قالغان ئەھۋالدا، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغدىشى ھەم بۇنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا ئۆگىتىشى ئىنتايىن مۇھىم. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىزمەتنى يەسلى مائارىپىدىن باشلاپ ئېلىپ مېڭىۋاتىمىز؛ يەسلى مائارىپىدىن كېيىنمۇ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇرلارغا خاس بولغان مىللىي ۋە دىنىي چۈشەنچىلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتىمىز».

مۇراسىم جەريانىدا بالىلار گۇرۇپپا ھالدا سەھنىگە چىقىپ، «ئىلىم پەننى سۆيىمەن» دېگەن شېئىرنى ۋە ئاتاقلىق شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىرىنى جاراڭلىق دېكلىماتسىيە قىلىپ مۇراسىمغا قاتناشقۇچى ئاتا-ئانىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

ياش ئىدۇق ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز،

ئەمدى ئاتقا مىنگۈدەك بوپ قالدى ئەنە نەۋرىمىز،

ئاز ئىدۇق مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز،

ئەمدى چوڭ كارۋان ئاتالدۇق قالدۇرۇپ چۆللەردە ئىز.

قالدى ئىز چۆللەر ئارا گاھى داۋانلاردا يەنە،

قالدى نى نى ئارسلانلار دەشتى-چۆلدە قەبرىسىز،

قەبرىسىز قالدى دىمەڭ يۇلغۇن قىزارغان دالىدا،

گۈل-چېچەككە پۈركىنۇر تاڭلا-باھاردا قەبرىمىز.

قالدى ئىز، قالدى مەنزىل، قالدى ئۇزاقتا ھەممىسى،

چىقسا بۇران، كۆچسە قۇملار ھەم كۆمۈلمەس ئىزىمىز،

توختىماس كارۋان يولىدىن گەرچە ئاتلار بەك ئورۇق،

تاپقۇسى بۇ ئىزنى بىر كۈن، نەۋرىمىز-يا ئەۋرىمىز.

مۇراسىم ئاخىرىدا بالىلارغا ھەدىيە تارقىتىلدى ۋە بۇ پائالىيەت قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلاشتى.