تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە 11-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە «5-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى يازغۇچىلار قۇرۇلتىيى» چاقىرىلدى. قۇرۇلتايدا خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە ئاپتونومىيە قانۇنىدا ئورۇن ئالغان ئانا تىلدىكى مائارىپ ھەققىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قايتۇرۇپ بېرىلىشى توغرىسىدا قارار ماقۇللاندى.
قۇرۇلتايغا ئەزەربەيجان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، رۇسىيەدىكى تۈركىي مىللەتلەر، كوسوۋو ۋە ماكېدونىيە قاتارلىق 19 دۆلەتتىن كەلگەن يازغۇچى ۋە شائىرلاردىن بولۇپ 100 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلدى. قۇرۇلتاي ئەھلى 5 گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، قارار ماقۇللىدى. قاراردا خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە 1984-يىلىدا قوبۇل قىلىنغان ئاپتونومىيە قانۇنىدىكى ئانا تىلدا مائارىپ ھەققىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ئۈچۈن تۈرك دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى تەلەپ قىلىنغان.
مەزكۇر يىغىننى 1986-يىلى قۇرۇلغان تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى ھېسابلىنىدىغان قىسقارتىلغان ئىسمى ‹ئىلەسام› يەنى ئىلىم ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەر ساھىبلىرى بىرلىكى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا تۈركىيە ساياھەت ۋە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى رەھبەرلىرى، ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئىدارە-جەمئىيەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.

قۇرۇلتايدا ئالغان قاراردا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە تۈرك دۇنياسى كۇتۇپخانىسى قۇرۇش، كۇتۇپخانىلارغا بارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىلىدا كىتابلارنى قويۇش، رومان ۋە شېئىر كىتابلىرىنى ھەر قايسى تۈركىي تىللارغا تەرجىمە قىلىشقا ئوخشاش ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىلىق بولغان بىر قاتار تېمىلار قارارغا كىرگۈزۈلگەن.
يىغىننىڭ كۈن تەرتىپىگە بىنائەن يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا يىغىندا ئېلىنغان قارارلارنى قۇرۇلتاينىڭ خاتىرىلەش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان فۇندا ئارگۇن خانىم ئوقۇپ ئۆتتى. قارارنىڭ 11-ماددىسىدا مۇنداق دېيىلگەن: «تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ سىرتىدا قالغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىي قانۇنىدىكى ھەق-ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشى، بولۇپمۇ ئانا تىلدا مائارىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ئۈچۈن تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ كۈچ چىقىرىشى، تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئانا تىلىنى ئۆگىنىشى ۋە مىللىي كىملىكىنى قوغداپ قېلىشى ئۈچۈن تۈركىيە باشتا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ياردەم بېرىشى، ئانا تىل دەرسلىك كىتابى، تىل ئۆگىنىش ئۈچۈن سىن-كۆرۈنۈشى، ھۆججەتلىك فىلىملار ۋە تىل ئۆگىنىش ئۈچۈن قوشۇمچە ماتېرىياللار تەييارلاش قارار قىلىندى».
بۇ قۇرۇلتاي ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان داڭلىق تۈركولوگ، پېنسىيەگە چىققان پروفېسسور ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى مۇنداق دېدى: «قۇتادغۇ بىلىكنىڭ تاشكەنتتىكى قول يازمىسى تۈركىيەدە نەشر قىلىندى. ناھايىتى ياخشى ئىش بولدى. مەخمۇد قەشقىرىنىڭ ‹تۈركىي تىللار دىۋانى› ناملىق ئەسىرىنى بىز تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن نەشر قىلدۇرغانىدۇق. كېيىنچە باشقا دۆلەتلەردىمۇ ئارقا-ئارقىدىن نەشر قىلىندى. بۇ توغرىلىق نۇرغۇن تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلدى. بۇ ئالەمشۇمۇل ئەسەرلەر يېزىلغان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ تىللىرى چەكلەندى. ئۇلارنىڭ ئانا تىلدا مائارىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۈرك دۆلەتلىرى ۋە تۈركىي خەلقلەر خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم پەيدا قىلىشى كېرەك».

يىغىن ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئىلىم ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەر ساھىبلىرى بىرلىكى رەئىسى مەھمەد نۇرى پارماقسىز ئەپەندى، بۇ قۇرۇلتايدا ماقۇللانغان قارارلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيەدىكى ئەلچىخانىلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا خەت يازىدىغانلىقىنى، بۇ ھەقتە قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «پەقەتلا مۇستەقىل بولغان تۈركىي مىللەتلەرلا ئەمەس، بارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئاپتونوم رايونلىرى بار دۆلەتلەرنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىغىمۇ بۇ قارارنى يوللايمىز. خىتاي ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەردىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئانا تىلدا مائارىپى چەكلىمىگە ئۇچراۋاتىدۇ. بۇ دۆلەتلەر دۇنيانى ئالداشقا تىرىشىۋاتىدۇ، لېكىن بىزنى ئالدىيالمايدۇ. بۇ دۆلەتلەر تور دۇنياسىغا ئىشىكىنى ئېتىۋالدى. قىلمىشلىرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆرۈشىنى توسىۋېلىۋاتىدۇ. ئەمما بۇنى يوشۇرالمايدۇ».
ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز ئالدى بىلەن ئۇيغۇر تۈركلىرىگە ھەقىقىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز. ئەركىنلىكىنى بەرسۇن. ئۇيغۇرلار ئالدى بىلەن ھەقىقىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولالىسا، كېيىنچە مۇستەقىللىققا ئېرىشەلەيدۇ. تۈرك دۇنياسى كۈچلۈك بولسا ئۇيغۇرلارمۇ ھەق-ھوقۇقىغا ئىگە بولالايدۇ».
نۇرغۇن ئۇيغۇر ئىلىم ئادەملىرى ۋە يازغۇچىلار تۈرمىدە بۇ ھەقتە نېمىلەرنى قىلماقچىسىز؟ دېگەن سوئالىمىزغا مەھمەت نۇرى پارماقسىز ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «بىز تۈرمە ۋە لاگېردىكى ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە ئىلىم ئىنسانلىرىنىڭ تراگېدىيەسىنى تۈرك دۇنياسىغا ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتىمىز. ئۇلار ئەركىنلىكىگە ئېرىشكىچە بارلىق كۈچىمىز بىلەن بۇنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىمىز».
«5-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى يازغۇچىلار قۇرۇلتىيى» ئىككى يىلدا بىر قېتىم چاقىرىلىدىغان بولۇپ، 6-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينى 2025-يىلىدا ئۆزبېكىستان يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنت شەھىرىدە چاقىرىش قارار قىلىندى.