9-8-ئىيۇن كۈنلىرى ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە ئىشتاتىنىڭ فايىرفاكىس شەھىرىدىكى «مېھرىبان ئانىلار ئانا تىل مەكتىپى» دە «مىراس تىل يەنى ئۇيغۇر ئانا تىلى ئوقۇتقۇچىلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلگەن.
مەزكۇر يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن «مېھرىبان ئانىلار ئانا تىل مەكتىپى» نىڭ مۇدىرى سۈرەييە ئابلىمىت خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ يىغىن ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىغىن ئانا تىل تەشەببۇسچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ۋە ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى جۇللىارد مۇزىكا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور روبېرت ۋىلسون ئەپەندىلەرنىڭ ئىلتىماسى بىلەن ئامېرىكا تىنچلىق ئىنستىتۇتى تەمىنلىگەن مەبلەغ بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان. يىغىندا بۇ ئىككىيلەننىڭ تەييارلىشىدىكى «غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرىنىڭ ئەھۋالى» ۋە «ئانا تىل ئوقۇتۇش قوللانمىسى» تونۇشتۇرۇلغان. ئۇندىن باشقا ئامېرىكا، كانادا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرى ھەققىدە دوكلات بەرگەن. يىغىندا ئوقۇتقۇچىلار يەنە غەرب دۇنياسىدىكى ئانا تىل ئوقۇتۇشىدا مۇھىم تەكلىپ-پىكىرلەردە بولغان.
سۈرەييە خانىم يەنە مەزكۇر مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى كۈنلۈك يىغىننىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، كانادا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋە ئامېرىكادا پائالىيەت قىلىۋاتقان تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرى تونۇشتۇرۇلغان دوكلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىل ئوقۇتۇشىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشتە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئانا تىل تەشەببۇسچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى، مەزكۇر يىغىننىڭ ئېچىلىشىدىكى سەۋەب ۋە يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى» ، «ئوقۇتقۇچىلار ئانا تىل ئوقۇتۇش قوللانمىسى» ۋە ئوقۇتقۇچىلار يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
يىغىندا دوكتور روبېرت ۋىلسون ئەپەندى «مىراس تىل (ئانا تىل) ئوقۇتۇش مېتودى» ھەققىدە مەخسۇس دوكلات بەرگەن بولۇپ، ئۇ، رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئانا تىل ئوقۇتۇش مېتودى ھەققىدىكى تەكلىپ-پىكىرلىرى ۋە قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
روبېرت ئەپەندى ئانا تىل ئوقۇتۇشىدا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇتۇشنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىدە ئاتا-ئانىسى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش پائالىيەتلىرىدە ئۆگەنگەن سۆزلۈكلىرى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتەك مېتودتىن پايدىلىنىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«ئادەتتە مىراس تىلنى يەنى ئانا تىلنى ئۆگەنگۈچىلەر ئىنتايىن كۈچلۈك ئاڭلاش ۋە سۆزلەش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئانا تىل، بۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئېھتىياجلىق بولغان ئەنئەنىۋى تىل. شۇڭا تەلەپپۇز ئىقتىدارى-كەسپىي جەھەتتىن مەن ئۇنى فونولوگىيەلىك ئامبار دەپ ئاتايمەن. ئانا تىلنى سۆزلەشتە تىلىنىڭ توغرىلىقى ئىنتايىن مۇھىم. ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسخانىغا ئېلىپ كەلگەن مەدەنىيەت بىلىملىرىمۇ ئىنتايىن مول. شۇڭا بۇ، مىراس تىل يەنى ئانا تىلنى ئۆگەنگۈچىلەرنى ئاۋاز سىستېمىسى ۋە مەدەنىيەت ئادىتىگە ئانچە پىششىق بولمىغان تىپىك ئىككىنچى تىل ئۆگەنگۈچىلەردىن پەرقلەندۈرىدۇ. شۇڭا مەن ئوقۇتقۇچىلارنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسخانىغا ئېلىپ كەلگەن ماھارەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ تىل ماھارىتىنى كېڭەيتىشتە پايدىلىنىشقا ئىلھاملاندۇرىمەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىلى ھەققىدە يېتىلدۈرگەن ئۆزىگە خاس غەيرىي رەسمىي تىل ماھارىتى ۋە بىر يۈرۈش سۆزلۈكلىرى بار. ئۇلارنىڭ زور كۆپ قىسمى ئائىلىدىكى كۈندىلىك پائالىيەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك. ئوقۇتقۇچىلار بۇ نۇقتىلارنى ئاساس قىلىشى كېرەك. شۇڭا ئەگەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ تاماق ئېتىش ياكى باشقا نەرسىلەرگە مۇناسىۋەتلىك سۆزلۈكلىرى يېتەرسىز بولسا، ئوقۇتقۇچى بۇ نۇقتىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى تىل ماھارىتىنى كېڭەيتىشكە يېتەكلىسە بولىدۇ.»

«مېھرىبان ئانىلار ئانا تىل مەكتىپى» نىڭ ئوقۇتقۇچىسى روشەن خەمىت خانىم، يىغىندا بەرگەن دوكلاتىدا، ئۇيغۇر تىلىنى گىرامماتىكىلىق قائىدە-قانۇنىيەتلەر بويىچە ئوقۇتۇش تەجرىبىسىنى تونۇشتۇرغان.
روشەن خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئانا تىل مەكتەپلىرىدە ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇرچە سۆزلەش ۋە يېزىشنى ئۆگىتىشلا ئەمەس بەلكى ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىنى گىرامماتىكىلىق قائىدە-قانۇنلار بويىچە ئۆگىتىشنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى سىستېمىلىق ۋە مۇكەممەل ئىگىلىشىدە ئۈنۈم ياراتقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز يەنە يىغىنغا ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كېلىپ قاتناشقان ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ زىيارەت قىلدۇق.
ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىدىكى «جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر ئانا تىلى» مەكتىپىدىن يىغىنغا قاتناشقان، مەلىكىزات غەيرەت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا روبېرت ۋىلسوننىڭ «مىراس تىل (ئانا تىل) ئوقۇتۇش تارىخى ۋە ئوقۇتۇش مېتودى» ھەققىدە تەييارلانغان دوكلاتى ۋە ئانا تىل مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇتۇش تەجرىبىسى ھەققىدە بەرگەن دوكلاتلىرى ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىدە مۇھىم پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە بۇ قېتىم يىغىنغا يەنە تور ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشىنى داۋام قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلاردىن كانادادىكى «مەڭگۈ تاش تەربىيەلەش مەركىزى» ، «بىلىمخۇمار تور دەرسخانىسى» نىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى، ئامېرىكانىڭ لوس-ئانژېلېس شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى» نىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئامېرىكادىكى بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن كەلگەن تەتقىقاتچىلارمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇرغان.
يىغىغا كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپى» دىن قاتناشقان گۈلزىنە خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىككى كۈن داۋام قىلغان «ئۇيغۇر ئانا تىلى ئوقۇتقۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دا غەرب دۇنياسىدا ئۇيغۇر ئانا تىلى ئوقۇتۇشىدا، ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەت ۋە رايونلاردا ئانا تىل مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇر تىلىنى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىن باشقا، تېخى بۇ شارائىت ھازىرلانمىغان، ئۇيغۇرلار تارقاق ئولتۇراقلاشقان دۆلەت ۋە رايونلاردا، توردا دەرس ئۆتۈشنىڭمۇ بارغانچە ئومۇملىشىپ، مەلۇم ئۈنۈم يارىتىلغانلىقى ھەققىدىمۇ دوكلات بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.