دۇنيا ئانا تىلى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۇيغۇر ئانا تىلى توغرىسىدا تور سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2022-02-22
Share
دۇنيا ئانا تىلى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۇيغۇر ئانا تىلى توغرىسىدا تور سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئۇيغۇر ئانا تىل توغرىسىدىكى تور سۆھبەت يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى فېۋرال.
RFA/Arslan

دۇنيا ئانا تىلى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن يوقىلىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئانا تىلى توغرىسىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن تور سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېىميەسى رەھبەرلىرى 20 ۋە 21-فېۋرال كۈنى ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم تور سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر ئانا تىلى ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىرقىسىم ئوقۇتقۇچىلار بىلەن تور سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى.

20-فېۋرال كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «ئانا تىل گۈلزارى سۆھبەت پروگراممىسى» دېگەن تېمىدىكى تور يىغىنىغا ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابىدە ئابباس نەسردىن رىياسەتچىلىك قىلدى. تور سۆھبەت يىغىنىغا ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ قارمىقىدىكى گېرىمانىيە ئۇيغۇرىيە ئانا تىلى مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى سالامەت ھاشىم، پەرىدە نىياز قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلار قاتنىشىپ ئۇيغۇر ئانا تىلى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئۇيغۇر ئانا تىل توغرىسىدىكى تور سۆھبەت يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى فېۋرال.

ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى پەرىدە نىياز مۇئەللىم ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇت بولۇش بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە «تىل يوقالدى دېمەك گەپ مىللەت يوقالدى دېمەكتۇر» دېدى.

پەرىدە خانىم تىل مەسىلىسى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئانا تىل بىلەن سۆزلەيدىغان، ئانا تىل بىلەن تەپەككۇر قىلىدىغان سەۋىيەگە كەلتۈرمىگەن تەقدىردە ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ چەتئەل تىلى بىلەن سۆزلەيدىغان بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تور يىغىنىدا سۆز قىلغان ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى سالامەت ھاشىم مۇئەللىم، ئۆسمۈرلەرگە ئۇيغۇر ئانا تىلىنى ئۆگىتىش بىلەن بىرگە ۋەتەنگە بولغان ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈنمۇ دەرس ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە «چۈنكى چەتئەللەردە يات مۇھىت، يات بىر تىل، يات بىر مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىدە بالىلار ئۇيغۇرلۇقنىڭ روھىنى، ۋەتەننىڭ نېمىلىكىنى تولۇق ھېس قىلىپ بولالمايدىكەن»، دېدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 21-فېۋرال كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «ئانا تىل ئوقۇتۇشتىكى پىداكار ئوقۇتقۇچىلار بىلەن سۆھبەت دېگەن تېمىدىكى تور يىغىنى» غا دوكتۇر مەغپىرەت كامال خانىم رىياسەتچىلىك قىلدى.

بۇ پروگراممىغا قازاىستاننىڭ ئالمۇتا ۋىلايىتى كىچىك ئاقسۇ ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپىدىن رۇقىيەم ئىسمائىل، ئامېرىكا ۋىرىجىنىيە شتاتىدىكى ئانا تىل مەكتىپىدىن روشەن خەمىت، ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپىدىن دوكتۇرانت رابىيگۇل قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلار قاتنىشىپ ئۇيغۇر تىلى توغرىسىدا توختالدى.

تور سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلغان ئالمۇتا كىچىك ئاقسۇ ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپىدىن رۇقىيەم ئىسمائىل مۇئەللىم، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىشتا ئانا تىلىنىڭ رولىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە ئانا تىلىدا ئوقۇغان بالىلارنىڭ ئۆزلىرىنى مەدەنىيەت ھەم ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قوغدىيالايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

پروگرامما رىياسەتچىسى دوكتۇر مەغپىرەت كامال خانىم، ئانا تىل مىللەتنى بىرلەشتۈرىدىغان ئەڭ چوڭ ئامىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا ۋىرىجىنىيە شتاتىدىكى ئانا تىل مەكتىپىدىن روشەن خەمىت مۇئەللىم ئۇيغۇر تىلى توغرىسىدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ بۈگۈنكى كۈنلەردە ئوچۇق-ئاشكارا چەكلىنىش ھالىتىگە كەپ قالغانلىقىنى ۋە زور بېسىملارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ھەم ئۇيغۇر تىلىنىڭ يوقىلىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

روشەن خەمىت خانىم سۆزىدە يەنە ئۇيغۇر تىلىنى ئائىلىدە بالىلارغا ئۆگىتىش ۋە سۆزلىشىش بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىشنىڭ كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر تىلى مائارىپىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتا ئىكەنلىكىنى، سېستىمىلاشقان ئانا تىل مائارىپىنى بەرپا قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇرانت رابىيگۇل سۆز قىلىپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئانا تىل مەكتىپى بولۇشى كېرەكلىكىنى، ئانا تىلىنى قوغداشنىڭ زۆرۈر شەرتلىرىدىن بىرىنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلەر بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپلا ئۇيغۇرچە گەپ قىلىشنى سىڭدۈرۈش كېرەكلىكىنى، ئۇيغۇر روھى بىلەن يېتىلدۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت