ئىستانبۇل ۋە كونيادىكى ئۇيغۇر جامائىتى «دۇنيا ئانا تىلى كۈنى» نى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00

«دۇنيا ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن 21-فېۋرال دۈشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدىكى «تاڭنۇرى» تەلىم-تەربىيە مەركىزى ئۇيغۇر ئانا تىلى توغرىسىدا مەخسۇس پائالىيەت ئۇيۇشتۇردى. مەزكۇر پائالىيەتتە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىتىشى، شۇنداقلا مىللىي كىملىكىنى داۋاملىق ساقلىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى تەشەببۇس قىلىندى.

بۇ پائالىيەتكە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال ۋە ئۆسمۈرلەر بولۇپ، 300 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. پائالىيەت ئالدى بىلەن «قۇرئان كەرىم» تىلاۋىتى، ئاندىن شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈركىيەنىڭ «ئىستىقلال مارش» لىرىنى ئوقۇش بىلەن باشلاندى.

«دۇنيا ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى «تاڭنۇرى» تەلىم-تەربىيە مەركىزى ئۇيغۇر ئانا تىلى توغرىسىدا ئۇيۇشتۇرغان مەخسۇس پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 21-فېۋرال، تۈركىيە.
«دۇنيا ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى «تاڭنۇرى» تەلىم-تەربىيە مەركىزى ئۇيغۇر ئانا تىلى توغرىسىدا ئۇيۇشتۇرغان مەخسۇس پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 21-فېۋرال، تۈركىيە.

پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستان «نۇزۇگۇم» ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر، «تاڭنۇرى» تەلىم-تەربىيە مەركىزىنىڭ مەسئۇللىرىدىن شەمشىنۇر خانىم قاتارلىقلار سۆز قىلدى. ئۇلار سۆزىدە «دۇنيا ئانا تىلى كۈنى» نى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئانا تىل تەربىيەسىنى كۈچەيتىشىنىڭ زۆزرۈرلىكىنى، چەت ئەللەردە چوڭ بولۇۋاتقان كېيىنكى ئەۋلاد ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشى ۋە داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپلىرىگە ئەۋەتىشنى خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان بىر جەڭ دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ھازىرقى ۋاقىتتا پەرزەنتلەرگە ئانا تىلنى پۇختا ئۆگىتىش، كەلگۈسىدە قۇرۇلماقچى بولغان مۇستەقىل بىر دۆلەتنىڭ تىل-يېزىقى، مىللىي كىملىكى ۋە ئىجتىمائىي ئاساسىنى قۇرۇپ چىقىشنىڭ باشلانغۇچ قەدىمىدۇر، دېدى.

21-فېۋرال دۈشەنبە كۈنى يەنە سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى كونيا شۆبىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «ئېلىپبەنى تۈگەتتىم» دېگەن تېمىدا «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» نى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى كونيا شۆبىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «ئېلىپبەنى تۈگەتتىم» دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزۈلگەن «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» نى تەبرىكلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 21-فېۋرال، تۈركىيە.
سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى كونيا شۆبىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «ئېلىپبەنى تۈگەتتىم» دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزۈلگەن «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» نى تەبرىكلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 21-فېۋرال، تۈركىيە. (RFA/Arslan)

بۇ پائالىيىتتە كونيا شەرقىي تۈركىستان ياش-ئۆسمۈرلەر مەركىزىنىڭ مەسئۇلى، سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورانتى ئابدۇرېھىم دۆلەت، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى كونيا شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن قاتارلىقلار ئېچىلىش سۆزى سۆزلىدى.

دوكتۇرانت ئابدۇرېھىم دۆلەت ئۇيغۇر تىلى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن چەكلىنىپ، يوقىلىش خەۋپىگە دۈچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىش ۋە پەرزەنتلىرىگە ئۆگىتىشكە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ ئۇلۇغ ۋە بۈيۈك خىزمەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلدى.

پائالىيەتتە ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپا ھالەتتە سەھنىگە چىقىپ شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، ساماغا چۈشۈش دېگەندەك ھەر خىل نۇمۇرلار كۆرسەتتى. ئۇلار يەنە مەرھۇم يازغۇچى، شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىرىنى كوللېكتىپ ھالدا جاراڭلىق دېكلاماتسىيە قىلدى.

21-فېۋرال كۈنى يەنە ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» نى تەبرىكلەش پائالىيەت ئېلىپ باردى. پائالىيەتتە ئۆسمۈرلەر ئانا تىل توغرىسىدا ھەر خىل شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلدى ۋە قىسقا سىن كۆرۈنۈشلىرىنى تارقاتتى.