15-ئىيۇن كۈنى «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى»، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە بايانات ئېلان قىلىش ۋە باشقا پائالىيەتلەر ئارقىلىق، «ئۇيغۇر ئانا تىلى كۈنى» نى قۇتلۇقلىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى رەسمىي بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل چەكلىمە سىياسەتلىرى سەۋەبىدىن ئېغىر خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قوغداش ئۈچۈن، ھەر يىلى 15-ئىيۇن كۈنىنى «خەلقئارا ئۇيغۇر ئانا تىلى كۈنى» دەپ خاتىرىلەشنى قارار قىلغانىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ يىل 15-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يوقىتىلىش ئوبيېكتىغا ئايلانغان ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قوغداشنى تەكىتلىدى.
ئۇيغۇر ئانا تىلى يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويغان ھەر خىل چەكلىمىلەر سەۋەبىدىن، ئېغىر خىرىسقا دۇچ كەلگەنىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى 1990-يىللارنىڭ ئاخىرى، دەسلەپ خىتاي ئۆلكە شەھەرلىرىدە «شىنجاڭ سىنىپلىرى» نى قۇرۇش، 2000-يىللارنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر دىيارىدا «قوش تىللىق سىنىپلار» نى تەسىس قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى خىتاي تىلىدا تەربىيەلەشنى يولغا قويدى. ھالبۇكى 2016-يىلى 9-ئايغا كەلگەندە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى، يەسلى، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە «دۆلەت تىلى ئوقۇتۇشى» نامىدا خىتاي تىلى ئوقۇتۇشىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويغان ئىدى.
مانا شۇنداق ئەھۋالدا ھەرقايسى ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ يېتەكلىشىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى قوغداش ھەرىكىتى باشلاندى. دەسلەپكى مەزگىللەردە ھەرقايسى دۆلەتلەردە تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار پەرزەنتلىرىگە ئائىلىدە ئۇيغۇر ئانا تىلىنى ئۆگىتىشنى بالا تەربىيەسىدىكى مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى قىلدى. كېيىنكى مەزگىللەردە بولسا ئۇيغۇرلار نىسبەتەن كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردە ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرىنى تەسىس قىلىش، ئۇيغۇر ئانا تىلى مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش تەشەببۇسى بارغانچە كۈچەيدى.
ئۇيغۇر ئانا تىلى مائارىپى تەشەببۇسچىلىرىدىن، ئامېرىكىدىكى ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئىنژېنېرى، دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى 2000-يىللاردىن باشلاپلا چەتئەللەردە ئانا تىلى مائارىپىنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلىپ كۆپلىگەن ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرى.
ئەركىن سىدىق ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر تىلى دۇچار بولۇۋاتقان خىرىسلار، خىتاي نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدا ئانا تىلدا مائارىپنى چەكلىدى؟ ئۇيغۇر تىلىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار قانداق ئەمەلىي خىزمەتلەرنى نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟ دېگەن مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئالدى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر توغرىسىدا توختالدى.
ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يوقىتىش ئوبيېكتىغا ئايلانغان «ئۇيغۇر ئانا تىلى» نى قوغداپ قېلىش ھەرىكىتى نۆۋەتتە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئۇيغۇر ئانا تىلى تەربىيەسىنى كۈچەيتىشى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ھالقىلارنىڭ بىرى ئىكەن.
ئەركىن سىدىق ئەپەندى يەنە ئۇنىڭ تەشەببۇسىدا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر پروجېكت فوندى» نىڭ ئەمەلىي خىزمەتلىرى ھەققىدىمۇ توختالدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2019-يىلى تەسىس قىلىنغان «ئۇيغۇر پروجېكت فوندى»، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان «ئۇيغۇر تور ژۇرنىلى»، «ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئېپى» تارقىتىش ۋە «ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش» پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق ئەمەلىي خىزمەتلەرنى قىلماقتا ئىكەن.
ئەركىن سىدىق ئەپەندى يەنە ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردە ئانا تىل مەكتىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتابلارنى تۈزۈش، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا ئۇيغۇرچە ئۆگىتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنىمۇ تەكىتلىدى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.