قىرغىزىستاندا ئانا تىل بايرىمى خاتىرلەندى
2020.02.21
21-فېۋرال كۈنى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئىدارىسىغا جەم بولۇپ، خەلقئارا ئانا تىل كۈنىنى خاتىرلىدى. مەزكۇر پائالىيەتكە قىرغىزىستان خەلق بىرلەشمىسى كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئابدۇغېنى ئەركىبايېف، مۇئاۋىن رەئىسى زوھرە شىداكوۋا شۇندالا ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋەكىللىرى، «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئاكتىپ ئەزالىرى ۋە بىر قىسىم ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى.
بۇ يىللىق ئانا تىل بايرىمى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلدى. مەزكۇر مۇراسىمغا ئالا-تۇۋ، كەڭ-بۇلۇڭ، لېبېدىنوۋكا ۋە شەرق يېزىلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇگۇچىلىرى قاتناشتى. ئۇلار ئۇيغۇر تىلىدا قىسقا شېئىرلارنى ئوقۇدى ھەم ئۇيغۇر مىللىي ئۇسۇللىرىنى ئورۇندىدى.
تەنتەنىلىك مۇراسىم «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى مەدەنىيەت بۆلۈمىنىڭ باشچىسى گۈلناز مەخسۇتوۋانىڭ رىياسەتچىلىگىدە ئېلىپ بېرىلدى. مۇراسىم داۋامىدا ئانا تىلنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا نۇرغۇن نۇتۇقلار سۆزلەندى. قىرغىزىستان خەلق بىرلەشمىسى كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئابدۇغېنى ئەركىبايېف سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ قەدىمىي خەلقرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ تىل، يېزىك ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنىڭ تولىمۇ ئۆزگىچە ھەم رەڭدار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
«ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەسقەر قاسىمى ۋە «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ باش مۇھېررىرى ئەكبەرجان باۋۇدۇنوفلار قاتناشقۇچىلارغا قىزغىن تەشەككۈر بىلدۈرۈپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر تىلىدا پەھرىي يارلىقلارنى تەقدىم قىلىشتى.
شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، قىرغىزىستان مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇر تىلى سىنىپلىرى يوق. ئەمما شۇنداق بولسىمۇ ئۇيغۇر مۇەللىملەر بالىلارغا ئۇيغۇر تىلىدا شېىرلارنى يادلىتىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ئۇنۇتماسلىقى ئۈچۈن مەزكۇر مۇراسىمغا باشلاپ كېلىشىپتۇ.
ئۇلار لېبېدىنوۋكا يېزىسىنىڭ مەكتىپىدىكى ماتېماتىكا مۇئەللىمى رەيھان مۇساخانوۋا، كەڭ بۇلۇڭ يېزىسىنىڭ مەكتىپىدىدىكى ئابدۇساللام غاپپار مۇئەللىم، ئالا-تۇۋ يېزىسىدىكى مەكتەپ مۇەللىمى ۋە شەرق يېزىسىنىڭ مەكتىپىدىكى رۇس تىلى مۇئەللىمى رانا قاسىموۋالاردۇر. بالىلار كۆپىنچە ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۇيغۇر دىيارى توغرىسىدىكى شېىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلىشتى.
رادىيومىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كەڭ بۇلۇڭ يېزىسىدىكى مەكتەپ مۇئەللىمى ئابدۇسالام غاپپار بۇنىڭدىن كېيىن قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىدا ئۈمىدى بارلىقىنى ئىزھار قىلدى.
مەزكۇر مۇراسىمغا قاتناشقان «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئاياللار كېڭىشىنىڭ ئەڭ ئاكتىپ ئەزالىرىدىن بىرسى نىلۇفەر ھاشىموۋا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىش مۇمكىنچىلىكىدىن مەھرۇم قالغانلىغىدىن ناھايىتى ئەپسۇسلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
نىلۇفەر خانىم يەنە مەزكۇر پائالىيەتنىڭ چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر مۇئەللىملەرگە ۋە ئوقۇگۇچىلارغا ئۆز مىنەتدارلىقىنى ئىزھار قىلدى.
ئانا تىل كۈنىنى خاتىرىلەش مۇراسىملىرى يەنە جالالئاباد ۋە ئوش شەھەرلىرىدىمۇ ئۇيۇشتۇرۇلدى. قىرغىزىستاننىڭ ھەرقايسىي يېزا-شەھەرلىرىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئانا تىل بايرىمىغاا ئۇيغۇر جامائىتى ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، كۆرگەزمىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشتى.