«ئانا يۇرت» رومانىنى قەشقەردە بازارغا سالغان نەشرىيات باشلىقى ئەركىن ئەمەتنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكى دەلىللەندى

0:00 / 0:00

نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇريار فوندى تۇرغۇزغان تۇتقۇندىكى زىيالىيلار تىزىملىكىدە 126-ئورۇننى ئىگىلىگەن نەشرىياتچى ئەركىن ئەمەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى مەلۇم ئەمەس ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار خادىملارغا قارىتا تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، ئۇنىڭ قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ باشلىقلىقىدىن ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نەشرىياتىنىڭ باشلىقلىقىغا يۆتكىلىپ ئىككى ئايدىن كېيىن، 2019-يىلى 7‏-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە نۆۋەتتە تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقانلىقى دەلىللەندى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پىروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى نادىر ئەسەرلەرنى يازغان، تەھرىرلىگەن نەشر قىلغان قەلەم ئەھلىلىرىلا ئەمەس، ئۇنى بازارغا سالغان سودا ئەھلىنىڭمۇ ئامان قالمىغانلىقى ئاشكارىلانماقتا.

دەسلەپتە شىنخۇا كىتابخانىسىنىڭ قەشقەر شۆبىسى، ئۇنىڭدىن كېيىن قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ باشلىقى بولغان ئەركىن ئەمەتنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ئەنە شۇ ۋەزىيەتتىن بىر مىسالدۇر. تۇتقۇندىكى زىيالىيلار تىزىملىكىدە 126-ئورۇننى ئىگىلىگەن ئەركىن ئەمەتنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن قەشقەردىكى ساقچى ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلدۇق.

نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇريار فوندىنىڭ يېتەكچىسى ئابدۇۋەلى ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، 1990-يىللاردا قەشقەردىكى شىنخۇا كىتابخانىسىنى باشقۇرغان ئەركىن ئەمەت، «ئانا يۇرت» رومانى نەشر قىلىنغاندا، روماندىن 5 مىڭ نۇسخىنى تۇنجى بولۇپ قەشقەرگە ئېلىپ كېلىپ بازارغا سالغان ۋە كىتاب تېزلا سېتىلىپ بولغان. ئەينى چاغدا قەشقەرنىڭ كىتاب بازىرىغا نىسبەتەن ھەيران قالارلىق بولغان بۇ نەتىجە ئەركىن ئەمەتنىڭ مەرتىۋىسىنىڭ ئۆسۈشىدە رول ئوينىغان. ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەي كىتابخانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىدىن، باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. 2010-يىللارنىڭ ئاخىرى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىغا باشلىق بولۇپ يۆتكەلگەن ئەركىن ئەمەت، 2018-يىلى 5-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نەشرىياتىغا باشلىق بولۇپ يۆتكەلگەن. ئەمما ئۇ، ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئىلگىرىكى خىزمەتلىرىدىن «مەسىلە» تېپىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان. ئۈرۈمچىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ساقچى خادىمى، ئەركىن ئەمەتنىڭ كىملىكى ۋە ئاقىۋىتى ھەققىدە ھېچقانداق بىر مەلۇماتى يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت» رومانىنىڭ 1-قىسمىنىڭ مۇقاۋىسى
يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت» رومانىنىڭ 1-قىسمىنىڭ مۇقاۋىسى (Open Domain)

ئابدۇۋەلى ئايۇپ مۇناسىۋەتلىك قاناللار ئارقىلىق، ئەركىن ئەمەتنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى توغرۇلۇق ئىككى خىل ئۇچۇر ئالغان؛ بىرى، ئۇنىڭ زوردۇن سابىرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە زور داغدۇغا قوزغىغان «ئانا يۇرت» رومانىنى بازارغا سېلىشى، يەنە بىرى بولسا، ئۇ قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدىكى مەزگىلىدە خالىدە ئىسرائىلنىڭ «ئالتۇن كەش» رومانىنىڭ نەشر قىلىنىشىنى تەستىقلىشى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ، رايوننىڭ ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا يۇقىرىقى ھەر ئىككىسىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى، ۋە بەلكىم، سەۋەبلەرنىڭ بۇنىڭلىق بىلەن چەكلەنمەسلىك ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۈرۈمچىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق ئورگانلاردىن قەشقەرگە خىزمەت گۇرۇپپىسى تەركىبىدە چۈشكەن، سىياسىي قانۇن ساھەسىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان بىرەيلەننىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئەركىن ئەمەت ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇيغۇر ئېلىدە «ئارقىغا قاراش» (خۇيتوكەن» ) ناملىق سىياسىي ھەرىكەت باشلانغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئەركىن ئەمەت 2019 ‏-يىلى 7‏-ئايدا، يەنى قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ 2 ئايدىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇنىڭ تۇتۇلۇشىغا «ئالتۇن كەش» رومانىنىڭ نەشرىگە رۇخسەت بەرگەنلىكى سەۋەب بولغان.

يازغۇچى خالىدە ئىسرائىلنىڭ «ئالتۇن كەش» رومانىنىڭ مۇقاۋىسى
يازغۇچى خالىدە ئىسرائىلنىڭ «ئالتۇن كەش» رومانىنىڭ مۇقاۋىسى (Open Domain)

قەشقەردىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بىر كىشىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەركىن ئەمەتنىڭ ئائىلىسى ئۇنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ كېسىلگەنلىكى، نۆۋەتتە تۈرمىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقانلىقى، ئائىلىسىنىڭ كېسىم ھۆكۈمىنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولسىمۇ، دائىرىلەرنىڭ بېسىمى بىلەن كېسىم مۇددىتى، جازا ئۆتەۋاتقان ئورنى ھەققىدە ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمەيۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ دېيىشىچە، بۇ يىل 65 ياشلارغا كىرگەن ئەركىن ئەمەت، ئىككى پەرزەنتنىڭ ئاتىسى ۋە بىرقانچە نەۋرىنىڭ بوۋىسىدۇر.

يۇقىرىدا قەشقەردە «ئانا يۇرت» رومانىنى بازارغا سالغان، «ئالتۇن كەش» نى نەشر قىلدۇرغان نەشرىيات باشلىقى ئەركىن ئەمەتنىڭ نۆۋەتتە تۈرمىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.