15-ئىيۇن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خاس ئانا تىل بايرىمىدۇر

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2020.06.15
awstraliye-2019-ana-til-1.jpg جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى شۇنداقلا ئاتا-ئانىلارنىڭ قاتنىشىشىدا ئۆتكۈزگەن روزا ھېيت ۋە «ئۇيغۇر ئانا تىل كۈنى» پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 8-ئىيۇن، ئادېلايد ئاۋسترالىيە.
RFA/Uchqun

بۇ نۆۋەت، خەلقئارا ئۇيغۇر ئانا تىل كۈنى تېخى يېتىپ كەلمەي تۇرۇپلا، يېقىنقى كۈنلەردىن باشلاپ ئۇيغۇرلار قوللىنىۋاتقان تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە مەخسۇس ئۇيغۇر ئانا تىل كۈنىگە بېغىشلانغان يازمىلار، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئانا تىل بايرىمىغا ئاتىغان تۈرلۈك پائالىيەتلىرى ۋە ئوماق بالىلارنىڭ مەخسۇس ئانا تىل كۈنى بايرىمىغا ئاتاپ ئورۇندىغان ناخشا ئۇسۇل نومۇرلىرى، چۈچۈك ئانا تىلىدا قىلغان دېكلاماتسىيەلىرى كەڭ تارقالدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدىن، مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىدىن، مىللىي ئىرادىسىدىن ئايرىپ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش مەقسىتىدە ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپ» سىياسىتىنى جىددىي يوسۇندا تېزلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە مۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئۆز تىلىنى قوغداش، ئۇنىڭغا ئىگە چىقىشنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن مۇھىم بىر مەسىلە ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قايسى دۆلەتلەردە 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ھەر تۈرلۈك خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىق قىلغانىدى.

شۇ چاقىرىقنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇيغۇرلار، يالغۇز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن 21-فېۋرال «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» نى ئالاھىدە تەبرىكلەپلا قالماي يەنە خەلقئارا مىقياسىدا، ئۆزلىرىنىڭ خاس ئۇيغۇر ئانا تىل بايرىمىنىمۇ ھەر خىل شەكىلدە ئۆتكۈزۈشكە باشلىغانىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا يىللاردىكىدەك 15-ئىيۇن كۈنى «ئۇيغۇر تىلى بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، گەرچە تاجسىمان ۋىرۇس سەۋەبلىك دۇنيا مىقياسىدىكى تەدبىرلەر سەۋەبلىك مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى بۇ نۆۋەتلىك ئانا تىل كۈنىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشى بەلگىلىك چەكلىمىلەرگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە بۇ بايرامغا ئەھمىيەت بېرىشكە چاقىرىپ، ئانا تىلنى قوغداشنى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر مىللىي مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىگە خاس خەلقئارالىق ئۇيغۇر ئانا تىل بايرىمى كۈتۈۋېلىش ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىدىكى ئۇيغۇر ۋە ئامېرىكالىق تەتقىقاتچى خادىملار، ئۇيغۇر ئانا تىل كۈنىنى تەبرىكلەپ مەخسۇس چاتما تەبرىكنامە ئېلان قىلغان.

مەزكۇر بايرامغا بولۇپمۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئانا تىل مەكتەپلىرى ئۈچۈن پىدائىي بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلاردىنمۇ بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلار بولمىسا كېرەك. بۇ ھەقتە شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئاتاقلىق شائىر مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ قىزى زۇلھايات خانىم، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلنى قوغداپ قېلىشتا پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىل ئوقۇتۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشتىن باشقا قىلالايدىغان تەخىرسىز ۋە ئەمەلىي خىزمەتلەر ھەققىدە توختالدى.

مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، مۇھاجرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «ئۇيغۇر ئانا تىل» بايرىمىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى، ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۆتكۈزۈشكە يېتەكلىشى نەتىجىسىدە، چەتئەللەردە تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭمۇ ئۆز ئانا تىلىغا بولغان مۇھەببىتىنى، پەخىرلىنىش تۇيغۇلىرىنى تۈرلۈك شەكىلدە ئىپادىلىمەكتە. يېقىنقى كۈنلەردە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا ئورۇنلىغان دېكلاماتسىيە ۋە ناخشا ئۇسۇللىرى ئاتا-ئانىلارنى تولىمۇ مەمنۇن قىلغان. ئامېرىكا ۋىرجىنىيادىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى 7 ياشلىق مەلىكە نۇر، بۇ ئانا تىل بايرىمىغا ئاتاپ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىچىك دوستلىرىغا سوغا قىلغان. قېنى ئىخلاسمەنلەر بىزمۇ بىرلىكتە ھۇزۇر ئالايلى:

خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بېرى گەرچە ئۇيغۇر ئانا تىلىنى مائارىپتىن سىقىپ چىقىرىپلا قالماي، ئۇنىڭ بىر ئاكادېمىك سەۋىيەدىكى مۇكەممەل گۈزەل تىل ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىشلىتىلىشى ھەم مەۋجۇتلۇقىغا نېگىزلىك خىرىس پەيدا قىلىۋاتقان بىر پەيتتە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇتۇقلىرى سۈپىتىدە بۇ يىل 26-فېۋرال، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تور سىستېمىسى بولغان گۇگۇل، ئۇيغۇر تېلىنى گوگۇل تەرجىمە سىستېمىسىدىكى 108 خىل تىل قاتارىدا «گوگۇل تەرجىمان» يۇمتالىغا قوشقانلىقىنى تىلغا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىنگلىز تىلى قاتارلىق باشقا چوڭ تىللارغا ئوخشاش سۆز بايلىقى مول، زامانىۋى پەن-تېخنىكا ئاتالغۇلىرىنىمۇ بىمالال ئىپادىلىيەلەيدىغان تىل ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاندى.

ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر مائارىپى، ئۇيغۇر ئەۋلادلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ خەۋپى ۋە ئېغىر بېسىمىغا دۇچ كەلگەن بۈگۈنكى كۈندە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار بولسا ئۇيغۇر ئانا تىلنى قوغداش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلۈكىنى بارغانچە تونۇپ يەتمەكتە ؛ ئۇلار خىتاي سىياسىتى تۈپەيلى ئۇيغۇر تىلى ئۇچراۋاتقان بۇزغۇنچىلىقلارغا قارشى، قۇتقۇزۇش يوللىرى ئۈستىدە تەدبىر ۋە تىرىشچانلىقلارنى توختاتماي داۋام قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.