ئەنقەرە ۋە كونيادا «ئانا تىل كۈنى» خاتىرىلەندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020.02.24
Ana-Til-Kuni-Konya-2020-001.jpg كونيادا ئۆتكۈزۈلگەن «ئانا تىل كۈنى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 23-فېۋرال. كونيا، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

21-فېۋرال خەلقئارا «ئانا تىل كۈنى» نى خاتىرىلەش ئۈچۈن 23-فېۋرال يەكشەنبە كۈنى تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە ۋە كونيا شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كىملىكىنى قوغداش ئۈچۈن، ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى.

ئەنقەرەدىكى پائالىيەتنى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرە شەھىرىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى، كونيا شەھىرىدىكى پائالىيەتنى مەركىزى ئىستانبۇلدىكى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان فوندىنىڭ كونيا شۆبىسى تەشكىللىگەن.

كونيا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ زالى بۇ ئالاھىدە كۈن ئۈچۈن مىللىي كىيىم-كېچەكلىرىنى كىيىپ كەلگەن ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەر بىلەن تولغانىدى. 

پائالىيەتكە يەنە مەلۇم ساندا ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتقان تۈرك تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك دوستلىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.

كونيا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە قۇرئان تىلاۋىتى ۋە ئىستىقلال مارشىدىن كېيىن سۇتۇق بۇغراخان فوندى كونيا شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇلئەخەت ئۇدۇن ئەپەندى سۆز قىلىپ، 2019-يىلى كونيا شەھىرىدە ئېچىلغان ئانا تىل سىنىپى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئابدۇلئەخەت ئۇدۇن ئەپەندى ئانا تىل پائالىيىتىگە ئۇيغۇر ۋە تۈركلەردىن بولۇپ 240 ئەتراپىدا كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، پائالىيەتنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن كونيا سەلجۇق ئۇنىۋېرسىتېتىدا تارىخ پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان دوكتورانت ئابدۇرېھىم دۆلەت ئانا تىل ۋە پەرزەنت تەربىيەلەش توغرىسىدا مۇھىم پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، سۆزىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ پسىخىكا، ئەقلىي تەرەققىيات ۋە مىللىي روھ تەربىيەسىدە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى، تىلى ئۆگىنىشنىڭ دىننى چۈشىنىش ۋە مىللىي كىملىكنى قوغداش جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

ئانا تىل كۈنىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن 23-فېۋرال كۈنى كونيادا ئۆتكۈزۈلگەن «ئېلىپبەنى تۈگەتتىم» ماۋزۇلۇق مەزكۇر پائالىيەتتە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ئۆزلىرى تەييارلىغان سەرخىل نومۇرلىرى قاتارىدا ئىستىقلال مارشى ئورۇندىدى ۋە ئانا تىل ھەققىدىكى شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى، ساما ئويناپ، ئۇيغۇر تىلىدا ئىتوت ۋە ناخشىلارنى ئورۇنداپ تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشلىشىغا سازاۋەر بولدى. ئابدۇلئەخەت ئۇدۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە بالىلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىنىش ۋە نومۇرلارنى ئورۇنداش ماھارىتىگە يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى.

ئىگىلىشىمىزچە، تۈركىيەنىڭ كونيا شەھىرىدە 250 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشايدىغان بولۇپ، بۇ پائالىيەتكە ئۇلار ئاساسەن دېگۈدەك قاتناشقان. ئانا تىل كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا ئانا تىل خىزمىتىگە تۆھپە قوشقان جەمئىيەت ۋە شەخسلەرگە مۇكاپات تارقىتىپ بېرىلگەن.

ئىگىلىشىمىزچە، بۇرۇن ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئىستانبۇل، قەيسەرى ۋە ئەنقەرە قاتارلىق شەھەرلەرگە ئورۇنلاشقان بولۇپ، باشقا شەھەرلەردە ئانچە كۆپ ئۇيغۇر يوق ئىدى. 2014-2015-يىللىرى تۈركىيەگە كۆپلەپ ئۇيغۇرنىڭ كۆچۈپ كېلىشى ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ كونيا، بۇرسا، كاستامونۇ ۋە قاھرامانماراش شەھەرلىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ ئاشقان. 

كونيا شەھىرىدىكى ئانا تىل سىنىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى شىرىناي ياسىن خانىم مەزكۇر ئانا تىل سىنىپىنىڭ 2019-يىلى 1-ئايدا ئېچىلغانلىقىنى، قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئوقۇغۇچى سانىنىڭ تېزلا كۆپەيگەنلىكىنى، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئانا تىلنى قوغداشنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ئاتا-ئانىلارنىڭ ئانا تىل سىنىپىغا ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدىكى «ئانا تىل سىنىپى» ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى تارمىقىدا 2 يىل بۇرۇن قۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر سىنىپ ئانا تىل بايرىمىنى قۇتلۇقلاپلا قالماستىن «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت بايرىمى» بىلەن نورۇز بايرىمىنىمۇ تەبرىكلەپ كەلمەكتە. 23-فېۋرال كۈنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئانا تىل بايرىمىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلغۇچىلاردىن بىرى، ئەنقەرەدىكى ئانا تىل سىنىپى مەسئۇلى رەنا قاراخان خانىم ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى 

تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان 10 ئەتراپىدا شەھەر ۋە رايوندا ئانا تىل سىنىپى ئېچىلغان. ئىستانبۇل ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ شەھەر بولۇپ، بۇ شەھەردىكى ئۇيغۇر ئانا تىلى سىنىپلىرى كۆپ يىللاردىن بۇيان پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. نۆۋەتتە، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى بىلەن تەربىيەلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.